تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

چەرچەن ناھىيەسى: «كالا سۈتى+ قېتىق» كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش يولىنى ئاچتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر رىزۋانگۈل، لى پېڭيەن فوتوسى، خەۋىرى): 6-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەسى چوڭكۆل يېزىسى ئوتتۇرا ئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى قەمەرخان قۇربان ئەتىگەندىلا ئېرى داۋۇت ئابدۇۋەلى بىلەن بىللە قېتىقلارنى ئوراش، يەشىككە قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. «بۈگۈن ناھىيە بازىرىدىكى تاللا بازىرى يەنە 10 كىلوگىرام قېتىق زاكاز قىلدى، ھېلىمۇ ياخشى خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىزگە ھەقسىز قېتىق ئۇيۇتۇش ماشىنىسى تارقىتىپ بەرگەچكە، مەن قېتىقنى مۇشۇنداق تېز ئۇيۇتالىدىم.» دېدى قەمەرخان ئورالغان قېتىقلارغا قاراپ خۇشال ھالدا.

  داۋۇت ئابدۇۋەلى كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇس، بايىنغولىن ئوبلاستلىق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ چەرچەن ناھىيەسى ئوتتۇرا ئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ئۇ بۇ يىلنىڭ بېشىدىن ھازىرغىچە 600 كىلوگىرامغا يېقىن قېتىق سېتىپ، 7200 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ئۆزىنىڭ قېتىق ئۇيۇتۇش تېخنىكىسىغا تايىنىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كۈنىنى بارغانسېرى ياخشىلىدى. «بىزنىڭ ھازىرقىدەك ياخشى كۈنگە ئېرىشىشىمىز خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ.» ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشى تىلغا ئېلىنغاندا، داۋۇت ئابدۇۋەلى ھاياجانلانغان ھالدا شۇنداق دېدى.

  «ئىلگىرى، كالا سۈتىنى يازدا ساقلاش تەس بولغاچقا، سېتىلىشى ياخشى بولمىغاندا، سېتىپ بولالمىغان كالا سۈتلىرى بۇزۇلۇپ قالاتتى. ھازىر، خىزمەت ئەترىتى تارقاتقان قېتىق ئۇيۇتۇش ماشىنىسى بار بولۇپ، كالا سۈتلىرىنى ساقلىغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە قېتىق ئۇيۇتقىلى بولىدىغان بولدى. يازدا قېتىقنىڭ سېتىلىشى ياخشى، مەن بىر كۈندىلا 10 كىلوگىرام قېتىق سېتىپ، 120 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىمەن.» دېدى داۋۇت ئابدۇۋەلى.

  «ھازىر كەنتتە ئالتە ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى قېتىق ئۇيۇتۇشقا باشلىدى. كېيىنكى مەزگىلدە، بىز داۋاملىق قېتىق ئۇيۇتۇش كۇرسى ئېچىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قاتنىشىشىنى قولغا كەلتۈرىمىز.» دېدى كەنتتە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى راخمان قادىر.

  ئىگىلىنىشىچە، چەرچەن ناھىيەسى چوڭكۆل يېزىسى ئوتتۇرا ئېرىق كەنتى چەرچەن ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىدىن بىر كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايدا بولۇپ، پۈتۈن كەنتتە 584 ئائىلە 2015 ئادەم بار ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇسلار 231 ئائىلە، 762 ئادەم ئىكەن، قانداق قىلىپ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇش، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپىسى بولۇپ قالغان. كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەم بېرىپ مۇقىم بولغان كىرىمنى ئاشۇرۇش يولى تېپىپ بېرىش ئۈچۈن، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى پۈتۈن كەنتتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تۈرگە ئايرىپ ياردەم بېرىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، داۋۇت ئابدۇۋەلىدەك قېتىق ئۇيۇتۇش تېخنىكىسى بار كەنت ئاھالىلىرىنى كەنتتىكى كالا سۈتلىرىنى سېتىۋېلىپ، قېتىق ئۇيۇتۇپ سېتىشقا ئىلھاملاندۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خىزمەت ئەترىتى يەنە 12 مىڭ 900 يۈەن مەبلەغ توپلاپ، تۆت كەنت ئاھالىسىگە تۆت دانە قېتىق ئۇيۇتۇش ماشىنىسى ئېلىپ بەرگەن، ھەمدە ئاكتىپلىق بىلەن ناھىيە بازىرى ئەتراپىدىكى ئاشخانا، كۆكتات دۇكىنى، تاللا بازارلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، قېتىقنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ئاساس سالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى