تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

چېچەكلەيدىغان «تاش» __ تالغان تاشگۈل

تاش چېچەكلەمدۇ؟ ئافرىقىنىڭ جەنۇبىي ۋە غەربىي جەنۇبىدىكى قۇرغاق ھەم شېغىل كۆپ چۆللۈكتە چېچەكلەيدىغان بىر خىل «تاش» بار، بۇ «ئۇششاق تاش»لارنىڭ رەڭگى ھەر خىل بولۇپ، كۈلرەڭ يېشىل، كۈلرەڭ قوڭۇر رەڭدە؛ ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ چوققىسى سىلىق، بەزىلىرىنىڭكىدە ھېقىق تاشتىكىدەك سىزىقچىلار بار.

بۇ «كىچىك تاش» ـــ تالغان تاشگۈل. تالغان تاشگۈل يەنە تاشلىق چىنىگۈلى، چۈيۈ، پىل تۇيىقى، يامبۇ دەپمۇ ئاتىلدىىغان بولۇپ، جامكا ئائىلىسى تاشگۈلى ئۇرۇقدىشىغا تەۋە، كۆپ يىللىق كىچىك تىپتىكى قېلىن ئەتلىك ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ غولى ناھايىتى قىسقا، ئىنچىكە كۆزەتمىگەندە بايقاش ناھايىتى تەس؛ ھالەت ئۆزگەرتكەن يوپۇرمىقىنىڭ ئېتى قېلىن، ئىككى تېلى جۈپلىشىپ تۇتىشىپ تەتۈر كونۇس شەكىللىك ھالەتكە كېلىدۇ؛ ئۇنىڭ چوققىسىنىڭ رەڭگى ۋە سىزىقچىلىرى ھەر خىل، تۇخۇمسىمان شەكىلگە يېقىنلىشىدىغان بولۇپ، سەل-پەل چوقچىيىپ چىقىدۇ، ئوتتۇرىسىدا بىر كىچىك يوچۇق بار، پۈتكۈل شەكلى شېغىل تاشقا ئىنتايىن ئوخشايدۇ، شۇڭا ئۇ تالغان تاشگۈل دەپ ئاتالغان. چېچەكلىگەندە ئادەتتە بىر تال گۈللا چوققىسىدىكى يېرىقنى تېشىپ چىقىدۇ، ساپىقى بولمايدۇ، گۈلىنىڭ رەڭگى سورتىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. گۈلى كۆپىنچە چۈشتىن كېيىن ئېچىلىدۇ، كەچتە يۇمۇلىۋالىدۇ، ئەتىسى چۈشتە يەنە ئېچىلىدۇ، بىر تال گۈل ئۇدا تۆت كۈندىن ئالتە كۈنگىچە ئېچىلىدۇ. چېچەكلىگەندە گۈل تۈپىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك يېپىۋالىدىغان بولۇپ، ناھايىتى چىرايلىق.

تالغان تاشگۈلنىڭ ئۆسۈشى 3-، 4-ئايلاردا باشلىنىدۇ، كۈزدە چېچەكلىگەندىن كېيىن بارا-بارا ئۇيقۇغا كىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۆسۈش خۇسۇسىيىتىمۇ ئىنتايىن ئالاھىدە. ئەتىياز پەسلىدە ئۆسۈشكە باشلىغاندا، ئەسلىدىكى كونا تۈپى قورۇلۇپ قالىدۇ ھەمدە يېڭىدىن ئۆسۈپ چىققان تۈپى تەرىپىدىن يېرىۋېتىلىدۇ، ئۆسۈپ چىققان يېڭى تۈپى ياز پەسلىدە ناھايىتى تېز ئۆسىدۇ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ يەنە قورۇلۇپ ۋە يېرىلىپ، كىچىكرەك ئىككى تۈپ تالغان تاشگۈل ئۆسۈپ چىقىدۇ، بەزىدە تېخى ئۈچ تۈپ ئۆسۈپ چىقىشى مۇمكىن. بۇ خىل «قاسراق تاشلاش»قا ئوخشاش ئۆسۈش، ئەمەلىيەتتە شۇ جاينىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق قۇرغاق كىلىماتىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، شۇنداقلا تالغان تاشگۈلنىڭ ناچار مۇھىتتا توپلىشىپ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر. «قاسراق تاشلاش» مەزگىلىدە، تالغان تاشگۈل چېچەكلەپ چاڭلىشىش، ئەۋلاد قالدۇرۇش مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئورۇندايدۇ.

يامغۇر پەسلىدە تالغان تاشگۈللىرى ئېچىلمىغان بولسا، تاش دۆۋىسىدە كىشىلەرنىڭ تالغان تاشگۈلنى بايقىشى ناھايىتى تەس. بۇ تالغان تاشگۈللىرىنىڭ باشقا ھايۋانلارنىڭ ئوزۇقلۇقى بولۇپ قېلىشتىن  ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزىدە شەكىللەندۈرگەن بىر خىل «تۈسداشلىق ئارقىلىق قوغدىنىش»ىدۇر. تەبىئەت دۇنياسىدىكى «تۈسداشلىق» ھادىسىسى دېگىنىمىز، بەزى جانلىقلارنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىدا، كۈشەندىلىرىدىن يوشۇرۇنۇش ئۈچۈن شەكىللەندۈرگەن، سىرتقى شەكلى ياكى رەڭ سىزىقچىلىرى باشقا جانلىقلار ياكى غەيرىي جانلىقلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىشتەك ھالەتنى كۆرسىتىدۇ.

تالغان تاشگۈل ئىللىق، قۇرغاق ۋە قۇياش نۇرى يېتەرلىك مۇھىتنى ياقتۇرىدۇ، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ۋە ئۇزاق مۇددەت يامغۇردا قېلىشتىن، قۇياش نۇرىنىڭ كۈچلۈك چۈشۈشىدىن قورقىدۇ، بوش، مۇنبەت ۋە سۇ چىقىرىۋېتىشى ياخشى بولغان نېيترال تۇپراقتا ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدۇ، تىكىش ئاسان. ئۇنىڭ تۈپى كىچىك، كۆرۈنۈشى ئاجايىپ بولۇپ، تاغ جىنسلىرى باغچىسىدىكى تاش يېرىقلىرىغا تىكىشكە ماس كېلىدۇ، ئۇنى شېغىل تاشلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋەتسە ئايرىش تەس؛ تاماشا بۇيۇمى سۈپىتىدە تەشتەكتە ئۆستۈرۈشكىمۇ بولىدۇ.

تالغان تاشگۈل رەڭلىك تاشلارغا ئوخشايدۇ، رەڭلىرى مول، يۇمران بولۇپ، «جېنى بار تاش» دېگەن چىرايلىق نامغا ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : mutallip

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى