تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

باي ناھىيەسى: بالىلار بىرلىكتە تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى ئېيتىپ، ئورتاق تىلەك تىلىدى


  «بىللە تۇغۇلغان كۈن تورتى يەپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشۈش، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىق مۇھەببىتىنى تەڭ بايان قىلىش...» يېقىندا، ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ باي ناھىيەسى ياقائېرىق بازىرى چاقچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش بويىچە قوشماقلاشقان تۇغقىنى تۇلاقىز ياسىننىڭ بالىسى مۇنىرە تۇرسۇنغا تۇغۇلغان كۈن تورتى ئاپىرىپ بېرىپ ۋە بەخت تىلەپ، تۇغقانلىرىغا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئىللىقلىقىنى، پارتىيەنىڭ كۆيۈنۈشى، غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇردى.

   خىزمەت ئەترىتى يېقىندا، چاقچى كەنتىدىكى بىر نەچچە بالىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى بىلىپ، بالدۇر پىلانلاپ، مەززىلىك تورت ۋە يېمەك-ئىچمەك تەييارلىدى. تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى كۈنى كەچتە، مۇنىرە كەنتتىكى باشقا بالىلار بىلەن تاماق ئۈستىلىنى چۆرىدەپ تاماق يېگەچ تورت شامى ياندۇرۇپ تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى ئېيتتى. مەززىلىك تورت ئېغىزدىلا قالماي، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ قەلبىنىمۇ شېرىن تۇيغۇغا چۆمدۈردى.

  «بالىلارنىڭ كۈندىن-كۈنگە چوڭ بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇم، بالىلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن، ئۇلارنىڭ ساغلام، خۇشال-خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تىلەكداشمەن!» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ۋاڭ جىچياڭ. (خەۋەرنى ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ باي ناھىيەسى ياقائېرىق بازىرى چاقچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن خۇرشىدە تەمىنلىدى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى