تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

1-تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىدە ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك

مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقاتتى

1-تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىدە ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 24- كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىدە ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلاردىن ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۇسۇل ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك نۇقتىلىق تەدبىرنى تۇتاشتۇرۇپ، ئورگانىك يۇغۇرۇشنى، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ھەرقايسى جەھەتلىرىدە نامايان قىلىش كېرەك. ئۆگىنىش - تەربىيەدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ پۈتۈن جەريانغا سىڭدۈرۈپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە سېلىشتۇرۇپ پۇختا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئۆگىنىپ، مەسىلىنى تۇتۇپ ئۆگىنىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نىشان - ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا چۈشىنىش ۋە ھېس قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش جەريانىدا مەسىلىنى ھەل قىلىش چارە - تەدبىرلىرىنى ئىزدەش كېرەك. مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىشتە، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىگە سېلىشتۇرۇپ پەرقلەرنى تېپىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تەكشۈرۈپ، ئۆگىنىش - تەربىيە ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا مەسىلىنى توغرا تېپىپ، ھەقىقىي تەكشۈرۈپ، يىلتىزىنى چوڭقۇر، تولۇق تەھلىل قىلىش كېرەك. تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، دىققەتنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، باشلىنىشىدىلا تۈزىتىپ، «تۈزىتىش»نى باشتىن - ئاخىرغا سىڭدۈرۈپ، ھەقىقىي تۈزىتىپ، ئەمەلىي تۈزىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش كېرەك. باش تېما تەربىيەسى ئارقىلىق، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش، يېڭى يۈكسەكلىككە يېتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئۆگىنىش - تەربىيەنى پۇختا، ياخشى تۇتۇش كېرەك. دىققەتنى باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى زىچ چۆرىدەپ ئۆگىنىشكە تەشكىللەش كېرەك، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى ئاساس قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ، ئەستايىدىل بولۇپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، قانۇنىيىتىنى چۈشىنىپ، مۇناسىۋەتلىك ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى تولۇق ئوقۇپ، كۆپ پىكىر يۈرگۈزۈپ، كۆپ ئويلىنىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، سىستېمىلىق، ئومۇميۈزلۈك، ئەتراپلىق ئىگىلەپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك. مەركەزلىك ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، پارتكوم(پارتگۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئۆگىنىش، كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئېچىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، دىققەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ مۇھاكىمە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش كېرەك. نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش ئېسىل ئۆگىنىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىشنى ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى، مۇقىملىقىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدا دۇچ كەلگەن تەخىرسىز مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، شەخسنىڭ ئىدىيە ئەمەلىيىتى ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۆزلەپ، قاراتمىلىق ھالدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ۋە ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلار بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مەسىلىنى بايقاش، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى كۆزلەپ، قايسى جەھەتتىكى مەسىلىلەر گەۋدىلىك بولسا دىققەتنى شۇ جەھەتتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈش، مەسىلە قايسى ھالقىلاردا كۆرۈلسە شۇ ھالقىلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نەزەرىيەنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇش ئاساسىدا مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك، ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار باشلامچى بولۇپ سۆزلىشى، باشقا بەنزە ئەزالىرى ئۆزى مەسئۇل ساھە ياكى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىغا بېرىپ سۆزلىشى كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، قايتا ئويلىنىش كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار پىكىر يولىنى كەڭ ئېچىپ، يوللارنى راۋانلاشتۇرۇپ، چىن كۆڭلى، سەمىمىي نىيىتى بىلەن ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، ئامما، خىزمەت - مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلىشى كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئاڭلىق ھالدا قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا سېلىشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە كۆرسىتىلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە سېلىشتۇرۇپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى مۇھىم نىزاملىرى توپلىمى»غا سېلىشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچقا سېلىشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا سېلىشتۇرۇپ، ئىلغار تىپلارغا، ئەتراپتىكى ئۈلگىلەرگە سېلىشتۇرۇپ، ئېلىنغان پىكىر - تەكلىپلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىگە تەتبىقلىشى، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىگە تەتبىقلىشى، خىزمىتىگە تەتبىقلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە بەنزە ئەزالىرى پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىشتەك ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، قايتا ئويلىنىپ، خىزمەتتىكى كەمتۈكلۈك، كونكرېت مەسىلىلەرگە قارىتا ئىدىيە، سىياسىي، ئىستىل، ئىقتىدار، پاكلىق جەھەتتىن چوڭقۇر تەھلىل قىلىشى كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچىشى كېرەك. مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇش، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار، رەھبەرلىك بەنزىلىرى تەكشۈرۈلگەن، كۆزىتىلگەن، تەھلىل قىلىنغان مەسىلىلەر ئىچىدىن، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەر ئىچىدىن ئەڭ گەۋدىلىك بولغان، باش تېما تەربىيەسى مەزگىلىدە ھەل قىلغىلى بولىدىغان بىرنەچچە مەسىلىنى ئايرىم - ئايرىم تىزىپ چىقىپ، تۈزىتىش، ھەل قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇشى كېرەك. رەھبەرلىك ئورگانلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، تۆۋەن دەرىجىلىكلەرنىلا تۇتۇپ، ئۆزىنى تۇتماسلىقتىن ساقلىنىشى كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەكىتلەندى: ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا، ياخشى، دەل جايىدا ئىشلەش كېرەك، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئورگانلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار نەمۇنىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، ئۆزىنى باش تېما تەربىيەسىدىكى رەھبەرلىك قىلغۇچى، تەشكىللىگۈچى دەپلا قاراپ ئۆزىنى چەتكە ئالماسلىقى، ئۆگىنىش ئۆگىنىش پېتى، سۆز سۆز پېتى، ئىش ئىش پېتى قالماسلىقى، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ۋە قۇرۇق رەسمىيەتچىلىكتىن ھەقىقىي ساقلىنىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى