تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

تۇرپان شەھىرى: خىزمەت ئەترىتى دېھقانلارنىڭ يازلىق يىغىم ئالدىراشلىقىغا ياردەملەشتى

تىيانشان تورى خەۋىرى: سەھەر سائەت 6:00، تاڭ ئەمدىلا سۈزۈلۈشىگە تۇرپان شەھەرلىك ئارخىپ ئىدارىسىنىڭ ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى نەنمېن مەھەللە ئاھالە كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى تەۋەلىكتىكى كۆكتاتچى دېھقانلار بىلەن ئېتىزدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى. تۇرپاندا تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولغاچقا، كۆكتاتلارنى ساقلاش قىيىن ئىدى، خىزمەت ئەترىتى بىلەن كۆكتاتچى دېھقانلار قۇياش كۆتۈرۈلۈشتىن بۇرۇن ئۈزۈۋېلىنغان جاڭدۇلارنى ئاپتوموبىلغا قاچىلاپ يۆتكىمەكچى بولدى.

«بۇنداق ئىنچىكە، يۇمشاق جاڭدۇلارنى ئەڭ ياخشىسى ئۈزمەيلى، يەنە ئۈچ-تۆت كۈندىن كېيىن توملىشىپ ئوبدان پىشىدۇ، شۇ چاغدا ئۈزگەن ئەڭ مۇۋاپىق.» كۆكتاتچى دېھقان ما يۈچىننىڭ جاڭدۇلىقىدا، خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى بىر تەرەپتىن ما يۈچىنغا ياردەملىشىپ جاڭدۇ ئۈزگەچ، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ چاڭدۇ ئۈزۈشتىكى مۇھىم نۇقتىلار ھەققىدە سۆزلىگەن سۆزلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى.

6-ئاي كىرىشى بىلەن، نەنمېن مەھەللە ئاھالە كومىتېتى تەۋەلىكىدىكى جاڭدۇ، چەيزە قاتارلىق كۆكتاتلار ئارقا-ئارقىدىن يازلىق يىغىم مەزگىلىگە كىردى، كۆكتاتلار بالدۇرراق توپ تارقىتىش بازارلىرىغا يەتكۈزۈلسە ياخشى باھادا سېتىلىدۇ. نەنمېن مەھەللىسىدىكى ما يۈچىننىڭ ئائىلىسىدە ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تۆت مو يېرىدىكى جاڭدۇلىرى تېخى ئۈزۈلمىگەنىدى. خىزمەت ئەترىتى بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ جاڭدۇ ئۈزۈشىگە ئاكتىپلىق بىلەن ياردەملەشتى.

قىسقىغىنا ئىككى سائەت ئىچىدە، 200 كىلوگىرامدىن ئارتۇق جاڭدۇنى ئۈزۈش، تاللاش، ئايرىپ باغلاش ۋە ئاپتوموبىلغا قاچىلاش تاماملاندى. ئاپتوموبىلغا لىق بېسىلغان جاڭدۇلارنى كۆرگەن ما يۈچىن مىننەتدار بولغان ھالدا: «بۇ ئىككى كۈندە جاڭدۇلارنىڭ توپ باھاسى توققۇز يۈەنگە ئۆسكەنىدى، جاڭدۇلىرىمنى ئۆزۈم يالغۇز بەك ئاستا ئۈزىمەن، ھېلىمۇ ياخشى خىزمەت ئەترىتى ماڭا ياردەملەشتى، بۇ بىر ئاپتوموبىل جاڭدۇنى چوقۇم ياخشى باھادا ساتالايمەن.» دېدى.

نەنمېن مەھەللە ئاھالە كومىتېتىدا تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 1267 مو بولۇپ، ئۈزۈم ۋە كۆكتات ئۆستۈرۈش ئاساس قىلىنىدۇ. كۆكتات پىشقان پەسىلدە خىزمەت ئەترىتى ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 6 دە دەل ۋاقتىدا ئېتىز بېشىغا بېرىپ، كۆكتاتچى دېھقانلارنىڭ كۆكتات ئۈزۈشىگە ياردەملەشتى. خىزمەت ئەترىتى يەنە ئۆيلىرىدە بىكار قالغان ئاھالىلەرنى كۆكتات ئېتىزلىرىغا بېرىپ ياردەملىشىپ، ئازراق پۇل تېپىۋېلىشقا پائال تەشكىللەپ، ھەم ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى، ھەم كۆكتاتچى دېھقانلارنىڭ كۆكتات ئۈزۈشتىكى بېسىمىنى يېنىكلەتتى، بۇنىڭ بىلەن كۆكتاتلارنىڭ دەل ۋاقتىدا بازارغا سېلىنىپ، بازار پۈرسىتىنى ئىگىلەپ، ياخشى باھادا سېتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.

(تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن يىن لېي تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى