6-ئاينىڭ 24-كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىسى تەيجۇ شەھەرلىك خوڭگۇاڭ مەكتىپىدە، ئوقۇغۇچىلار زەھەرنى رەت قىلىش ئىمزا قويۇش تېمىغا تەنتەنىلىك ئىمزا قويماقتا.
6-ئاينىڭ 26-كۈنى ـــ خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى ھارپىسىدا، ھەرقايسى جايلاردىكى مەكتەپلەر زەھەر چەكلەش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا زەھەر چەكلەش بىلىملىرى، زەھەرنىڭ زىيىنىنى چۈشەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ زەھەرنى تونۇش، زەھەردىن ساقلىنىش، زەھەرنى رەت قىلىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى (جاڭ يوۋچىن فوتوسى)
6-ئاينىڭ 24-كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىسى تەيجۇ شەھىرى خوڭگۇاڭ مەكتىپىدە، پىدائىيلار ئوقۇغۇچىلارغا زەھەر چەكلەش تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقاتماقتا. (جاڭ يوۋچىن فوتوسى)
6-ئاينىڭ 24-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى خەندەن شەھىرى جۇخېلۇ باشلانغۇچ مەكتىپىدە، خەلق ساقچىلىرى تەقلىدىي زەھەر ئەۋرىشكىسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا زەھەرنىڭ زىيىنىنى چۈشەندۈرمەكتە. (ياڭ ياڭ فوتوسى)
6-ئاينىڭ 24-كۈنى، چۇڭچىڭ شەھىرى يوڭچۈەن رايونى يوڭروڭ بازىرى ئوتتۇرا مەكتىپىدە، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئوقۇغۇچىلارغا زەھەر چەكلەش بىلىملىرىنى چۈشەندۈرمەكتە.(چېن شىچۈەن فوتوسى)