يېقىندا، شايار ناھىيەلىك يەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ قايلور بازىرى قىزىلتام كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىسى رۇسۇل ئۆمەرگە ياردەم بېرىپ سامسا دۇكىنىدىن بىرنى ئېچىپ بەردى.
رۇسۇل ئۆمەر مۇنداق دېدى: «خىزمەت ئەترىتى بەك ياخشىكەن، ماڭا دۇكان ئېچىپ بېرىپلا قالماي، يەنە بىر يىللىق ئىجارە ھەققىمنى كەچۈرۈم قىلدى، مەن كۈندە 200~250 تالغىچە سامسا ساتىمەن. بۇنىڭدىن سىرت، دۇكاندا يەنە بىر قىسىم ئائىلە تاماقلىرىنىمۇ چىقىرىمەن، ھازىر ئايلىق كىرىمىم 2500~3000 يۈەنگىچە بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىنتايىن بەخىتلىك ئۆتۈۋاتىمىز.»
«بىزنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن چارە، ئامال تېپىشىمىز، كەنتتىكى ياشلارنى تېخىمۇ ياخشى بولغان ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈندۇر، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىمىز» دېدى كەنت 1-شۇجىسى قۇددۇس پەخىردىن.
(ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» ئىشخانىسىدىن گۈلەيسەم مىجىت تەمىنلىگەن)