تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز دۇڭ چىڭجۇڭ، ئىختىيارى مۇخبىر لىن يەنبىن خەۋىرى) 6-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاقسۇ شەھىرى بەشتۈگمەن يېزىسى يۇقارقى لەڭگەر كەنتى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى تاۋۇزلار سېتىلىپ بولدى، دېھقانلار ئاقسۇ ۋىلايىتى مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، يۇقارقى لەڭگەر كەنتى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى دېھقانلار تېرىغان تاۋۇز ئارقا-ئارقىدىن پىشقان بولسىمۇ، بىراق سېتىش يولىنى تاپالمىدى. خىزمەتچى خادىملار ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە تاۋۇز سېتىش ئۇچۇرىنى ئۇلاپ تارقاتتى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1-شۇجى تيەن جۈن كۆپ قېتىم يېزىغا ۋە ئاقسۇ شەھىرىگە بېرىپ دېھقانلارغا ياردەملىشىپ سېتىش يولى ئىزدىدى، بىر نەچچە ياقا يۇرتلۇق سودىگەر نەق شۇ ھامان سېتىۋېلىشنى قارار قىلدى.
6-ئاينىڭ 22-كۈنى، تاۋۇزلارنى ياقا يۇرتلۇق خېرىدارلارغا ۋاقتىدا تاپشۇرۇش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتىدىكى ئەزالار، كەنت كادىرلىرى ئاكتىپلىق بىلەن تاۋۇز ئۈزۈش ئەترىتىگە قاتناشتى، ئېتىز-ئېرىق باشلىرىنى كۈلكە سادالىرى قاپلىدى.
ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى ئالىم تۇنىياز مۇنداق دېدى: «ئادەم كۆپ بولسا كۈچمۇ كۆپ بولىدۇ، پىشقان تاۋۇزلارنى كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئاستىدا ناھايىتى تېز ئۈزۈپ بولدۇق، يەنە ئاپتوموبىلغا قاچىلاپ ياقا يۇرتلۇق سودىگەرلەر بەلگىلىگەن ئورۇنغا يەتكۈزۈپ بەردۇق، كۆڭلۈمدىكى غەم ئاخىرى تۈگىدى.»