تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

تۇغۇتتىن كېيىن ئورۇقلاشنىڭ ئەپلىك ئۇسۇلى

  تۇغۇتتىن كېيىنكى سېمىزلىك، بەدەن شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىش ھەربىر ئانىنى ئەڭ ئازاپلايدىغان ئىش، تۇغۇتتىن كېيىن ئاياللارنىڭ ھەممىسىدە بۇ خىل ئەندىشە بار، تۇغۇتتىن كېيىن ئورۇقلاش ناھايىتى تەس. ئەمەلىيەتتە ئورۇقلاشتىكى ئەپلىك ئۇسۇلنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

  ئاۋۋال تۇغۇتتىن كېيىن سەمىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىلنى تېپىش كېرەك. تۇغۇتتىن كېيىنكى سەمىرىشنىڭ ئىككى سەۋەبى بار بولۇپ، بىرىنچىسى، بەدەن فۇنكىسيەسىنىڭ ئۆزگىرىشى. تۇغۇتتىن كېيىن بالا ئېمىتىدىغان بولغاچقا، بەدەندىكى ھورمون سۈپىتىدە ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش بولۇپ، ئانىلىق ھورمون، پىروگېستىننىڭ تۆۋەنلىشى، سۈت ئاجرىتىش ماددىسى ۋە كۈيلەش ماددىسىنىڭ ئۆرلىشىدىن، مېتابولىزىم ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە ماي مېتابولىزىمىنىڭ قالايمىقانلىشىشى كۆپ مىقداردا ياغ ساقلىنىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئىككىنچىسى، تۇرمۇش ئادىتىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللارنىڭ قىرقىدا كۆپ مىقداردا ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ، تۇغۇتتىن كېيىن ئىنتايىن ئاز ھەرىكەتتە بولۇشى ياغ يىغىلىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ھامىلدار بولۇشتىن بۇرۇنقى ئورۇق ھالەتكە قايىتقىلى بولىدۇ ؟

  1. يېمەك-ئىچمەكتە ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، ئىسسىقلىق مىقدارى مۇۋاپىق، شېكەر ماددىسى تۆۋەن يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك.

  2. ھەرىكەت جەھەتتە، ئوكسېگىنلىق ھەرىكەت پىلانى تۈزۈپ، ھەركۈنى 10 مىنۇتتىن بارا-بارا كۈنىگە 30 مىنۇتقىچە ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

  3. بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار ھەر ھەپتىدە 0.5 كىلوگىرامدىن ئارتۇق ئورۇقلىماسلىقى، قوبۇل قىلغان ئىسسىقلىق مىقدارى 1800 كالورېيەدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.

  4. ئورۇقلاش مەزگىلىدە، ھەركۈنى يېمەكلىك ۋە بەدەن ئېغىرلىقىنى خاتىرىلەپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى ئىزچىل باشقۇرۇپ، قايتا سەمىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  تۇغۇتتىن كېيىن تېز سۈرئەتتە بەدەن شەكلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى يامان ئادەتلەردىن يىراق تۇرۇڭ.

  1. تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش. ئورۇقلاش ئويى بارلار، تۇزسىز تاماقنى كۆپ يېيىشى كېرەك. تۇزلۇق يېمەكلىك ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى غىدىقلايدۇ. 

  2. چۈرۈك يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش. چۈرۈك يېمەكلىكلەردە ياغ كۆپ بولىدۇ. بۇ خىل يېمەكلىكلەرنىڭ ھەجمى كىچىك بولۇپ، ئاسان قورساق تويغۇزغىلى بولمايدۇ. ئاسانلا كۆپ يەۋىلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

  3. تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش. تاتلىق تەم ئادەمنى خۇمار قىلىدۇ. چوڭ مېڭە ئۈزلۈكسىز «شىكەر ماددىسى» قوبۇل قىلىش سېگنالى تارقىتىدۇ. بۇنىڭ تەسىرىدىن كىشى تاتلىق يېمەكلىكنى كۆپ يەۋالىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى