تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 23- كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«يېتەكچى پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020- يىلىغا بارغاندا، زامانىۋى يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش تۈزۈم رامكىسى ۋە سىياسەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلىدۇ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلىدۇ، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلىدۇ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ، كەنت دەرىجىلىك كېڭىشىش، مەسلىھەتلىشىش تۈزۈمى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ، يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. 2035- يىلىغا بارغاندا، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت، ئاممىۋى باشقۇرۇش، ئاممىۋى بىخەتەرلىك كاپالەت سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلىدۇ، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئىدارە قىلىش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، يېزا - كەنت جەمئىيىتى ئۈنۈملۈك، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئىناق تەرتىپلىك ئىدارە قىلىنىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

«يېتەكچى پىكىر»دە يەنە يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسلىق ۋەزىپىلەر، تەشكىللەپ يولغا قويۇش قاتارلىقلارنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا قارىتا كونكرېت تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى