6- ئاينىڭ 22- كۈنى، قومۇل شەرقىي تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئوتلاقتا سۈنئىي ياسالغان بىر چاڭگىغا ماكانلاشقان ھال رەڭ قارىغوجا.
ياز كىرگەندىن بۇيان، تۈمەنلىگەن ھال رەڭ قارىغوجا قومۇل شەرقىي تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىدىكى ئوتلاققا كۆچۈپ كېلىپ چېكەتكە تۇتۇپ يەپ، ماكانلىشىپ، كۆپىيىپ، چېكەتكىنىڭ ئوتلاققا سالىدىغان زىيىنىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قومۇل شەھىرى سۈنئىي چاڭگا ياساپ قۇشلارنى جەلپ قىلىش، قارىغوجا مۇھاپىزەت رايونى ۋە يېتىشتۈرۈش - كۆپەيتىش بازىسى قۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھال رەڭ قارىغوجا ئۈچۈن تىنچ، ياخشى تەبىئىي مۇھىت يارىتىپ بېرىپ، ھەر يىلى زور تۈركۈمدىكى ھال رەڭ قارىغوجىنى بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىشكە جەلپ قىلغاچقا، ئوتلاقنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى قوغدالدى.
(لى خۇا فوتوسى)