تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 14- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگو، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 24- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، پەن جيې) دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 6- ئاينىڭ 24- كۈنى جۇڭگو، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو تەرەپنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى(G20) ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرغۇچىسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى جاڭ جۈن، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى زوۋ جيايى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، قوشۇمچە خەلقئارا سودا سۆھبىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋاڭ شوۋۋېن، خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن بانكا باشلىقى چېن يۈلۇ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ پات ئارىدا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 14- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

جاڭ جۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: G20 رەھبەرلىرىنىڭ 14- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى 6- ئاينىڭ 28- كۈنىدىن 29- كۈنىگىچە ياپونىيەنىڭ دابەندە ئۆتكۈزۈلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ G20 باشلىقلار يىغىنىغا ئۇدا يەتتىنچى قېتىم قاتنىشىشى ياكى رىياسەتچىلىك قىلىشى جۇڭگو تەرەپنىڭ G20 ھەمكارلىقى ۋە يەر شارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ تۆت باسقۇچلۇق ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سودا، رەقەملىك ئىقتىساد، سىغدۇرۇشچان ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، ئۇل ئەسلىھە، كىلىمات، ئېنېرگىيە، مۇھىت قاتارلىق قارالمىلار توغرىسىدىكى مۇھاكىمىگە قاتنىشىپ، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە بولغان قارىشى، تەشەببۇسىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ھازىر ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا مەنبەنى تېپىش، تومۇرنى توغرا تۇتۇش، رېتسېپنى ياخشى يېزىشقا كۈچ چىقىرىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى ياخشى ئىگىلەيدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي ئۇچرىشىشى، جۇڭگو - رۇسىيە - ھىندىستان رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي ئۇچرىشىشى، جۇڭگو - ئافرىقا رەھبەرلىرىنىڭ كىچىك تىپتىكى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030- يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىققا تۈرتكە بولىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ يەنە كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك كۆرۈشۈش ئۆتكۈزۈپ، ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئالغا قاراپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

جاڭ جۈن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: G20 − خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتىكى ئاساسلىق مۇنبەر. ھازىر، يەككە تەرەپچىللىك ۋە قورۇقچىلىق خەلقئارا ئىقتىسادىي تەرتىپكە ئېغىر زەربە بېرىپ، دۇنيا ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن خەۋپ - خەتەر ۋە مۇقىمسىزلىقنى روشەن ئاشۇرۇۋەتتى. جۇڭگو دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇزاقتىن بۇيان دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتنىڭ ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇردى. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، ساھىبخانا دۆلەت ياپونىيە ۋە خەلقئارا جەمئىيەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دابەن باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشىنى قىزغىن كۈتمەكتە. جۇڭگو تەرەپ G20 دابەن باشلىقلار يىغىنىنىڭ پائال نەتىجىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. بىز ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە كۆپ تەرەپچىللىكنى قەتئىي قوغداش، خەلقئارا قانۇن ئاساس قىلىنغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداش، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشنى؛ G20نىڭ توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، ھەمراھلىق روھىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەت جەھەتتە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىق - ھەمكارلىقنى ساقلاشنى؛ يەر شارىۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيەتچان، ئىجابىي پوزىتسىيە بىلەن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ئىستىقبالى ۋە يەر شارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايمىز.

زوۋ جيايى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل G20نىڭ مالىيە - پۇل مۇئامىلە يولى ھەمكارلىقى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، نەتىجىلەر مول بولدى. دىققەت قىسقا مەزگىللىك ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە خەۋپ - خەتەرگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپلا قالماستىن، پۈتۈن يەر شارىۋى ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش تېخىمۇ كەڭ نەزەردە تۇتۇلدى. 6- ئايدا باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق G20 مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكىنىڭ بانكا باشلىقلىرى يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، دابەن باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن تولۇق مالىيە - پۇل مۇئامىلە سىياسىتى تەييارلىقى قىلىنىپ، تۆۋەندىكىدەك نەتىجىلەر ھاسىل قىلىندى: بىرىنچى، سىياسەت جەھەتتە ماسلىشىش ساقلىنىپ، يەر شارىۋى ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلىنىڭ مۇقىملىقى قوغدالدى. G20 ئەزالىرى بارلىق سىياسەت قوراللىرىنى داۋاملىق ئىشلىتىپ، سۆزلىشىش ۋە ھەرىكەتنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تەڭپۇڭ، سىغدۇرۇشچان ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەكىتلىدى. ئىككىنچى، تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇل ئەسلىھە سېلىنما پىرىنسىپى تۈزۈلدى. يىغىندا «G20نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇل ئەسلىھە سېلىنما پىرىنسىپى» تەكشۈرۈپ تەستىقلاندى. بۇ نەتىجە ھۆججىتى مەۋقەنى تەرەققىياتقا قويۇپ، تەرەققىياتقا مەدەت بېرىپ، جۇڭگو تەرەپ ئىزچىل تەشەببۇس قىلىۋاتقان «ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش»، «ئۆزئارا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش» قاتارلىق مۇھىم ئىدىيەلەرنى ئەكس ئەتتۈردى، بۇ، خاڭجوۋ باشلىقلار يىغىنىدىكى ئالاقىدار ئورتاق تونۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە داۋامى بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن ھەرقايسى تەرەپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئۈچۈنمۇ كېرەكلىك پايدىلانما بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۈچىنچى، يەر شارىۋى تەڭپۇڭسىزلىقنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، ئىقتىسادنىڭ تەڭپۇڭ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. يىغىندا «G20نىڭ يەر شارىۋى تەڭپۇڭسىزلىق توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال بايانى» ماقۇللىنىپ، يەر شارىۋى دائىملىق ھېسابات تەڭپۇڭسىزلىقى، يەر شارىۋى تەڭپۇڭسىزلىق قۇرۇلمىسى، سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى قانداق ھەل قىلىش قاتارلىق بەزى مۇھىم مەسىلىلەردە بىرقەدەر ئوبيېكتىپ ئورتاق تونۇش شەكىللەندۈرۈلدى. خېلى كۆپ دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ تاشقى تەڭپۇڭسىزلىقنى ئازايتىشتا قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم ئىلگىرىلەشلىرى ھەم يەر شارىۋى تەڭپۇڭسىزلىقنى ياخشىلاشتىكى غايەت زور تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. تۆتىنچى، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك خىرىس كۆزدە تۇتۇلۇپ، دىققەت قېرىلىشىشقا ۋە ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنى قاپلاشقا مەركەزلەشتۈرۈلدى. يىغىندا مۇنداق قارالدى: G20دىكى ھەرقايسى تەرەپلەر سىغدۇرۇشچان ئەمگەك كۈچى بازىرى سىياسىتى، كۈتۈنۈش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش، ئاممىۋى كىرىم - چىقىم ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، قېرىلىشىش مەسىلىسىگە پائال تاقابىل تۇرۇشى، ئەۋلادلار ئارا باراۋەرلىكنى قوللىشى ھەم ئاممىۋى مالىيەنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ۋاڭ شوۋۋېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىرقى ۋەزىيەتتە، خەلقئارا جەمئىيەت G20 دابەن باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە ھەرىكەت كۈچىنى داۋاملىق نامايان قىلىپ، خەلقئارالىق مۇھىم ئىقتىساد - سودا قارالمىلىرى توغرىسىدا سەمىمىي، چوڭقۇر ۋە ئىجابىي سۆزلىشىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى يېتەكچى بىلەن تەمىنلىشىنى، يېڭى پىكىر يولى ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. 6- ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن G20 سودا مىنىستىرلىرى يىغىنىدا قوشما بايانات ئېلان قىلىنىپ، ياخشى سودا سېلىنما مۇھىتى بەرپا قىلىش، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇش، سودا بىلەن رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ھەمتۈرتكىلىكىنى كۈچەيتىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ۋە سىغدۇرۇشچان ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار توغرىسىدا پائال ئورتاق تونۇش شەكىللەندۈرۈلۈپ، G20نىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇلدى. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپنىڭ بۇنى ئاساس قىلىپ، دابەن باشلىقلار يىغىنىدا تۆۋەندىكى ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ: بىرىنچى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ زۆرۈر ئىسلاھاتىغا ئىجابىي تۈرتكە بولۇش. جۇڭگو تەرەپ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ زۆرۈر ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىنى قوللاپ، ئۇنىڭ نوپۇزلۇقلۇقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىدۇ. بىز باشلىقلار يىغىنىنىڭ كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوللاش، يەككە تەرەپچىللىك ۋە قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇشتىكى ئىجابىي ئورتاق تونۇشنى يەنىمۇ مۇجەسسەملىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىككىنچى، ئەركىن، ئوچۇق سودا سېلىنما سىياسىتى مۇھىتى بەرپا قىلىش. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، ئوچۇق سىياسەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلىرى ئۈچۈن ئەركىن، ئادىل، كەمسىتىش بولمىغان، ئاشكارا، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ۋە مۇقىم سودا سېلىنما مۇھىتى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. ئۈچىنچى، سودا سېلىنمىسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سىغدۇرۇشچان ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش. بىز باشلىقلار يىغىنىنىڭ يېڭى ئېشىش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ۋە تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، سودا سېلىنمىسى بىلەن رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى بىلىملەر ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە خەلققە بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز. دابەن باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئىجابىي، ئەمەلىي ئىقتىساد - سودا نەتىجىلىرىنى ھاسىل قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇم مەنپەئەتلىنىدىغان، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

چېن يۈلۇ تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتىكى ئەھۋالنى نۇقتىلىق تونۇشتۇردى: بىرىنچى، ماكرو ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇش توغرىسىدا. جۇڭگو تەرەپ G20دىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىلگىرىكى ئورتاق تونۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، سىرتقا ئېنىق، ئاكتىپ سىگنال تارقىتىپ، كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، سۆھبەت ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ماكرو ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە، پۇل ۋە قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات قاتارلىق تۈرلۈك سىياسەت قورالىنى ئۇنىۋېرسال ئىشلىتىپ، يەر شارىۋى پۇل مۇئامىلىنىڭ مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداپ، يەر شارىۋى ئىقتىسادنىڭ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تەڭپۇڭ، سىغدۇرۇشچان ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككىنچى، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە قۇرۇلمىسى توغرىسىدا. جۇڭگو تەرەپ كۈچلۈك، سىغىمچانلىق ئاساس قىلىنغان، بايلىق مەنبەسى يېتەرلىك بولغان خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنى ئىزچىل قوللاپ كەلدى، دابەن باشلىقلار يىغىنىنىڭ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ يەر شارىۋى پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىك تورىدىكى مەركەزلىك ئورنىنى داۋاملىق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپ بىلەن ئىجابىي سۆھبەتنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرگە ئورتاق تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۈچىنچى، پۇل مۇئامىلە تارماقلىرىنىڭ قارالمىلىرى توغرىسىدا. جۇڭگو تەرەپ باشلىقلار يىغىنىنىڭ پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە قوشۇلۇپ، ئالاقىدار سەلبىي تەسىرلەرگە تاقابىل تۇرۇپ، يېڭى تېخنىكىنىڭ پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە قوللىنىلىشىنىڭ پائال ئەھمىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىش بىلەن بىللە، ئالاقىدار خەۋپ - خەتەرلەرگە دىققەت قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بويىچە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. تۆتىنچى، يېشىل پۇل مۇئامىلە توغرىسىدا. يېشىل پۇل مۇئامىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. جۇڭگو تەرەپ دابەن باشلىقلار يىغىنىنىڭ يېشىل پۇل مۇئامىلىنىڭ يەر شارىۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى داۋاملىق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپ بىلەن ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، يېشىل پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتى ئارقىلىق يەر شارىۋى ئىقتىسادنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بەشىنچى، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە توغرىسىدا. ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ ئىمكانىيىتى ۋە قولايلىقلىقىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىغدۇرۇشچان ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن تەجرىبىلەردىن داۋاملىق بەھرىلىنىپ، يەر شارىۋى ئىقتىسادنىڭ سىغدۇرۇشچان ئېشىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.