تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتى نىزامى» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېزا خىزمىتى نىزامى» قاراپ چىقىلدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتى نىزامى» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېزا خىزمىتى نىزامى» قاراپ چىقىلدى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئاپپارات ئىشتاتى بايلىقى مۇھىم سىياسىي بايلىق، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بايلىقى، ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بايلىقى تەقسىماتىنى ئەلالاشتۇرۇش جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتى نىزامى»نىڭ تۈزۈلۈشى ۋە يولغا قويۇلۇشى پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇن - نىزام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاپپارات ئىشتاتىنى قانۇنلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

   «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېزا خىزمىتى نىزامى»نى تۈزۈش پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتىنى باشقۇرۇش ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ يېزىلاردىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، يېڭى دەۋر يېزا خىزمىتىدە باشتىن - ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 24- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 6- ئاينىڭ 24- كۈنى يىغىن ئېچىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتى نىزامى» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېزا خىزمىتى نىزامى»غا قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپپارات ئىشتاتى بايلىقى مۇھىم سىياسىي بايلىق، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بايلىقى، ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بايلىقى تەقسىماتىنى ئەلالاشتۇرۇش جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتى نىزامى»نىڭ تۈزۈلۈشى ۋە يولغا قويۇلۇشى پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇن - نىزام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاپپارات ئىشتاتىنى قانۇنلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردە ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئاپپارات تەسىس قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، فۇنكسىيەنىڭ تەقسىملىنىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۈنۈم ۋە ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تۈزۈم ۋە تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈملىرى، ئىشتات كومىتېتى ئىشخانىلىرى پارتكومغا ياردەملىشىپ بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، يانداش قانۇن - نىزام تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلار زىچ ماسلىشىپ، ئىش تەقسىملەپ ھەمكارلىشىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېزا خىزمىتى نىزامى»نى تۈزۈش پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتىنى باشقۇرۇش ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ يېزىلاردىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، يېڭى دەۋر يېزا خىزمىتىدە باشتىن - ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى باش تۇتقا قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېزا ئىقتىسادى قۇرۇلۇشى، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشى، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تەشكىلىي سىستېمىسى، تۈزۈم سىستېمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ بېرىش، ئاز ئېلىش، جانلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئورتاق بېيىش يولىدا مېڭىش كېرەك. يېزىلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىدىغان، پارتىيەنىڭ قارارىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان، سەپەرۋەر قىلىدىغان، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، ئىسلاھات، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدىغان، ھەقىقىي تۈردە ئاممىنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىدىغان قىلىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.