تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەش ئەڭ قىممەتلىك بايلىق

تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈمچىلىك بازىرىنىڭ بۇلاق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئۆمەر ئابلىز

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، بۇلاق كەنتىدىكى ھەر مىللەت ئامما بىر ئۆستەڭنىڭ سۈيىنى تەڭ ئىچىپ، بىر ناخشىنى تەڭ ئېيتىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىللىق ھەم تەسىرلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى.

ھېكايىنى 60 يىل ئىلگىرىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا، مەركەز چېگرا رايون قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىشكە چاقىرىق قىلدى، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ خەيئەن ناھىيەسىدىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 15 ئائىلىلىك خەنزۇ ئامما كېلىپ، 55 ئائىلىلىك ئۇيغۇر كەنت ئاھالىسى بىلەن بۇلاق كەنتىنىڭ 3- كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بولۇپ تەشكىللەندى.

يېڭى كەلگەن خەنزۇ قېرىنداشلارغا ئۇيغۇر كەنت ئاھالىلىرى ئىللىق قوينىنى ئېچىپ: «يىراقتىن كەلگەن دوستلار، سىلەرنى قارشى ئالىمىز. ھازىردىن باشلاپ، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، قىيىنچىلىق بولسا بىزنى ئىزدەڭلار» دېدى.

ئىللىق سۆزلەر خەنزۇ ئاممىنىڭ ئەندىشىسىنى بىراقلا تۈگەتتى، ئۇلار تەسىرلەنگەن ھالدا: «شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەبەسسۇمى ۋە كەڭ قۇچاق ئېچىشى بىزگە چەكسىز كۈچ ئاتا قىلدى» دېدى.

ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز بولغىنى 1961- يىلى 5- ئاي ئىدى، بىر قېتىملىق قۇم - بوران ھۇجۇمى، نۇرغۇن زىرائەتلەرنى يىلتىزىدىن قومۇرۇۋەتتى. خەنزۇ ئاممىسى يەر - جاھاننى قاپلىغان سېرىق بوران ئالدىدا ئامالسىز قالغاندا، يېقىن ئەتراپتىكى ئۇيغۇر يۇرتداشلار بەس - بەستە كېلىپ ئۇلاردىن ھال سورىدى، بەزىلىرى نان ئەكىلىپ بەردى، بەزىلىرى ئىسسىق تاماق ئەكىلىپ بەردى، يەنە بەزىلىرى كۆپچىلىكنى ئۆيىگە بېرىشقا تەكلىپ قىلدى.

پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ياردىمىدە، ئۇيغۇر يۇرتداشلارنىڭ قىزغىن غەمخورلۇقىدا، بۇ بىر توپ ياشلارنىڭ كۆڭلى جايىغا چۈشتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇلار چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، يەرلىكتىكى ئۇيغۇر ئامما بىلەن تۇرمۇشتا ئۆزئارا ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئىشلەپچىقىرىشتا ئۆزئارا ياردەم بەردى. بىلىپ - بىلمەيلا، كۆپچىلىك بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلاندى.

كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە ئارىدىن 60 يىل ئۆتۈپ كەتتى، پېشقەدەملەر بىزگە قالدۇرغان ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش روھى ئاللىبۇرۇن بۇلاق كەنتىدىكىلەرنىڭ قان تومۇرلىرىغا سىڭىپ كەتتى، بۇلاق كەنتىدىكىلەر بۇنى ئەڭ قىممەتلىك بايلىق دەپ قارىدى.

بۇ يىل 3- ئايدا، تەكلەرنى ئاچقاندا، بۇلاق كەنتىدە يەنە كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى: ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى ئۆزئارا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، كەنت ئاھالىسى ئامىنىخان ناسىر بىلەن غاپپار جاپپار ئائىلىسىنىڭ تەكلىرىنى ئېچىپ بەردى. ئامىنىخاننىڭ ئۈچ قىزى بولۇپ، ئېرى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن، ئائىلىسىدە ئەمگەك كۈچى يوق ئىدى. غاپپارنىڭ يۈرەك كېسىلى بار، جىسمانىي ئەمگەك قىلالمايتتى. ئامىنىخان تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «سىلەرنىڭ ياردىمىڭلار بولمىغان بولسا، ئائىلىمىزنىڭ تەكلىرىنى قانداقمۇ ئاچاتتۇق - ھە!» غاپپار مۇنداق دېدى: «ھېلىمۇ ياخشى يۇرتداشلار ياردەم بەرگەچكە، ھەر يىلى تەكلىرىمنى ئوڭۇشلۇق ئېچىۋاتىمەن، مۇشۇنداق يۇرتداشلىرىمنىڭ بولغانلىقىدىن ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىمەن».

بۇلاق كەنتىدە، كۆپچىلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرايدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيدۇ، ئۇلار ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقان. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى ئازغىنا ئەمەلىي ھەرىكىتى ۋە جاپالىق ئەجرى ئارقىلىق باياشات، بەختلىك تۇرمۇشقا تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى بۇلاق كەنتىدە دائىم پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى