تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ پارلاق داغدام يولى جەزمەن ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ

− جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرايلى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئوبزورچىسى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىدىن ئىبارەت «ئىككى باشلىقلار يىغىنى» ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىدى، جۇڭگو - ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتى پائال ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئافرىقا ئىقتىساد - سودا كۆرگەزمىسى باشلاندى... يەككە تەرەپچىللىك ۋە قورۇقچىلىق باش كۆتۈرگەن، ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈۋاتقان مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يولىدا مېڭىپ، داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان دۇنياغا قىممەتلىك ئىشەنچ قوشۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى.

بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلمىگەن زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە تۇرماقتا. دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىش چوڭ ۋەزىيىتىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ، ئىنسانلارنىڭ تەقدىرى ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك بۇنداق ئۆزئارا زىچ باغلىنىپ باقمىغان، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتى ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك بۇنداق چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ باقمىغان. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمى، ئىشەنچ قىزىل رەقىمى، تىنچلىق قىزىل رەقىمى، تەرەققىيات قىزىل رەقىمى قاتارلىق خىرىسلارمۇ كۈنسايىن كەسكىنلەشمەكتە. ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، ھەمكارلىشىش كېرەكمۇ ياكى قارشىلىشىش كېرەكمۇ، ئېچىۋېتىش كېرەكمۇ ياكى بېكىنىۋېلىش كېرەكمۇ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش كېرەكمۇ ياكى قوشنىلارغا ئورا كولاش كېرەكمۇ، ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى قايسى يولنى تاللاشتىن ئىبارەت تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇۋاتىدۇ.

خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك: ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەتكە قارىتا، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ توغرا تاللىشى. دۇنيا بانكىسى يېقىندا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشى 32 مىليون كىشىنى ئوتتۇرا دەرىجىلىك نامراتلىق ھالىتىدىن قۇتۇلدۇرىدىكەن، يەرشارىۋى سودىنى %6.2 ئاشۇرىدىكەن، يەر شارىۋى كىرىمنى %2.9 ئاشۇرىدىكەن، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش دەل جۇڭگونىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشىنىڭ جانلىق كارتىنىسى.

ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئېلىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش − جۇڭگو ئىدىيەسى، جۇڭگو لايىھەسى ئورتاق مەنپەئەت «تورتى»نى بارغانسېرى زورايتىپ، بارغانسېرى كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى يارىتىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، جۇڭگو ماللىرىنىڭ سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 12 تىرىليون 100 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.1 ئاشتى، تېخىمۇ مۇھىمى، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرگە قىلىنغان ئومۇمىي ئىمپورت - ئېكسپورت %9 ئاشتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس تەسىراتىنى سۆزلەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك، دېدى.

جۇڭگو ھەمكارلىق يەلكىنىنى ئېگىز چىقىرىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىۋاتقان چاغدا، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر يەنىلا نۆل يىغىندىلىق تىركىشىش، بىرى يېڭىش، يەنە بىرى يېڭىلىش قاتارلىق كونا قاراشلارغا پېتىپ قېلىپ ئۆزىنى تارتالماي، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان خەلقئارا سودىنى ئامېرىكا «زىيان تارتىدىغان» سودا دەپ قاراپ، ئەۋزەللىكلەردە بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى «ئادىل بولمىغان رىقابەت» دەپ قاراپ، ھەممىلا يەردە تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش كالتىكىنى ئوينىتىپ، ھوقۇق تەۋەلىكىدىن ھالقىپ باشقۇرۇپ، كىچىك دائىرىدە چەكلىنىپ قالىدىغان سودا قورۇقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ، تەستە ئەسلىگە كەلگەن دۇنيا ئىقتىسادىغا كۆلەڭگە پەيدا قىلدى.

«ھوسۇل ئالماقچى بولغانلار ۋاقىتقا قارار، ئىدارە قىلماقچى بولغانلار ۋەزىيەتكە باقار.» گەرچە خەلقئارا ۋەزىيەت داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش دەۋر ئېقىمىنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدۇ. ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىش كۆرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتنى كۆزلەش، ھەمكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتەك ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلاشقانلىقتىن، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى بەش قىتئەدىن كەلگەن 3600دىن ئارتۇق كارخانىنى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدە 283 تۈرلۈك ئەمەلىي نەتىجە ھاسىل قىلىندى، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى بىر قاتار يېڭى تەدبىرلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ۋەزىيەتكە قارشى ھەرىكەت قىلغاچقا، تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش سىياسىتى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدە نارازىلىق قوزغىدى، ئامېرىكىچە زومىگەرلىك خەلقئارادا تېخىمۇ قاتتىق زەربىگە ئۇچرىدى، ھەتتا ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمۇ بەس - بەستە نارازىلىق بىلدۈردى. جۇڭگو - ئىسپانىيە سودا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كارلوس ۋىللېرس مۇنداق قارىدى: ئامېرىكا تەرەپ قوزغىغان بۇ بىر مەيدان سودا ئۇرۇشىدا، دۇنيا جۇڭگو تەرەپتە تۇرىدۇ، چۈنكى «جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى كەلگۈسى يۆنىلىشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ.» ئەمەلىيەت شۇنى قايتا - قايتا چۈشەندۈرۈپ بەردىكى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش چوڭ ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى، بېكىنمىچىلىك، قاتماللىق ئەڭ ئاخىرىدا تۇيۇق يولغىلا باشلايدۇ. قوش پايدا ئېلىش، ئورتاق پايدا ئېلىش يېڭى ئىدىيەسىنى تىكلەپ، ئۆز مەنپەئىتىنى ئويلىغاندا باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىگە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئۆز تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدەنگەندە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان پارلاق داغدام يول جەزمەن ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ.

«ئاقىللار ئاق كۆڭۈللۈك ۋە تىنچلىققا ئىنتىلىدۇ، نادانلار تالاش - تارتىش ۋە ئۇرۇشقا بېرىلىدۇ.» ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ 5- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، رەئىس شى جىنپىڭ شائىر رۇداكىنىڭ شېئىرىدىن نەقىل كەلتۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى چوڭقۇر. پەقەت ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالغاندىلا، چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى، ياخشى ئىشلارنى قىلغىلى، ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ، بۇ «ئالتۇن ئاچقۇچ»تىن ياخشى پايدىلانغاندىلا، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغىلى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى، تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 27- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى