تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

گەنجۈ تۈرىدىكى مېۋىلەرنى كۆپ يېگەندە ئاشقازان ئاستى بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

ئاشقازان ئاستى بېزى راكى يوشۇرۇن قوزغىلىدىغان، داۋالاش قىيىن كېسەل بولۇپ، «راك شاھى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن يەرشارى بويىچە كېسەل قوزغىلىش نىسبىتى ئىزچىل يۇقىرى ھالەتنى ساقلاپ كەلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى يېمەكلىك بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىدا راكقا قارشى تۇرۇشقا ئائىت تەتقىقاتلار بىر قەدەر كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئاشقازان ئاستى بېزى راكى بىلەن يېمەكلىك ئادىتى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئېنىق بولمىغانىدى، يېقىندا، ياپونىيە دۆلەتلىك راك تەتقىقات مەركىزى جەمئىيەت ۋە ساغلاملىق تەتقىقات ئورنىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ئادەتتە گەنجۈ تۈرىدىكى مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپ يېگەندە، ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى تۆۋەنلىگەندىن باشقا، يەنە ئالدىنى ئېلىش رولىمۇ بولىدىكەن.

تەتقىقات گۇرۇپپىسى 90 مىڭ ئەر - ئايالغا قارىتا 17 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا يەيدىغان 17 خىل مېۋە ۋە 29 خىل كۆكتاتنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىغا ئاساسەن، تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشقۇچىلارنى تۆت گۇرۇپپىغا ئايرىپ تەھلىل قىلغان. نەتىجىدە، گەنجۈ، جۈزە، چېڭزى قاتارلىق تۆت خىل مېۋىنى يېگەندە ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى بايقىغان.

تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، مېۋە يېيىشنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشى، ئاساسلىقى مېۋە تەركىبىدە ۋىتامىن قاتارلىق ئوكسىدلىنىشقا قارشى تەركىبلەر بولغانلىقىدىن بولۇپ، گەنجۈ تۈرىدىكى مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C ئالاھىدە مول ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەر جەمەتىدە ئاشقازان ئاستى بېزى راكى بارلارنىڭ ئادەتتە تاماكىنى ئازراق چېكىپ، مېۋىنى كۆپرەك يېيىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ــ خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى