تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

يۈزىڭىزنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۇيامسىز ؟ خاتالاشتىڭىز

  فىرانسىيە « ELLE» ژۇرنىلىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، يۈزنى تازىلاش ۋاقتى تېرە ئاسراش ئۈنۈمى ۋە تېرە سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، تېرىنىڭ سىرتقى قەۋىتى كۈندۈز ۋە كېچىدە ئوخشىمىغان ئىككى خىل رولنى ئۆتەيدىكەن. كۈندۈزى تېرە سىرتقى قەۋىتى مۇداپىئە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، سىرتقى غىدىقلاشقا تاقابىل تۇرىدىغان قوغداش قەۋىتىنى شەكىللەندۈرىدىكەن، ئەمما كەچ كىرگەندە قايتا ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، كۈندۈزدە بۇزۇلغان قەۋەتنى تۈزەيدىكەن.

  ماقالىدە ئامېرىكا PureWow شىركىتىنىڭ تەتقىقاتى نەقىل كەلتۈرۈلگەن، تېرە سىرتقى قەۋىتىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى بىلەن ئادەم ئورگانىزمىنىڭ ئىقتىدارى ئوخشاش بولۇپ، كېچە -كۈندۈز رىتىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن، نۇر خىرەلەشكەندە ھۈجەيرىلەر قايتىدىن ھاسىل بولىدىكەن، بۇ ۋاقىتتا ئەگەر تېرە ۋاقتىدا پاكىزلەنمىسە تېرە يۈزىدىكى ماددىلار تېرىنى بۇزۇۋېتىپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ قايتا ھاسىل بولۇش ئىقتىدارىنى چەكلەپ قويىدىكەن، شۇڭا كۈن پاتقاندا تېزدىن تېرىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش كېرەك ئىكەن.

  بۇنى، ئىسپانىيە بارسېلونا گېن گۇرۇپپىلىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ تەتقىقاتىمۇ دەلىللىگەن، شۇنداقلا كەچ كىرىشى بىلەن تېزدىن تېرىنى پاكىز تازىلاشنىڭ تېرە بالدۇر قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

-جۇڭگو ئاياللار گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : mutallip

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى