تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئەسلىي مەقسەت − بۇرچنى ئۇنتۇماي، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 15- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

ئەسلىي مەقسەت − بۇرچنى ئۇنتۇماي، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

«ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى ۋە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى» قاتارلىقلار قاراپ چىقىلدى

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 15 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتى نىزامى»نى تۈزۈش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇن - نىزام، تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاپپارات ئىشتاتىنى قانۇنىيلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تەدبىرى. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتى نىزامى»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، قاتتىق ئىجرا قىلىپ، يانداش قانۇن - نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېزا خىزمىتى نىزامى» پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، «نىزام»نى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى باش تۇتقا قىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 15- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە قىلىنغان قايتا سەپەرۋەرلىك، قايتا ئورۇنلاشتۇرما بولۇپ، ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى يەنە بىر پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۈكسەك ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى ئارقىلىق، باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەشتىن ئىبارەت جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ بۇ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى باشتىن - ئاخىر چىڭ ساقلاپ، ئىنقىلابىي ئىرادىنى مەڭگۈ ساقلاپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، پائال ئىلگىرىلەپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي ئىلگىرىلەش كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاپ، ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىدىيەدىن ئىبارەت بۇ رولنى چىڭ تۇتۇپ، سىياسىي مەنزىل، ئىدىيە مەنزىلى، ئەخلاق مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈپ، سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك. باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش نىيىتى، پارتىيەنى ئويلاش مەسئۇلىيىتى، پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسىنى دائىم كۆڭلىگە پۈكۈپ، «تۆت چوڭ سىناق» «تۆت خىل خەۋپ»نى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇماي، سەككىز جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، «تۆتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، مەسىلىلەرگە ئاڭلىق توغرا قاراپ، ھەقىقىي، ئەمەلىي ھەل قىلىش، سىياسىي چاڭ - توزانلارنى تازىلاپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى كۈچەيتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك. ياخشى ئۈلگە، نەمۇنە بولۇش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولۇش، ئۆزى ئۈلگە بولۇش، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىشتە، ئالدىن ئۆگىنىش - ئالدىن ئۆزگەرتىش، ئەمەلىي - ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرىغا ئۈلگە تىكلەپ بېرىشى، نەمۇنە بولۇشى كېرەك.

يىغىندا «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاپتونوم رايوندىكى مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى ۋە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تىپلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تىپلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش داۋامىدا ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەتلىك - ياراملىق بولۇپ، تۆھپە قوشۇپ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، تىرىشىپ ئەمەلىيەت، خەلق، تارىخنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلارمۇ تەتقىق قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.