ئەينەك كۆۋرۈك تىلغا ئېلىنسا ئېسىمىزگە دەرھال جاڭجياجيې كېلىدۇ، بىراق ئۇ يەر ھەقىقەتەن بەك يىراق...
شىنجاڭدىمۇ مۇشۇنداق ئەينەك كۆۋرۈك بار بولدى! ئېچىۋېتىلگىنىگە ئۇزۇن بولمىغاچقا، بىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس! شىنجاڭدىكى بۇ ئەڭ يېڭى 7D لىق ئالاھىدە ئۈنۈملۈك ئەينەك كۆۋرۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 360 مېتىر بولۇپ، بۇ كۆۋرۈك ئىلىنىڭ قورغاس ناھىيەسىدىكى جۇڭخۇا فۇشوۋشەن مەنزىرە رايونىدا.
نۇرغۇن كىشىلەر بۇ كۆۋرۈك يۈزىدە تۇرالايدۇ، بىراق ماڭالامدۇ-يوق؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس. شۇنداق بولۇپلا قالماي، ئەينەك ئاسما كۆۋرۈكنىڭ كىشىنى ئەڭ ۋەھىمىگە سالىدىغىنى، ئۆزگىچە 7D لىق تەقلىدىي دەز كېتىش ئۈنۈمى. سىز قەيەردە ماڭسىڭىز، ئەينەكنىڭ شۇ يېرىگە «دەز كېتىدۇ»، ئاۋازىنى ئاڭلىسىڭىزمۇ قورققىنىڭىزدىن كۆزىڭىزنى ئاچالماي قالىسىز!
ئۈرۈمچىدىن پويىزغا ئولتۇرۇپ قورغاس ناھىيەسىگە بارسىڭىز، ئەڭ تېز بولغاندا 11 سائەت كېتىدۇ، قاتتىق ئورۇندۇقلۇق پويىزنىڭ بېلەت باھاسى 91 يۈەن.