تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كەلپىن ناھىيەسىدىكى 311 يۈرۈش يېڭىدىن سېلىنغان ئەمىن ئۆي ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر نيۇ خەييەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چېن لىڭ خەۋىرى) «بۇ يەردە نەچچە ئون يىل ياشاپ كۆنۈپ قاپتىمەن، كونا ئۆيلەرنىڭ لىملىرىنىمۇ قۇرت يەپ، ناھايىتى خەتەرلىك بولۇپ قالغانىدى. ھازىر پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرى ھەقىقەتەن ياخشى، ئەمىن ئۆي سالساق يەنە تولۇقلىما پۇلى بېرىدۇ، ئۆزىمىز ئازراق بىر قىسمىنى كۆتۈرسەكلا يېپيېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرەلەيمىز.» دېدى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيەسى گەزلىك بازىرىنىڭ گەزلىك كەنتىدىكى دېھقان ئىسھاق سايىت پۈتۈش ئالدىدا تۇرغان يېڭى ئۆيىگە قاراپ خۇشال ھالدا.

  كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەمەت سايىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كەنتتىكى ئەمىن ئۆيلەر بۇ يىل 2-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ سېلىنغان بولۇپ، ھازىرغىچە، پۈتۈن كەنتتىكى 91 ئائىلىلىكنىڭ يېڭى ئۆيى پۈتكەن، ئاھالىلەر ئۆينى بېزەپلا يېڭى ئۆيىگە كۆچۈپ كىرسە بولىدىكەن. بۇنىڭدىن كېيىن كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئەمىن ئۆي سىياسىتى تەشۋىقات سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىلىرىنى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى سېلىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ ھەر يۈرۈش ئۆيىنىڭ ئۆلچەم كۆرسەتكۈچىگە بىردەك يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش تەلىپىگە يېتىش ئۈچۈن، كەلپىن ناھىيەلىك يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «بىر تۈركۈم تاماملانسا، بىر تۈركۈمنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىپ، بىر تۈركۈم ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈش» پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ھەر قايسى يېزا-بازارلاردىكى تېخنىكا خادىملىرىنى تەشكىللەپ، قۇرۇلۇش تاماملانغان ئۆيلەرنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغان، ئۆي سالغۇچى ئىلتىماس قىلىش، يېزا(بازار)لىق تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، ناھىيەلىك يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى سۈپەت تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش گۇرۇپپىسى ئارىلاپ تەكشۈرۈش پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلغان.

  ھازىر، كەلپىن ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋېلىنغان ئۆلچەمگە يەتكەن يېزا ئەمىن ئۆيى 311 يۈرۈشكە يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى