تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

تىرناق تەمرەتكىسى بولۇپ قالسا، ئىككىلىسىگە يۇقامدۇ؟

تىرناق تەمرەتكىسى دېگەن نېمە؟

تىرناق تەمرەتكىسى جۇڭيى تېبابىتىدە «غاز تىرنىقى تەمرەتكىسى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىلمىي نامى «تىرناق تەمرەتكىسى» بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بىر خىل تىرناق زەمبۇرۇغ كېسىلىدۇر، ئۇ تېرە تەمرەتكە زەمبۇرۇغى، ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغى ۋە غەيرىي تېرە تەمرەتكە زەمبۇرۇغى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم زەمبۇرۇغلار پەيدا قىلغان تىرناق (بارماق) ياللۇغى، بىر خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك تېرە كېسىلى بولۇپ، يۇقۇشچانلىققا ئىگە. تىرناق تەمرەتكىسىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى تىرناق يۈزى قېلىنلاش، پارقىراقلىقى يوقاپ كېتىش، رەڭگى ئۆزگىرىش، شەكلى ئۆزگىرىش ياكى تىرناق يۈزى بۇزۇلۇشتىن ئىبارەت. قول تىرنىقى، پۇت تىرنىقىنىڭ ھەممىسىدە كېسەللىك قوزغىلىدۇ، پۇت تىرنىقىدا كېسەللىك كۆرۈلۈش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، قۇرامىغا يەتكەنلەردە تىرناق زەمبۇرۇغ كېسىلى كۆرۈلۈش نىسبىتى تەخمىنەن %6تىن %8كىچە بولىدۇ. كۆپ ئۇچرايدىغان تىرناق تەمرەتكىسىنىڭ تۈرلىرى زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىك تىرناق ئاقىرىش كېسىلى ۋە تىرناق ئاستى زەمبۇرۇغ كېسىلىدىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ، تىرناق ئاستى زەمبۇرۇغ كېسىلى بىر قەدەر ئېغىر ھەم جاھىل.

تىرناق تەمرەتكىسى راستتىنلا يۇقامدۇ؟

جاۋابى: شۇنداق. بىمار ئۆزىگە يۇقتۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى باشقىلارغىمۇ يۇقتۇرۇپ قويىدۇ. لېكىن، بۇنىڭمۇ شەرتى بار. بىر بارماق تىرناق تەمرەتكىسىگە گىرىپتار بولغان بولسا، كۆڭۈلشىمەي، ئۆلچەملىك داۋالانمىسا، ئەسلىدىكى تازىلىق ئادىتىنىمۇ تۈزەتمىسە، ئۇنداقتا زەمبۇرۇغلار تەبىئىيلا تىرناقلارغا بىر-بىرلەپ ھۇجۇم قىلىپ، ھامىنى ئون بارماقنىڭ ھەممىسى تىرناق تەمرەتكىسى بولىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا باشقىلارنىڭ بارمىقى بىلەن بارمىقىمىز تېگىشسە ياكى ۋاسىتىلىك ئۇچراشتۇرساق، مەسىلەن، ئاياغ، مۇنچا سايمانلىرى قاتارلىقلارنى ئورتاق ئىشلەتسەكمۇ زەمبۇرۇغلار تارقىلىدۇ. زەمبۇرۇغ بىلەن يۇقۇملانسىلا تىرناق تەمرەتكىسى بولۇشى ناتايىن، مۇھىمى ئۇنىڭغا كۆپىيىش شارائىتى يارىتىپ بەرگەن-بەرمىگەنلىكىگە قاراش كېرەك. يەنە كېلىپ، يۇقۇملانغۇچىلار كۆپىيىش شارائىتى يارىتىپ بەرگەن تەقدىردىمۇ، ئالدى بىلەن قول-پۇت تەمرەتكىسى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ، ئەگەر قول-پۇت تەمرەتكىسىنى داۋالاتمىسا، ئاندىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ تىرناق تەمرەتكىسىگە ئايلىنىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، تىرناق تەمرەتكىسى يۇقىدۇ، ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز كىشىلەر ئاسان يۇقۇملىنىدۇ.

ئادەتتە مۇھىت تازىلىقىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش كېرەك، پۇت تەمرەتكىسى زەمبۇرۇغلاردىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ، زەمبۇرۇغ تېمپېراتۇرا ۋە نەملىكنى خالايدۇ، شۇڭا ئۆي ئىچى ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ ۋە دائىم دېزىنفېكسىيەلەپ، نەم مۇھىتنىڭ كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى زەمبۇرۇغلارغا ئۆسۈش ۋە كۆپىيىش شارائىتى يارىتىپ بېرىشىدىن ساقلىنىپ، شۇ ئارقىلىق تىرناق تەمرەتكىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

تىرناق تەمرەتكىسىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ساقىيىش نىسبىتى تۆۋەن، ئاسان تەكرارلىنىدۇ، چۈنكى تىرناق تەمرەتكىسى كۆپ خىل زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملىنىشقا تەۋە بولۇپ، داۋالاشقا نۇرغۇن قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ. تىرناق تەمرەتكىسىنى داۋالاشنىڭ ئاچقۇچى دورا ئارقىلىق داۋالاش بىلەن فىزىكىلىق داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش. فىزىكىلىق داۋالاش: مەسىلەن، سىرتتىن ئىشلىتىدىغان مەلھەم دورىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن تىرناق ئېكىكى بىلەن ئىمكانقەدەر كېسەل تىرناقلارنى ئېلىۋېتىپ، مۇزلۇق سىركە كىسلاتاسى ئېرىتمىسى ياكى يود تېنكتۇرىسى سۈركەپ تاكى يېڭى تىرناق ھاسىل بولغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇلىدۇ. دورا بىلەن داۋالاش: سىرتتىن ئىشلىتىلىدىغان دورا ۋە ئىچىدىغان دورىغا بۆلۈنىدۇ، سىرتتىن ئىشلىتىلىدىغان دورىلار ئاساسلىقى زەمبۇرۇغقا قارشى دورىلار قوشۇلغان مەلھەم ياكى پۈركۈمە دورىلاردۇر، لېكىن ئالدى بىلەن تىرناقنى يۇمشاتقاندىلا، دورا تىرناق ئىچىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىپ كىرىپ، زەمبۇرۇغلارنىڭ ئۆسۈشىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ. ئىچىدىغان دورىلار قان ئايلىنىش ئارقىلىق تىرناق ئوقۇرىغا بېرىپ، زەمبۇرۇغلارنىڭ ئۆسۈشىنى تىزگىنلەيدۇ، بۇ چاغدا دوختۇرنىڭ رېتسېپ يېزىپ بېرىشىگە توغرا كېلىدۇ، داۋالاش جەريانىدىمۇ يېتەرلىك ئىشلىتىش ھەمدە جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارىنى قەرەللىك ئۆلچەپ تەكشۈرتۈپ، دورىنىڭ ئەكس تەسىرىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوپېراتسىيە قىلىپ تىرناقنى يۇلۇپ داۋالاشقا بولىدۇ، يەككە قوزغىلىشچان تىپلىق تىرناققا بىر قەدەر ماس كېلىدۇ. ئادەتتە قىسمەن ناركوز قىلىنغاندىن كېيىن، كېسەللەنگەن تىرناق يۇلۇۋېتىلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ جاراھەت يۈزى چوڭ، ئاسان قانايدۇ، ئاسانلا يۇقۇملىنىشنى پەيدا قىلىدۇ.

ئاخىرىدا، تىرناق تەمرەتكىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، چوقۇم قول-پۇت تەمرەتكىسىنى داۋالىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك، ئاياغ، پايپاقنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ،قول-پۇتنىڭ قۇرغاق، پاكىزلىقىنى ساقلاش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : mutallip

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش