تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ ئىشەنچى

ــــ جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرايلى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئوبزورچىسى

«پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بۆلىكى» يەلكەن چىقىرىپ يولغا چىقتى، «شاڭخەي - لوندون ئاكسىيە سودا بازىرى ئۆزئارا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش مېخانىزمى» رەسمىي قوزغىتىلدى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك 300 مىليارد يۈەن كۆلەمدىكى ھەقنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرى ئەمەلىيلىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، يېڭى نۇسخىدىكى چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى ئوتتۇرىغا چىقىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ... ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش قەدىمى مۇستەھكەم ۋە سالماق بولدى. بىر قىسىم چەت ئەللىك ئەربابلار جۇڭگوغا كېلىپ ئايلىنىپ بېقىپ، كۆرۈپ بېقىپ، ئىختىيارسىز ھاياجانلانغان ھالدا: جۇڭگو «ئۆزگىرىش ياساشقا ماھىر دۆلەت»، دېيىشتى. خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ قەتئىي تاللىشى، شۇنداقلا بىزنىڭ جاپا - مۇشەققەتلەرنى يېڭىشتىكى ئەڭ چوڭ ئىشەنچىمىز.

جۇڭگو نېمە ئۈچۈن قىلالىدى؟ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغان جۇڭگونىڭ ئىرادىسى ۋە ھەرىكىتىنى چۈشەنگەندىلا، ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ بوران - چاپقۇنلاردىن قورقماي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىدىكى يادرولۇق شىفىرنى تاپقىلى بولىدۇ.

ئامېرىكا تەرەپ ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشىنى قوزغىغاندا، بىر قىسىم كىشىلەر «كۆپلىگەن ئامېرىكا كارخانىلىرى جۇڭگودىن چېكىنىپ چىقىۋاتىدۇ» دەپ داۋراڭ سالدى، ئەمەلىيەتتە بولسا، جۇڭگو تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇردى، بازار ئىجازىتىنى كەڭ قويۇۋەتتى، جۇڭگو يەنىلا پۈتۈن يەر شارىدىكى ئەڭ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە مەبلەغ سېلىش مەنزىلگاھى بولدى. بۇ يىل 1- ئايدىن 5- ئايغىچە، جۇڭگو ئەمەلىي پايدىلانغان چەت ئەل مەبلىغى 369 مىليارد 60 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.8 ئاشتى. «ئامېرىكا كارخانىلىرى جۇڭگودا ئاق تاشلىق كىتابى»دا كۆرسىتىلىشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان %98 ئامېرىكا كارخانىسى داۋاملىق جۇڭگو بازىرىنى ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر قايتا - قايتا «جۇڭگو ئىقتىسادى ئانچە ياخشى بولمايۋاتىدۇ» دېگەننى توقۇپ چىقاردى، ئەمەلىيەتتە بولسا، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى، باجنى كېمەيتىپ ھەقنى تۆۋەنلىتىش، چېگرا ھالقىغان سودىنى قولايلاشتۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، ئۇنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، دۆلىتىمىزنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.0 ئاشتى، يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرغان يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20تىن ئارتۇق ئاشتى، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.1 ئاشتى، مال سودىسى ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.1 ئاشتى. دۇنيا بانكىسىنىڭ قارىشىچە، «پۈتۈن يەر شارىدا مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى كۆپىيىۋاتقان ۋەزىيەتتە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى يەنىلا ئېلاستىكلىقنى ساقلىغان.» پاكىت ئالدىدا، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ جۇڭگو زاۋاللىققا يۈزلەندى دېگەن سەپسەتىسى ئۆزلۈكىدىن بەربات بولدى.

دېمەك «تەرەققىياتتا تېما چىقىرىلدى، ئىسلاھاتتا نى - نى ئىشلار قىلىندى». جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشىگە تاقابىل تۇرغان بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيانقى ئەمەلىيەت بىزگە يەنە بىر قېتىم شۇنى ئۇقتۇردىكى، ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپلەشكەنسېرى، ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى بېجىرىش ئىرادىمىز ۋە سەۋرچانلىقىمىز شۇنچە بولۇشى كېرەك، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە شۇنچە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەر ئالدىدا، خەلقئارادا يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىقنىڭ ئۈزلۈكسىز باش كۆتۈرۈشى ئالدىدا، پەقەت ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، تەرەققىيات ئاساسىنى يېتىشتۈرگەندىلا، ئاندىن يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش موتورىنى تېخىمۇ كۈچەيتكىلى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتقىلى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش بوشلۇقىنى تېخىمۇ كېڭەيتكىلى بولىدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى يېشىپ، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن ھاياتىي كۈچنى مۇستەھكەملەپ، ئىشەنچنى چىڭىتقاندىلا، ئاندىن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھاياتىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكىلى، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، خەۋپ - خەتەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ھەم ئاچقۇچلۇق تەدبىر، ھەم غەلىبە قازىنىدىغان تەدبىر.

ئۆزگىرىش - يېڭىلىق يارىتىش ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىدىكى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. بۈگۈن، جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق مەسىلە ۋە زىددىيەتنى ھەل قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ «تەييار ئاپتوموبىل»ىغا ئولتۇرۇشىنى قارشى ئېلىشى ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىش كۆرۈشتەك چوڭ ئەقىل - پاراسىتىنى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىشتەك چوڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى، دېڭىزدەك كەڭ كۆڭلى - كۆكسىنى نامايان قىلدى. ھالبۇكى، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ساقلىنىۋاتقان جاھىل كونا كېسەلگە توغرا قاراشنى خالىماي، ھە دېسىلا مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇپ، مەسىلىنى باشقىلارغا دۆڭگەپ قويۇپ، قايتا - قايتا توسۇق ئورۇنلاشتۇرۇپ، «ئېگىز تام» قوپۇرۇپ، تارىخ چاقىنى ھە دەپ كەينىگە ياندۇردى. دەۋر ئېقىمىنى ئەينەك قىلغاندا، كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىر قاراپلا چۈشەنگىلى بولىدۇ.

ئىسلاھات ئېلىپ بارغۇچىلارلا ئىلگىرىلەيدۇ، يېڭىلىق ياراتقۇچىلارلا كۈچىيىدۇ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق ياراتقۇچىلارلا غەلىبە قىلىدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇۋاتقاندا، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئالىملار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خاتا سىياسىتىنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن قاتتىق تەشۋىشلەنمەكتە. كىم ئۆزگىرىشنى چەتكە قاقسا، كىم يېڭىلىق يارىتىشنى رەت قىلسا، كىم بېكىنمە، قاتمال بولۇۋالسا، شۇ دەۋرنىڭ ئارقىدا قالىدۇ، شۇ تارىخ تەرىپىدىن شاللىۋېتىلىدۇ − ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىدا، بۇ ئاددىي داۋلى باشتىن - ئاخىر يىمىرىلمەيدىغان بولۇپ، ئەبەدىلئەبەد ئىبرەت بېرىش ئەھمىيىتىگە ئىگە.

بۈگۈنكى جۇڭگو جۇڭگونىڭ جۇڭگوسى بولۇپلا قالماي، بەلكى دۇنيانىڭ جۇڭگوسى. گەرچە ئىلگىرىلەش يولىدا بوران - چاپقۇن، ئوڭۇشسىزلىقلار كۆپ بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگونىڭ ئىسلاھات قەدىمى توختاپ قالمايدۇ، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ، بۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك «ئېنىقلىق». كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋاتقان، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىۋاتقان جۇڭگو دۇنيا بىلەن تېخىمۇ ياخشى ھەمتۈرتكىلىكنى شەكىللەندۈرۈپ، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ۋە گۈللەنگەن جۇڭگو ۋە دۇنيانى بەرپا قىلىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 24- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى