تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

قومۇل: داخې تاڭچېڭ شەھىرى

شىنجاڭ ئاخبارات لىنىيەسى تورى خەۋىرى (مۇخبىر ساۋ شىنجيا): باركۆل ئويمانلىقىنىڭ تۆۋەن قىسمىدىكى مەركىزىي رايون ـــ داخې بازىرى دۇڭتۇچۇ كەنتىگە يىراق بولمىغان جايدىكى «داخې تاڭچېڭ شەھىرى» يايلاقنىڭ ئۆزگىرىشىگە گۇۋاھ بولۇپ كەلگەن.

كەچكى شەپەق نۇرىدىكى تاڭچېڭ شەھىرى ئادەتتىن تاشقىرى جىمجىت ۋە گۈزەل كۆرۈنىدۇ، قەدىمىي سېپىل تارىخىي ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپمۇ يەنىلا ھەيۋىتىنى ساقلاپ، باركۆل يايلىقىدا ئەگرى-بۈگرى سوزۇلۇپ ياتىدۇ. پۈتۈن دىققەت بىلەن قارىغاندا، ئۇرۇش ئوتى ۋە بوران-چاپقۇننىڭ ئۇپرىتىشلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە بۇ قەدىمكى قۇرۇلۇش يەنىلا ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ.

شەھەر سېپىلىنىڭ ئېگىزرەك جايىدا تۇرۇپ، قەدىمىي شەھەرنىڭ ئەتراپىغا نەزەر سالغاندا، «كونا شەھەر سېپىلى»نىڭ پۈتكۈل دائىرىسىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ، سېپىل خاڭداپ ياسالغان بولۇپ، توپىسى سېرىق رەڭدە. قەدىمىي شەھەر تىك تۆت تەرەپلىك شەكلىدە بولۇپ، ئوتتۇرا قىسمىدا كەڭرەك بىر سېپىل قەدىمىي شەھەرنى شەرق ۋە غەربتىن ئىبارەت ئىككى كىچىك شەھەرگە، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاساسىي شەھەر ۋە قوشۇمچە شەھەرگە ئايرىپ تۇرىدۇ. بۇ ئىككى شەھەر شەرقتىن غەربكە قاتار تۇرىدۇ، ئاساسىي شەھەرنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 210 مېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 180 مېتىر كېلىدۇ. سېپىلنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرى 10 مېتىرغا يېقىنلىشىدۇ، كەڭلىكى 12 مېتىر. جەنۇبىي شەھەرنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا  دۈشمەندىن مۇداپىئەلىنىش سۇپىسىدىن بىرى بار. سېپىلنىڭ تۆت بۇرجىكىدە بۇرجەكلىك پەشتاق بار، ھازىر غەربىي شىمال بۇرجىكى ۋە غەربىي جەنۇب بۇرجىكىلا بىرقەدەر ياخشى ساقلىنىپ قالغان.

تارىخى ئۇزۇن داخې تاڭچېڭ شەھىرىنىڭ سۇ ۋە ئوت-چۆپلىرى يەنىلا مول، كالا-قويلىرى يەنىلا شۇنچە سېمىز ۋە تېمەن، پەقەت ئەينى يىلى تۇرۇشلۇق قوشۇننىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئاشلىق، ئوت-چۆپ بازىسى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مۇنبەت ئېتىزىغا ئايلانغانىدى. قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان داخې تاڭچېڭ شەھىرى يەنە داۋاملىق ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى