تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

بوران - چاپقۇنغا قارىماي ئارزۇنى كۆزلەپ ئاتلىنىش

− جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرايلى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئوبزورچىسى

يازلىق كۈن توختاش مەزگىلىدە، مۇنداق بىر خەۋەر كىشىلەرگە «خاتىرجەم قىلىش كۇمىلىچى» يېگۈزدى: بۇ يىل دۆلىتىمىزدە يازلىق ئاشلىق جەھەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خاراكتېرلىك ھوسۇلنى ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، مول ھوسۇل ئېلىش مۇقىملىشىپ بولدى. تۈمەنلىگەن ئىشلارنىڭ ئىچىدە، تاماق مەسىلىسى ھەممىدىن مۇھىم. 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن ئاھالىسى بار تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تاماق قاچىسىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ئۆز - ئۆزىدىن مەلۇم. 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا ئامېرىكىلىق ئالىمنىڭ «جۇڭگونى كىم باقىدۇ» دېگەن «بىرائۇن سوئالى»نى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمىزدە، تاشقى دۇنيانىڭ گۇمانىغا قارىتا، جۇڭگو خەلقى جاپالىق ئەمگىكى ۋە ئەقىل - پاراسىتى ئارقىلىق كىشىنى قايىل قىلارلىق جاۋاب بەردى: جۇڭگو دۇنيا تېرىلغۇ يېرىنىڭ %7ىنى ئىگىلەيدىغان تېرىلغۇ يەر بىلەن دۇنيا نوپۇسىنىڭ %22ىنى ئىگىلەيدىغان نوپۇسنى بېقىپ كېلىۋاتىدۇ، ئاچلىققا چىداش، يەيدىغىنى كەم، كىيىدىغىنى ئاز بولۇش قاتارلىق نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىنچىلىق ئومۇمەن كەلمەسكە كەتتى.

ئاچ - يالىڭاچ قېلىشتىن تارتىپ قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن بولۇشقىچە، يەنە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشقىچە، بۇ تارىخىي خاراكتېرلىك غايەت زور ئۆزگىرىش جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىدىغان ئارزۇ يولىنى يورۇتتى. مەيلى پۇقرالارنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقان كۈنلىرى بولسۇن ياكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان ئېرىشكەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر بولسۇن، ھەممىسى ئاسماندىن چۈشكەن ئەمەس، باشقىلار بىزگە ئىلتىپات قىلىپ بەرگەنمۇ ئەمەس، بەلكى مىليونلىغان جۇڭگو خەلقى ئاز - ئازدىن ئىشلەپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش بىزنىڭ خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشىمىزنى پۈتمەس - تۈگىمەس قۇدرەتلىك كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

ئارزۇغا ئىنتىلىش يولى ئەزەلدىن تۈز بولغان ئەمەس، جەزمەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىش جەريانىدا يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش كېرەك. بۈگۈنكى جۇڭگو دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلمەكتە ھەم چوڭلۇقتىن كۈچىيىشكە يۈزلەنگەن ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرماقتا، بۇ مەزگىلدە ئۆسۈپ يېتىلىش باش قېتىنچىلىقى، تىپنى ئۆزگەرتىش تولغىقى كەم بولمايدۇ، شۇنداقلا «ئورمانلىقتا ئېگىز ئۆسكەن دەرەخنى ھامان بوران ئاۋۋال سوقىدۇ» دەيدىغان سىناقلاردىن ساقلىنىش تەس. ئۇنداق ياكى مۇنداق خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا قارىتا، بىز كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئومۇمىي ۋەزىيەت، چوڭ يۈزلىنىشنى ئىگىلەشكە ماھىر بولۇپ، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلىشىمىز كېرەك.

گەرچە جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشى قاتارلىق تاشقى بېسىملار مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرىنى كۆپەيتىۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتەك ئاساسىي ئەھۋالى ئۆزگەرمىدى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىدەك تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشنى كەينىگە قايتۇرغىلى بولمايدۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىشتىكى كۈرەش قەدىمى بىر مىنۇتمۇ توختاپ قالمىدى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ھېلىھەم چوڭ - چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. بىز ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، پۇختا كۈرەش قىلىپ، بوران - چاپقۇنغا قارىماي ئىلگىرىلىسەكلا، ھەرقانداق قىيىنچىلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: «ئەڭ مۇھىمى يەنىلا زېھىن - كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىشىمىز، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىمىزنى ئۈزلۈكسىز زورايتىشىمىز، خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىشىمىز، كاپىتالىزمغا نىسبەتەن ئەۋزەللىككە ئىگە سوتسىيالىزمنى ئۈزلۈكسىز قۇرۇشىمىز، ئۈزلۈكسىز ھالدا تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز، ئەۋزەللىكنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك».

بۈگۈنكى جۇڭگو كۈرەش داۋامىدا ھازىرغا ئۇلاشتى؛ كەلگۈسىدىكى جۇڭگو كۈرەش داۋامىدا يارىتىلىدۇ. ئارزۇغا ئىنتىلىش مۇساپىسىدە، ھەممە كىشى كۈرەشتىكى باش پېرسوناژ، ھەممىسىنىڭ بىر كىشىلىك مەسئۇلىيىتى بار، «شەخس»نى «ئومۇملۇق»قا سىڭدۈرۈشتە، مىڭ چاقىرىملىق مۇساپىدە ئۆركەشلەپ ئېقىپ، سان - ساناقسىز قايتما ئېقىن، تاشقىننىڭ زور كۈچىنى توپلاش زۆرۈر. ئىشچىلار، دېھقانلار قاتارلىق ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ئەمگەكچىلەر تەر تۆكۈپ، تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىش ئورۇنلىرىدا ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى؛ پەن تەتقىقات خادىملىرى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئېگىز چوققىسىغا ئۈزلۈكسىز يامىشىشى؛ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بۆسۈشكە، سىناپ كۆرۈشكە جۈرئەت قىلىپ، قالتىسلىققا ئىنتىلىپ، بازار يېڭى بوشلۇقىنى پائال ئېچىشى؛ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق ئاممىسى ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىشى كېرەك... جۇڭگو كۈچى دېگەن نېمە؟ نەزەرىنى بىپايان جۇڭگو زېمىنىغا ئاغدۇرۇپ، كەڭ خەلق باش چۆكۈرۈپ جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئىشلەش، جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىش، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، تەڭ كۈچ چىقىرىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش دېگەنلىكتۇر، مانا بۇ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئىشلىرىدا ھەممىنى يېڭىش، ھەممىلا ئىشتا غەلىبە قازىنىشتىكى كۈچلۈك تىرەك.

«توققۇز قەۋەتلىك پەشتاقمۇ توپا دۆۋىلەشتىن قوپۇرۇلىدۇ.» مەيلى مەيىن شامال، ئىللىق ئاپتاپ، ياكى دەھشەتلىك دولقۇن بولسۇن، مەيلى ئوڭۇشلۇق ياكى ئوڭۇشسىز شارائىت بولسۇن، مۇلايىم، ئىدراكىي پىسخىكىلىق ھالەتنى، جاسارەتلىك - ياراملىق بولۇش ھالىتىنى ساقلاش، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەش باشتىن - ئاخىر بىزنىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىش، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزدىكى ئۆزگەرمەس رىتىم بولۇپ كەلدى. بۇلۇتلار تىك قىيالار ئارىسىدىن تەمكىن ئۈزۈپ ئۆتىدىغان خەلقئارا ۋەزىيەتتە سالماقلىقنى ساقلاپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، پۇختا قەدەم تاشلاپ ئالغا ئىلگىرىلىسەكلا، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىمىز ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 26- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى