تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نۇرمەمەتنىڭ بەخت يولى بارغانسېرى كېڭەيدى

مۇخبىرىمىز سۈي يۈنيەن

5- ئاينىڭ 29- كۈنى سەھەردە، خوتەن ناھىيەسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسى خېرۇڭ يېڭى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى نۇرمەمەت تۇرسۇن ھويلىسىنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ، لىققىدە كۆكتات بېسىلغان ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتىنى ھەيدىگىنىچە كىرىپ كەلدى. «بۈگۈن كىرگۈزگەن كۆكتاتلىرىم ئالاھىدە ياخشى!» دېدى نۇرمەمەت ئۈنلۈك ئاۋازدا ئالدىغا چىققان خوتۇنى تۇرنىسا ئېزىزغا.

ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن يەشىك - يەشىك كۆكتاتلارنى ھويلىسىدىكى كۆكتات دۇكىنىغا توشۇغاچ، كۆكتاتنىڭ سۈپىتى ۋە باھاسى توغرىسىدا پاراڭلاشتى، ئارىلاپ - ئارىلاپ بىر - بىرىگە قاراپ كۈلۈپ قوياتتى. سەھەردىكى قۇياش نۇرى ھويلىغا چۈشۈپ تۇراتتى، ھاياتىي كۈچكە تولغان بىر كۈن مۇشۇنداق باشلاندى.

«مەن ئەزەلدىن ھازىرقىدەك خۇشال بولۇپ باقمىغان، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم كۈچكە تولغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن» دېدى نۇرمەمەت، خوتەن ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغان يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە تىرىشىش يۆنىلىشىنى تاپقاچقا، ھەربىر كۈنى بەختكە تولدى.

كىچىك كۆكتات دۇكىنى قايتىدىن ئېچىلدى

ئىككى يىل ئىلگىرى، نۇرمەمەت ھويلىسىغا بىر ئېغىز ئۆي سېلىپ، كۆكتات دۇكىنى ئاچقانىدى، ئەمما سودىسى ئانچە ياخشى بولمىغاچقا، ئۇنىڭ كۆڭلى سوۋۇپ كەتكەنىدى. تەربىيەلەش مەركىزىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، نۇرمەمەت بىلەن خوتۇنى دېيىشكەن تۇنجى ئىش كۆكتات دۇكىنى توغرىسىدا بولدى: «قايتىدىن ئېچىپلا قالماي، يەنە ياخشى باشقۇرۇشىمىز كېرەك. بىز قانۇنلۇق تىجارەت قىلىشىمىز كېرەك، ئاۋۋال بېرىپ تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرەيلى، سىز يەنە ساغلاملىق كىنىشكىسى بېجىرىڭ، بىز چۆپ چىقىرىش ماشىنىسى ئېلىپ، بىرلا ۋاقىتتا چۆپ ساتايلى. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ كۆكتات دۇكىنىنى سىز باشقۇرۇڭ».

بۇنىڭدىن تۇرنىسا ناھايىتى ھەيران قالدى، ئۇ بۇرۇنلا ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ئىش قىلىشنى ئۈمىد قىلغانىدى، ئەمما، ئىلگىرى نۇرمەمەت دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا ئىشىنىپ، ھەرقانچە گەپ قىلسىمۇ تۇرنىسانى ئىشىكتىن چىقارمىغانىدى، يەنە ئاياللار تاپقان پۇلنى خەجلەشكە بولمايدۇ، دېگەنىدى. ئىقتىسادتا قىينىلىپ قالغاندا، ئىككىيلەن پۇل سەۋەبلىك ئۇرۇشۇپ قالاتتى، ئەمما ئېرى جاھىللىق بىلەن گېپىدە چىڭ تۇرۇۋالاتتى. «ھازىر ئۇ ئۆزگەردى، مېنى ناھايىتى قوللايدۇ. كۆپ ۋاقىتلاردا مەن خوتەن شەھىرىگە بېرىپ كۆكتاتنى توپ ئەكىلىمەن، ئاشخانىلارغىمۇ چۆپنى مەن يەتكۈزۈپ بېرىمەن» دېدى تۇرنىسا.

«مەن ئىلگىرى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان. بۇلتۇر 3- ئايدا، كەنت كادىرلىرىنىڭ تەشۋىقاتىنى ئاڭلاپ، ئۆزۈمنىڭ نۇرغۇن قارىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، مەن ناھايىتى گاڭگىراپ قالدىم، ئائىلەمدىكىلەرنىڭ نەسىھەتى بىلەن، تەربىيەلەش مەركىزىگە كېلىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتىم.» نۇرمەمەت مۇنداق دېدى: قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى سەۋىيەم ئۆسۈپلا قالماي، يەنە كەسپىي ماھارەت ئۆگەندىم، ئەڭ مۇھىمى، قانۇن ئۆگىنىش ئارقىلىق ھەق - ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولدۇم.

كىچىك كۆكتات دۇكىنى قايتا ئېچىلغاندىن كېيىن، كەنت كادىرلىرى كەنت ئاھالىلىرىگە يىغىن ئاچقاندا دائىم ياردەملىشىپ تەشۋىق قىلدى، بۇنىڭ بىلەن بىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، دۇكاننىڭ سودىسىمۇ بارغانسېرى جانلاندى. نۇرمەمەت مۇنداق دېدى: ھازىر كەنت ئاھالىلىرى ئىشلەپ پۇل تېپىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، پىلتە سېتىۋېلىپ لەڭمەن ئەتسە قولاي ھەم ۋاقىتنى تېجىگىلى بولىدۇ، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى دۇكىنىمغا كېلىدۇ. يېقىندا يەنە ئىككى ئاشخانا چوڭ خېرىدارىم بولۇپ قالدى، كۈندە 50 كىلوگىرام چۆپ سېتىۋالىدۇ.

تۇرنىسا بىر تەرەپتىن چۆپ چىقىرىش ماشىنىسىدا مەشغۇلات قىلغاچ، بىر تەرەپتىن مۇخبىر بىلەن پاراڭلاشتى، ئۇنىڭ دېيىشىچە، نۇرمەمەت ھازىر ھەممە ئىشنى قانۇن بويىچە قىلىدىكەن، ئاشخانىلار بىلەن سېتىش توختامى ئىمزالاپتۇ. كۈلۈمسىرەپ تۇرغان تۇرنىسا تازىلىق دوپپىسى كىيگەن، يەڭلىك، پەرتۇق تاقىغان بولۇپ، ھالقىسى ۋە زەنجىرىمۇ ناھايىتى مودا ئىدى. «بۇلارنىڭ ھەممىسىنى نۇرمەمەت ئېلىپ بەردى، ئۇ يەنە ماڭا قاش قەلىمى، كىرپىك لاكى ۋە لەۋ سۇرۇخ ئېلىپ بەردى» دېدى ئۇ.

دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، نۇرمەمەت ئىلگىرى ھەم خوتۇنىنى ئۆيدىن چىقارمىغان، ھەم خوتۇنىنىڭ گىرىم قىلىشىغىمۇ يول قويمىغانىدى. ئۆزىمۇ ئىلگىرىلەشنى خالىمىغان، يەنە بالىلىرىنىمۇ مەكتەپتىن توختىتىۋېلىش ئويىدا بولغانىدى. «ھازىر ئۇ تىرىشچان، ئوچۇق - يورۇق بولۇپ كەتتى، ھەر كۈنى ماڭا ياردەملىشىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىدۇ، بالىلارغا دائىم ياخشى ئۆگىنىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىدۇ.» تۇرنىسا مۇنداق دېدى: ھەر كۈنى دۇكاندا ئەتىگەندىن كەچكىچە ئالدىراش يۈرۈش ئەمەلىيەتتە ناھايىتى جاپالىق، ئەمما كۈنلىرىمىز ئۈمىدكە تولدى، قانچە ئالدىراش بولساقمۇ خۇشال ئۆتۈۋاتىمىز.

كىچىك پارنىك مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى يېتىلدۈردى

نۇرمەمەتنىڭ ھويلىسى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، بىر پارچە تېرىقچىلىق يېرى ئېچىۋالدى. ئۇ بىر - بىرلەپ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ مەن تىككەن چىلان دەرىخى، ئۆرۈك دەرىخى، ئالۇچا دەرىخى، يەنە ئەنجۈر دەرىخىمۇ بار؛ كۆكتاتنىڭ تۈرىمۇ ناھايىتى كۆپ، لازا، شوخلا، سەي كاۋىسى ۋە چىڭسەي بار، يەپ بولالمىغانلىرىمىزنى سەي دۇكىنىدا ساتىمىز».

ھويلىدا يەنە بىر كىچىك پارنىك بولۇپ، جۇسەي تېرىلغانىدى. نۇرمەمەت مۇنداق دېدى: «تۇنجى قېتىم تېرىشىم بولغاچقا، تەجرىبەم كەمچىل. بىراق بىرنەچچە قېتىم ئورۇدۇق، ئۆزىمىز تېرىغان جۇسەيدە جياۋزى تۈگسەك يېيىشلىك بولىدىكەن».

پارنىكنىڭ كېلىش مەنبەسى تىلغا ئېلىنغاندا، بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن نۇرمەمەتنىڭ كۆز چاناقلىرى قىزىرىپ كەتتى. ئۇ كىچىك ۋاقتىدا چوڭلارغا ياردەملىشىپ زىرائەت تېرىغان، چوڭ بولغاندىن كېيىن تەرەپ - تەرەپتە پارچە - پۇرات ئىشلارنى ئىزدەپ قىلىپ، بارا - بارا يەردىن يىراقلىشىپ كەتكەنىدى. تەربىيەلەش مەركىزىدە يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئۆگەندى، ئۇ ھويلىسىغا پارنىك ياساپ سىناپ بېقىشنى ئويلىدى. ئۇنىڭ بۇ ئويى خېرۇڭ يېڭى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ چۈەنجۇڭنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

«ئۇ تەربىيەلەنگەندىن كېيىن دائىم مېنى ئىزدەپ سىرداشتى، ئۇنىڭ بۇ ئويىنى ئاڭلاپ، بۇ ياخشى ئىش، قوللاش كېرەك دەپ ئويلىدىم.» ياڭ چۈەنجۇڭ مۇنداق دېدى: نۇرمەمەتنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، كەنت كادىرلىرى مەخسۇس شۇ جايدىكى پارنىك ياساش، قۇراشتۇرۇش كارخانىسىنى ئىزدىدى، كارخانا مەسئۇلى ئاڭلاپلا ناھايىتى قوللىدى، شۇنداقلا نۇرمەمەتكە ماتېرىيال ئىئانە قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن، نۇرمەمەت ھېچقانچە كۆپ پۇل خەجلىمەيلا ھويلىسىغا كىچىك پارنىك ياسىۋالدى.

كەنت كادىرلىرى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ئېلىپ كەلدى، بۇ، نۇرمەمەتنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى. ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ قۇترىتىشى بىلەن، نۇرمەمەت ئىلگىرى دۆلەت كادىرلىرىغا دۈشمەنلىك نەزەرى بىلەن قاراپ، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىشنى رەت قىلىپ، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشتىنمۇ ئۆزىنى چەتكە ئالغانىدى. «ئۆتمۈشىمنى ئەسلىسەم، مەن بەك خىجىل بولىمەن» دېدى نۇرمەمەت سەمىمىيلىك بىلەن.

«بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇ يېڭى كەنتكە كۆچۈپ كەلدۇق، تۇرالغۇدا سىياسەت خاراكتېرلىك تولۇقلىمىدىن بەھرىمەن بولدۇق، يەنە تۆت مو ياڭاقلىق ۋە ئىككى پارنىك تەقسىملەندى، ئىككى بالام يەسلىگە كىردى، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى بار بولدى... ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىش ماڭا مىننەتدارلىقنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى» دېدى ئۇ.

ھەمكارلىق كوپىراتىپى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى

نۇرمەمەتنىڭ كىچىك پارنىك ياسىشىدا ئاددىي ئارزۇسى بار ــــ تەربىيەلەش مەركىزىدە ئۆگەنگەن تېخنىكىسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، تەجرىبە توپلاپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئىجارىگە بېرىۋەتكەن ئىككى كۆكتات پارنىكىنى قايتۇرۇۋېلىپ ئۆزى باشقۇرماقچى. «ئەگەر ئۆزۈم تېرىپ، مۇۋاپىق پەرۋىش قىلسام، ھەربىر پارنىكتىن يىلىغا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايمەن» دېدى ئۇ.

نۇرمەمەتنىڭ تەرەققىيات يولى بارغانسېرى كېڭەيمەكتە. «بۇ يىل 3- ئايدا، بىز ئۇنىڭ خوتۇنى تىجارەت قىلىۋاتقان كۆكتات دۇكىنىنىڭ ئىزىغا چۈشكەنلىكىنى، ئۇنىڭ كىچىك پارنىكىنىڭمۇ كۆكەرگەنلىكىنى كۆردۈق، ئۇنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات بوشلۇقى بارلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىشىنى مەسلىھەتلەشتۇق» دېدى ياڭ چۈەنجۇڭ.

نۇرمەمەت نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى خوتەن لۈپياۋشياڭ مېۋە - كۆكتات دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئۇقتى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭمۇ ئىشلىگۈسى كەلدى. نۇرمەمەتنىڭ سىناپ باقماقچى بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ياڭ چۈەنجۇڭ ناھايىتى خۇشال بولۇپ، نەق مەيداندىلا ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى بىلەن ئالاقىلەشتى.

بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى يېڭىئاۋات يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ 286 پارنىكىنى بىرىكتۈرۈپ كۆكتات تېرىيدىغان بولۇپ، ئاساسلىق تۈرى شوخلا ئىدى. خېرۇڭ يېڭى كەنتى ئەتراپىدىلا مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن 168 پارنىك بار، يەرلىكتىكى 60 نەچچە دېھقاننى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئادەم ئىشلىتىشكە جىددىي ئېھتىياجلىق ئىدى. تېزلا پۈتۈشۈپ، 3- ئاينىڭ 21- كۈنى نۇرمەمەت تىزىمغا ئالدۇرۇپ ئىشقا چۈشتى.

جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇم - بوران كۈچلۈك بولغاچقا، بىر قېتىملىق بوراندىن كېيىن نۇرغۇن پارنىكنىڭ يوپۇقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، نۇرمەمەت ئىككى ئىشچىنى باشلاپ بىللە رېمونت قىلدى. «ئايلىق مۇقىم مائاشىم 3000 يۈەن، بەزىدە مەنمۇ كۆكتات سېتىش يولى ئىزدەيمەن، سېتىپ چىقارساق يەنە پىرسەنت ئايرىپ بېرىدۇ. مەن بۇ خىزمەتنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن.» نۇرمەمەتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ يەنە كەپشەرلەشنى بىلىدىكەن، ئىشىك - دېرىزىلەر بۇزۇلۇپ قالسىمۇ رېمونت قىلالايدىكەن.

ئىشچى ئىشلەتكۈچى تەرەپ نۇرمەمەتكە ناھايىتى يۇقىرى باھا بەردى. «ئۇنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقى ناھايىتى يۇقىرى، ئەزەلدىن كېچىكىپ قالمايدۇ، بالدۇر قايتمايدۇ. بىز تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرغاندا، خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، ئۇ يەنە ياردەملىشىپ تەرجىمە قىلىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە، كۆكتات يىغىش ئىش ئۈنۈمىمۇ ئۆستى» دېدى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش دىرېكتورى سۇڭ زۇڭكې.

سۇڭ زۇڭكې مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق كوپىراتىپى كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، پارنىك سانى 1500دىن كۆپرەككە يەتكۈزۈلىدۇ، ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياج تېخىمۇ زورىيىدۇ. نۇرمەمەتنىڭ ماھارىتىنى تىرىشىپ چېنىقتۇرۇپ، كەلگۈسىدە باشقۇرۇش ئىش ئورنىغا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

نۇرمەمەت چوڭقۇر تەسىرلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلغاندىلا، بەخت يولى بارغانسېرى كېڭىيىدىكەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى