تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا 2019- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرگە «تىيانشان مۇكاپاتى» بېرىش توغرىسىدىكى ئالاقىدار ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنى تەقدىرلەش، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاش، خەلقئارادىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 1999- يىلى «تىيانشان مۇكاپاتى» تەسىس قىلىپ، ئۇنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلغان چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرگە بېرىدىغان ئەڭ ئالىي شەرەپ مۇكاپاتى قىلغان. ئاپتونوم رايونلۇق چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر «تىيانشان مۇكاپاتى»نىڭ تەسىس قىلىنىشى ئومۇميۈزلۈك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تېخىمۇ كۆپ چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللىشىغا ئىلھام بېرىشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، تەسىر كۈچى چەت ئەللەرگە تارقىلىپ، چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر توپىدا ياخشى ئىنكاس پەيدا قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل 3- ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى 2019- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر «تىيانشان مۇكاپاتى» نى باھالاش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، مىرئەزىز ئەخمەدوف قاتارلىق چەت ئەللىك ئالتە مۇتەخەسسىسنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2019- يىللىق «تىيانشان مۇكاپاتى»غا ئېرىشكۈچى قىلىپ باھالاپ چىقتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مۇۋاپىق ۋاقىتنى تاللاپ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە شەرەپ گۇۋاھنامىسى ۋە مېدال تارقىتىپ بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى