تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

مىكياننى ئاپتاپقا قاقلىسا، تۇخۇمىدىكى ۋىتامىن D مىقدارى يۇقىرى بولىدىكەن

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6-ئاينىڭ 26-كۈنى تېلېگراممىسى: ۋىتامىن D ئادەم بەدىنىنىڭ سۆكەڭ ۋە مۇسكۇل ساغلاملىقىغا پايدىلىق، ۋىتامىن D كەم بولسا راخىت كېسىلى ۋە سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، تۇخۇم ۋىتامىن D نىڭ تەبىئىي مەنبەسى. قانداق قىلغاندا تۇخۇمنى تېخىمۇ كۆپ ۋىتامىن D غا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ؟ گېرمانىيە تەتقىقاتچىلىرى بىر يېڭى ئۇسۇلنى: مىكياننى «ئاپتاپقا قاقلاش» ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاپتاپقا كۆپرەك قاقلىنىش ئادەم بەدىنىنىڭ ۋىتامىن D ھاسىل قىلىشىغا پايدىلىق، لېكىن ئادەم بەدىنىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بەزىدە بېلىق ياكى تۇخۇم قاتارلىق يېمەكلىكلەر ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ۋىتامىن D تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، گېرمانىيە خاللى-ۋىتتېنبېرگ داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېمەكلىكتىكى ۋىتامىن D نى كۆپەيتىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلغان ھەمدە تۇخۇمنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىپ تاللىغان.

مىكياننىڭ بەدىنىدە ۋىتامىن D ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، شۇ ئارقىلىق تۇخۇمدىكى ۋىتامىن Dنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تەتقىقاتچىلار توخۇ كاتىكىگە سۈنئىي «ئاپتاپ ۋاننىسى»— ئۇلترا بىنەپشە نۇرلۇق چىراغنى ئىشلەتكەن. ھەر كۈنى ئالتە سائەت ئۇلترا بىنەپشە نۇر بىلەن يورۇتۇشتا، تۇخۇمدىكى ۋىتامىنD نىڭ مىقدارى ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن ئۈچ ھەسسىدىن تۆت ھەسسىگىچە ئاشقان، ئەمما كېيىنكى بىر نەچچە ھەپتىدە، بۇ سانلىق قىممەت داۋاملىق ئاشمىغان.

تەتقىقاتتىن يەنە بايقىلىشىچە، نورمىدىن سىرت قوشۇلغان ئۇلترا بىنەپشە نۇر بىلەن يورۇتۇش مىكيانغا ھېچقانداق روشەن مەسىلە ئېلىپ كەلمىگەن، ئۇلار ئۇلترا بىنەپشە نۇر چىرىغى ئەتراپىدىكى رايونلاردىن ئۆزىنى قاچۇرمىغان، شۇنداقلا ھېچقانداق ئالاھىدە ھەرىكەتمۇ كۆرۈلمىگەن.

تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: تەجرىبە بۇ خىل مىكياننى ئاپتاپقا قاقلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئادەتتىكى توخۇ كاتىكىدە قوللىنىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئالاقىدار تەتقىقات نەتىجىسى ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ئۆي قۇشلىرى ئىلمى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : mutallip

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى