ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى">
تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 8- قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىغا قارىتا، سىچۇەن چاڭنىڭدىكى 6.0 بال يەر تەۋرەشكە قارىتا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش خىزمىتى تەتقىق قىلىندى

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئاينىڭ 23- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 8- قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىغا قارىتا، سىچۇەن چاڭنىڭدىكى 6.0 بال يەر تەۋرەشكە قارىتا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 8- قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۈكسەك ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات - تەرەققىيات ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئەھۋالغا قاراپ يېتەكچىلىك قىلىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، مۇھىم، زور زىددىيەت ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە ئەسقاتىدىغان چارە كۆرسىتىش، قاتتىق تەدبىر قوللىنىش كېرەك. ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى يېشىش، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرگە قارىتا، مۇھىم، زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ۋە يولغا قويۇپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكلۈكى، ماسلىقىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى ھاياتىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھاتنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ تۇتۇپ، دىققەتنى مۇھىم ساھە، مۇھىم ۋەزىپە، مۇھىم سىناق نۇقتىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق سۇبيېكت، ئاچقۇچلۇق ھالقا، ئاچقۇچلۇق تۈگۈننى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى باھالاشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم نۇقتا ئارقىلىق تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى جانلىق دەرسلىك قىلىپ، ئۇنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمايدىغان سىياسىي خىسلىتىدىن، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەش، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشىدىغان ئېسىل ئىستىلىدىن، ئاددىي - ساددا، ساپ، نام - مەنپەئەتكە بېرىلمەيدىغان ئالىيجاناب خىسلىتىدىن، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتەك كىشىلىك ھايات پوزىتسىيەسىدىن ئۆگىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى ئۈلگىلەردىن كۈچ ئېلىپ، ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋرنىڭ كۈرەشچىلىرىدىن بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھازىر دەل ياز پەسلى، يازلىق تەتىل مەزگىلى ۋە ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلى يېتىپ كەلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بەزى جايلاردا يامغۇر ئەھۋالى، كەلكۈن ئەھۋالى گەۋدىلىك بولۇپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋەزىپىسى مۈشكۈل. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىگە قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى ۋە تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى قەتئىي يېڭىپ، خىزمەت لايىھەسىنى ئىلمىي تۈزۈپ، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ كۆزلەپ، ئۆلچەپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، خەۋپ - خەتەر ئەسكەرتمىسىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، جىددىي خەتەردىن ساقلىنىش مانېۋىرىنى كۈچەيتىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنى كونترول قىلىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ساياھەت خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، «يۇقىرى دەرىجىلىك، خاس، ئېسىل» تەرەققىيات ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي»نى ياڭرىتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ زور تەرەققىياتى، تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ دۇنيادىكى مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھى قۇرۇپ، ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونىغا ئۆزگىرىشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ۋاڭ جۈنجېڭ، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.