تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

سەي چىرۇڭ: پىدائىي قىسىمنىڭ چاۋشيەن جەڭ مەيدانىدا قۇربان بولغان «باتۇر قوماندان»ى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خېفېي، 6- ئاينىڭ 19- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر باۋ شياۋچىڭ) ھەر يىلى باھار بىلەن ياز ئالماشقاندا، دابيېشەن تاغلىق رايونىنى قاپلىغان كاككۇكگۈللىرى بەس - بەستە پورەكلەپ ئېچىلىدۇ، دابيېشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان تاڭجياخۇي بازىرىمۇ كاككۇكگۈلى بىلەن پۈركىنىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە بۇ يەر داڭلىق قىزىل ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلاندى. جىنجەي ناھىيەسىنىڭ غەربىي شىمال دەرۋازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تاڭجياخۇي بازىرى ئىلگىرى بىر نەچچە قېتىم خېنەننىڭ شەرقىي جەنۇبى ۋە ئەنخۇينىڭ غەربىي شىمالىدىكى قىزىل ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت ۋە ئىنقىلابىي قوراللىق قىسىمنىڭ ھەربىي قوماندانلىق مەركىزى بولغان. پىدائىي قىسىمنىڭ 12- جۈنى 35- شىسىنىڭ مۇئاۋىن شىجاڭى سەي چىرۇڭ دەل مۇشۇ يەردىن ئىنقىلاب يولىغا ئاتلانغان.

سەي چىرۇڭنىڭ ئەسلىي ئىسمى سەي خېڭيۈن بولۇپ، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ جىنجەي ناھىيەسىدىن. 1915- يىلى 3- ئايدا خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئىلگىرىكى شاڭچېڭ ناھىيەسى شاڭنەن سىداۋخې (بۈگۈنكى جىنجەي ناھىيەسىنىڭ تاڭجياخۇي بازىرى)دا بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىق چاغلىرىدا شاڭچېڭ ناھىيە بازىرىدا ئوقۇغان. 1932- يىلى، بۇ يېزىدىكى سىداۋخېدا يېزا قىزىل قوغدىنىش ئەترىتىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئەترەت باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. شۇ يىلى قىشتا، چىنەن ناھىيەلىك پارتكوم يىنشافەندە تەشكىللەپ قۇرغان 1- يول پارتىزانلار شىسىغا قاتنىشىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بەنجاڭ، پەيجاڭ بولغان. 1933- يىلى 4- ئايدا، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى 25- جۈنى 75- شىسى 223- تۇەنى 1- يىڭىنىڭ يىڭجاڭى بولغان. شۇ يىلى كۈزدە، قىزىل 223- تۇەننىڭ تۇەن جېڭۋېيسى بولغان. قىزىل ئارمىيەنىڭ ئاساسىي كۈچى ئىستراتېگىيەلىك يۆتكەلگەندىن كېيىن، قىزىل 75- شى بۇيرۇققا بىنائەن خۇبېي - خېنەن - ئەنخۇي ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىدا قېلىپ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان.

1933- يىلى 9- ئاينىڭ ئاخىرى، سەي چىرۇڭ قىزىل 223- تۇەننى باشلاپ، ليۇئەن ناھىيەسىدىكى داماديەن بىلەن شياۋماديەن ئارىلىقىدا قىزىل 4- يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ ئاساسىي كۈچىنىڭ يۆتكىلىشىنى ھىمايە قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغاندىن كېيىن، يەنزىخې، لوتوئاۋ، يەنجيائاۋ، شىنجوۋ، بالىۋەن قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ، 10- ئاينىڭ بېشىدا خۇڭئەننىڭ جەنۇبىدىكى رايونغا يېتىپ بېرىپ، ئارقىدىن جۈننىڭ ئالاھىدە ۋەزىپە يىڭى بىلەن مەزكۇر رايوندا ھەرىكەت قىلغان. 10- ئاينىڭ ئاخىرى، دېڭ جياچياۋدا دۈشمەننىڭ 13- شىسىنىڭ بىر ليەنىنى يوقاتقان؛ 10- ئاينىڭ 24- كۈنى، گاۋجياچياۋدا دۈشمەننىڭ 13- شىسىنىڭ 73- تۇەنىنى ئېغىر زەربىگە ئۇچراتقان؛ 10- ئاينىڭ 26- كۈنى، گۇەنماۋتاڭدا دۈشمەننىڭ ئامانلىق ساقلاش 4- تۇەنى ۋە خۇبېي ئۆلكىسى 4- رايونى (خۇڭئەن، ماچېڭ، خۇاڭگاڭ، خۇاڭپى، لىشەن قاتارلىق بەش ناھىيەگە قاراشلىق)نىڭ ئامانلىق ساقلاش ئەترىتىگە زەربە بېرىپ، دۈشمەننىڭ 120دىن ئارتۇق ئادىمىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، يارىلاندۇرغان، دۈشمەننىڭ ئامانلىق ساقلاش 4- تۇەنىنىڭ تۇەنجاڭى لى شۇرۇڭنى ئېتىپ يارىلاندۇرغان. 10- ئاينىڭ ئاخىرى، بالىۋەندە ئەكسىيەتچىل مىنتۇەنگە زەربە بېرىپ، دۈشمەننىڭ 300دىن ئارتۇق ئادىمىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، يارىلاندۇرغان ۋە ئەسىرگە ئالغان. ئارقىدىن چىلىپىڭ، ساۋشۇگاڭ ھەم ماچېڭنىڭ شىمالىدىكى رايونلارغا يۆتكىلىپ بېرىپ ھەرىكەت قىلغان. چىلىپىڭغا يېقىن يەردە دۈشمەننىڭ 80- شىسىنىڭ بىر قىسىمىنى يوقاتقان. ھەر قېتىملىق جەڭدە، سەي چىرۇڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە باتۇرلۇقى، تاكتىكىغا ئۇستىلىقى، كەسكىنلىكى، قوماندانلىق قىلىشقا ماھىرلىقىنى نامايان قىلىپ، باتۇر ھەم تاكتىكىغا ئۇستا «باتۇر قوماندان» دەپ ئاتالغان.

1933- يىلىدىن باشلاپ، سەي چىرۇڭ قىسىمنى باشلاپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خېنەن گۇاڭشەن ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى گوجياخېدا دۈشمەننى يوقىتىش جېڭىگە، خۇبېي خۇڭئەن چىلىپىڭنىڭ شىمالىدىكى پەنجياخې جېڭىگە، ئەنخۇي جىنجياجەينىڭ غەربىدىكى گېتېڭشەن قايتۇرما زەربە بېرىش جېڭىگە، خېنەن لوشەن ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى چاڭلىڭگاڭ جېڭىگە، خېنەن گۇاڭشەن ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى خۇشەنجەي ھۇجۇمغا قايتۇرما زەربە بېرىش جېڭىگە قاتناشقان. 1934- يىلى 11- ئايدا، قىزىل 25- جۈنگە ئەگىشىپ ئۇزۇن سەپەرگە قاتناشقان، 1935- يىلى شەنشىنىڭ شىمالىغا يېتىپ بارغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە ئازادلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقان.

1950- يىلى ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، سەي چىرۇڭ جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمى 12- جۈنى 35- شىسىنىڭ مۇئاۋىن شىجاڭى بولۇپ، قىسىمنى باشلاپ چاۋشيەنگە بېرىپ جەڭگە قاتناشقان. نەچچە قېتىملىق مۇھىم، زور ئۇرۇشنىڭ ھەممىسىدە كۆرۈنەرلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، 1951- يىلى 6- ئايدا، داڭلىق 5- قېتىملىق ئۇرۇشتا، ئامېرىكا ئارمىيەسى ھاۋادىكى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، نەچچە يۈز ئايروپىلان ئەۋەتىپ تانكىلىرىنى قوغداپ، يەر يۈزىدىن شىددەت بىلەن ھۇجۇم قوزغىغاندا، سەي چىرۇڭ ئالدىنقى سەپكە ئۆزى بېرىپ، جەڭگە قوماندانلىق قىلىپ، بەختكە قارشى قۇربان بولغان، شۇ يىلى 36 ياشتا ئىدى. كېيىن، ئۇنىڭ ھايات چېغىدىكى ئىش ئىزلىرى شەرقىي شىمال پىدائىي قىسىمنىڭ خاتىرە سارىيىدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى