تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

2019- يىللىق شىنجاڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى

تولۇق كۇرس 1- تۈركۈمنىڭ نومۇر چېكى ئىجتىمائىي پەننىڭ 510 نومۇر، تەبىئىي پەننىڭ 450 نومۇر بولدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، رايون ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلان سانى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى، قوبۇل قىلىشتىكى ئارخىپ چىقىرىش ئۇسۇلى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ 2019- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ھەرقايسى تۈركۈملەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئارخىپ چىقىرىش كونترول نومۇر چېكىنى ئايرىشنى قاراپ چىقىپ بېكىتتى ھەم ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىجتىمائىي پەن خەنزۇ تىل - يېزىقىدىكى تولۇق كۇرس 1- تۈركۈمىنىڭ نومۇر چېكى 510 نومۇر، تەبىئىي پەننىڭ 450 نومۇر بولدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىنىڭ ھەرقايسى تۈركۈملىرىدە داۋاملىق توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش يولغا قويۇلىدىكەن، 7- ئاينىڭ 8- كۈنى رەسمىي باشلىنىپ، سەككىز تۈركۈم بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، 8- ئاينىڭ 31- كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن. ھەرقايسى تۈركۈملەردە پىلان ئورۇندالمىسا «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى» ھۆكۈمەت تەرەپ تور بېكىتى ئارقىلىق، داۋاملىق ئارزۇ قوبۇل قىلىنىدىكەن، جەمئىي بەش قېتىم توردا ئارزۇ قوبۇل قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. يېقىندا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇرۇش ۋاقتى ھەم ھەرقايسى تۈركۈملەردىكى پىلانى ئورۇندالمىغانلىرىنىڭ ئارزۇ قوبۇل قىلىش ۋاقتى ئېلان قىلىنىدىكەن، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ھەم ئائىلە باشلىقلىرى «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى» «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدارىدا ئېلان قىلىنغان قوبۇل قىلىش جەريانى ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە خىزمەت ھالىتى قاتارلىق ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، تولدۇرغان ئارزۇنى قوبۇل قىلىش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان ئورنى ئىمتىھان بەرگەن ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى ھەم ئائىلە باشلىقلىرىنى مۇنداق ئەسكەرتتى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىلقى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى تولۇق كۇرس ئالدىنقى تۈركۈمىنىڭ توردا ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى سائەت 18دە ئاخىرلىشىدۇ، باشقا تۈركۈمنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 7- ئاينىڭ 3- كۈنى سائەت 18دە ئاخىرلىشىدۇ، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ھەم ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى، ئورۇن تەرتىپى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئارخىپ چىقىرىش نومۇر چېكى، تەڭ دەرىجىلىك ئارزۇ بويىچە ئارخىپ چىقىرىش قائىدىسى قاتارلىق كۆپ جەھەتتىكى ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، ئوبيېكتىپ، ئاقىلانە ھالدا ئارزۇ تولدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا ئارزۇنى ئۆزگەرتىشتىن ساقلىنىپ، تور قىستاڭچىلىقى ياكى جىددىيلىشىپ ئالاقزادە بولۇش سەۋەبىدىن ئارزۇغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنىڭ توغرىلىقىغا تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى