تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

تەر تۆكۈپ ئىشلىگەندىلا مول ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ تەبەسسۇمى ئەڭ ياخشى ئىسپات بولالايدۇ

«ياخشى سىياسەت+پات-پات ياردەم بېرىپ يۆلەش» كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش تېز يولىدا مېڭىشىغا كۈچ قوشتى

2017-يىلى، ئاۋات ناھىيەسى دولان يېزىسى كىچىك بەشئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مېھرىۋانگۈل مەمەتنىڭ قىزى نۇربىيە ياسىن ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇشىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئىچكى ئۆلكىلەرگە بېرىپ كۆرۈپ باقماقچى بولدى، لېكىن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر سەل ئەنسىرەپ قالغان ئىدى. ئاۋات ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ گۇمان ۋە ئەندىشىلىرىنى يوقاتتى. بىر يىلدىن كېيىن، نۇربىيە 20 مىڭ يۈەن ئىش ھەققىنى مېھرىۋانگۈلنىڭ قولىغا تاپشۇرغاندا، ئۇ تەسىرلىنىپ ياش تۆكتى.

مېھرىۋانگۈل نامراتلارنى يۆلەش قويلىرىغا يەم بەرمەكتە.

ھازىر، مېھرىۋانگۈل يەرلىرىنى ئوبوروت قىلىپ، ئاۋات ناھىيەسىدىكى بىر كۆكەرتىش شىركىتىدە خىزمەت تاپقان بولۇپ، ھەر ئايدا 1500 يۈەن مۇقىم كىرىم قىلىدۇ، ئوغلى نۇرئەلى ياسىن خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ياردىمىدە، ئۆز ھۈنىرىدىن پايدىلىنىپ كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ يېنىدا موتوسىكلىت رېمونت قىلىش دۇكىنى ئاچتى، ئائىلە كىرىمى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە ئېشىپ، تۇرمۇشى تەدرىجىي ياخشىلاندى. (ئاۋات ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن لى لىلى، لى ياچيەن)

شىلەنخۇا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەميېنىنى تومپايتتى

«خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت ‹ئىككى كومىتېت›ىنىڭ ياردىمى ۋە يېتەكچىلىكىدە، بۇ يىل ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز 700 مو يەرنى ھۆددىگە ئالدى، بۇنىڭ ئىچىدە 100 مو يەرگە شىلەنخۇا تېرىلدى. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، شىلەنخۇالارنىڭ ئۆسۈشى ياخشى، بازار باھاسىمۇ ئوبدان بولۇۋاتىدۇ، شىلەنخۇالار ھەقىقەتەن بىز پۇقرالارنىڭ بېيىشتىكى بەخت گۈلىمىز بولۇپ قالغۇدەك.» 6-ئاينىڭ 18-كۈنى، خېجىڭ ناھىيەسى بارۇن خارمۇدۇن بازىرى قارسۇ كەنتىدە، خېجىڭ ناھىيەسى زىچېڭ كۆكتات تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى لى يۈەنچېڭ شىلەنخۇا ئۈزگەچ، خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.

شىلەنخۇادىن مول ھوسۇل ئېلىندى.

بۇ يىل 3-ئايدا، خېجىڭ ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، لى يۈەنچېڭ سىرتقا چىقىپ كۆزدىن كەچۈرۈش، تېخنىكا ئۆگىنىش، دادىل سىناق قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرىدا كۆپ ئادەم پاي قوشۇش شەكلىدە كۆلەملەشتۈرۈپ شىلەنخۇا تېرىدى. شىلەنخۇا تېرىش تېخنىكىسىنى تېزدىن ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى پات-پات كەنتتىكى كۆكتات تېرىيدىغان چوڭ ئائىلىلەر ۋە دېھقانچىلىق تېخنىكلىرىنى باشلاپ ئېتىزغا بېرىپ كۆزەتتى، ئىككى ئايدىن كۆپرەك جاپالىق پەرۋىش ئارقىلىق، كوپىراتىپتا ئۆستۈرۈلگەن شىلەنخۇالار ئۈزۈش باسقۇچىغا كىردى. (خېجىڭ ناھىيەلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسىدىن ئوۋياڭ خۇڭجى، تاڭ يۈ)

خىزمەت ئەترىتى ئەزاسى (سولدا) شىلەنخۇالارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

تاۋۇزدىن ئېچىلغان بېيىش يولى

پىچان ناھىيەسى تۇيۇق يېزىسىنىڭ تۇپرىقى يۇمشاق، ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى، يەر ئاستى سۇ بايلىقى مول بولۇپ، ئۆزگىچە تەبىئىي شارائىتى ئەلا سۈپەتلىك قوغۇن-تاۋۇزلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. تۇرپان شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئائىلە زىيارىتى جەريانىدا تاۋۇز، قوغۇن تېرىيدىغانلار بىرقەدەر كۆپ بولسىمۇ، لېكىن يەرلىك دېھقانلاردىن تېرىقچىلىق قىلىشقا قاتنىشىدىغانلارنىڭ بىرقەدەر ئاز ئىكەنلىكىنى، يەرلىك كەنت ئاھالىلىرى ئاساسلىقى يەرنى ئوبوروت قىلىش شەكلى ئارقىلىق نورمىلىق يەر ھۆددىگەرلىك ھەققى ئالىدىغانلىقىنى، ياكى ئەتراپتىكى چوڭ ئائىلىلەرنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئىشلەپ پۇل تاپىدىغانلىقىنى بايقىدى.

ئۆمەر رېشىت تاۋۇزدىن مول ھوسۇل ئالدى.

بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا، خىزمەت ئەترىتى ئائىلە زىيارىتى جەريانىدا پائال تەشۋىق قىلىپ، ئىقتىدارى ۋە تېرىقچىلىق تەجرىبىسى بار يەرلىك كەنت ئاھالىلىرىنى ئېتىز تاۋۇزى تېرىشقا يېتەكلىدى. ئۆمەر رېشىت ئەسلىدە پارنىكتا قوغۇن تېرىيدىغان بولۇپ، تاۋۇز تېرىشقا ئىشەنچى يوق ئىدى. خىزمەت ئەترىتى ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىپ، ئۇنىڭ يەر ئىجارىگە ئېلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭ قوشنا يەردىكى تېرىقچى بىلەن تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىغا ۋاسىتىچى بولۇپ، تېخنىكا جەھەتتىكى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى ھەمدە دائىم ئېتىز بېشىغا بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا يولۇققان قىيىنچىلىقلارنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭ ئەندىشىلىرىنى يوقىتىشىغا ياردەم بېرىپ، كۆڭلىدىكى تۈگۈنلەرنى يەشتى.

«قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە.» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمى ۋە ئۆمەرنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى بىلەن، ئۇ 56 مو يەرگە تېرىغان تاۋۇزىدىن مۇشۇ پەسىلدىلا 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى. (ئىختىيارىي مۇخبىر شېن جيې)

«ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» ئۈندىدار سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى