تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئۇزۇن سەپەر يولىدىكى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچ

− «مۇخبىرلار ئۇزۇن سەپەر يولىدا قايتا مېڭىش» بويىچە جياڭشى - فۇجيەن - گۇاڭدۇڭدا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىم

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ يۈجيا

ئۇرۇش تۇمانلىرى ئاللىقاچان تارقىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، مەنىۋى چوغ ئۆچمىدى.

مۇخبىر جياڭشىدىن يولغا چىقىپ، قىزىل ئارمىيە بېسىپ ئۆتكەن ئۇزۇن سەپەرنى قايتا مېڭىپ، جياڭشى - فۇجيەن - گۇاڭدۇڭدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سۈرئەتنى تېخىمۇ تېزلىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى كۆردى.

 ئىستىلنى داۋاملاشتۇرۇش سوۋېت رايونىدا يېڭى سەھىپە پۈتۈش

«سوۋېت رايونىدىكى كادىرلارنىڭ ئىستىلى ياخشى، ئوزۇق - تۈلۈكىنى ئۆزلىرى ئېلىپ كېلىپ خىزمەت قىلىدۇ...» 80 نەچچە يىل ئىلگىرىكى تاغ ناخشىسىدا ئىنقىلاب يىللىرىدىكى، سوۋېت رايونى كادىرلىرىنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، پاك - دۇرۇس بولۇشتەك ئىنقىلابىي ئىستىلى كۈيلەنگەن.

85 يىل ئىلگىرىكى ئۇلار يۈدۇدىن يولغا چىقىپ، يىراق سەپەرگە ئاتلىنىپ، مۆجىزىلەرنى ياراتتى؛

85 يىلدىن كېيىنكى ئۇلار ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمەي، بۇرچنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، يەنە يېڭى سەھىپە پۈتتى −

«چىن ھېسسىياتنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ نامراتلارنى يۆلەپ، نامرات كەنتتىكى يۇرتداشلارنى بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.» بۇ جياڭشى يۈدۇ كۇەنتيەن يېزىسى گۈيلۇڭ كەنتىنىڭ 1- شۇجىسى ۋاڭ گوخۇا دائىم ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان بىر جۈملە سۆز.

ۋاڭ گوخۇا نامرات ئائىلىلەرنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قارىتا، ئوخشاش بولمىغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنى تۈزدى. ئامال - چارە ئويلاپ، يول تېپىپ، تاغ - ئورمان ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، شىركەتلەرنى كىرگۈزۈپ، كەنتتىكى نەچچە ئون ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، نامرات ئاممىنىڭ بېيىش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە قوزغاتتى.

جەنۇبىي جياڭشىدا يەنە ۋاڭ گوخۇاغا ئوخشاش مۇشۇنداق نۇرغۇن ئاساسىي قاتلام كادىرى پۇقرالارنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن تىرىشماقتا.

يەتتە يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، يېزا - كەنتلەردىكى 695 مىڭ 200 ئائىلىلىكنىڭ خەتەرلىك، كونا كېسەك ئۆيى ئۆزگەرتىلدى، 5 مىليون 460 مىڭ يېزا ئاھالىسىنىڭ بىخەتەر سۇ ئىچىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى، تاغلىق رايوندىكى 3 مىليونغا يېقىن ئاممىنىڭ توك ئىشلىتەلمەسلىك ۋە ئۇزاقتىن بۇيانقى «توك بېسىمى تۆۋەن بولۇش» مەسىلىسى ھەل قىلىندى...ئۇزاقتىن بۇيان جەنۇبىي جياڭشى سوۋېت رايونىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئۆي سېلىش تەس بولۇش، سۇ ئىچىش تەس بولۇش، توك ئىشلىتىش تەس بولۇش، يول يۈرۈش تەس بولۇش، مەكتەپتە ئوقۇش تەس بولۇش، كېسەل كۆرسىتىش تەس بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر تەدرىجىي ھەل قىلىنماقتا.

پارتىيە رايى ئەلرايىغا تۇتاش، كۈرەشنىڭ چېكى يوق. جەنۇبىي جياڭشىدىن ئىبارەت سوۋېت رايونى كادىرلىرىنىڭ ياخشى ئىستىلى بارلىققا كەلگەن بۇ جايدا كوممۇنىستلار باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچتا ئېغىشماي چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

 قەدەمنى پۇختا ئېلىش بەختلىك تۇرمۇشنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىش

يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى كەيپىيات ئۇزۇن سەپەر يولىدا ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى.

فۇجيەن بىلەن جياڭشى تۇتاشقان رايونغا جايلاشقان فۇجيەن چاڭتىڭنىڭ سىدۇ بازىرى لوۋزىبا كەنتىدىكى جياڭشېكېڭدا دەريا سۈيى سۈزۈك، يوللار تۈز، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر قويۇق ئۆسكەنىدى. «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىزدەك كونا ئىنقىلابىي رايون خەلقىنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە پۈكۈپ، سىجىل مەخسۇس تۈردە ياردەم بېرىش - يۆلەش مەبلىغى سالدى، كەنتىمىزنىڭ قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى!» دېدى لوۋزىبا كەنتى پارتىيە ياچيېكىسىنىڭ شۇجىسى چېن شيەنفا.

بىرقانچە يىلدىن بۇيان، ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە، چېن شيەنفا باشلامچىلىق بىلەن تېرىقچىلىق - باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، 450 مو يەرنى ئوبوروت قىلىپ، تەيۋەننىڭ گۆشلۈك سېرىق زەنجىۋىلى، بىڭلاڭيۈ تېرىقچىلىقىنى راۋاجلاندۇردى، شالغۇت شال سورتى يېتىشتۈرۈش ۋە جۇڭيى دورا ماتېرىيالى يىنياڭخو تېرىش تۈرى ئۈستىدە ئىزدەندى. «كونا ئىنقىلابىي رايوننى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا، بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ» دېدى چېن شيەنفا.

غەربىي فۇجيەن زېمىنىدا، ئىلگىرى مەركىزىي ئىنقىلابىي تايانچ بازا قۇرۇلۇپ، جاپا - مۇشەققەتلىك ئىنقىلابىي كۈرەش قاينام - تاشقىنلىق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان. بۈگۈنكى كۈندە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇزۇن سەپەرگە قەدەم تاشلىغاندا، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى −

2019- يىلى لۇڭيەن شەھىرىنىڭ يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىي تەرەققىيات ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى نەق مەيدانىدا 36 تۈردە كېلىشىم ئىمزالاندى، ئومۇمىي سېلىنما 15 مىليارد 284 مىليون يۈەن بولدى.

«فۇلىن قەرزى» كىرىش نۇقتىسى قىلىنىپ، سەنمىڭ شەھىرىنىڭ يېشىل پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىش قەدىمى تېزلەشتى، بۇ يىل 5- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، سەنمىڭ شەھىرىدىكى بارلىق بانكىلار جەمئىي 10 مىڭ 900دىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىگە 1 مىليارد 170 مىليون يۈەن ئىناۋەتلىك قەرز بەردى...

 سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق ئىنقىلاب چوغىنى ئۆچۈرمەسلىك

گۇاڭدۇڭ چىڭيۈەننىڭ ليەنجوۋ شەھىرى ياۋئەن يېزىسى تيەنشىن كەنتىدە بىر ئالاھىدە بايرام: «قىزىل ئارمىيە بايرىمى» بار. 1934- يىلى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىشنىڭ ئالدى - كەينىدە، قىزىل ئارمىيەنىڭ بىرنەچچە قىسمى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بۇ يەردىن ئۆتكەن ياكى بۇ يەردە پارتىزانلىق تايانچ بازىسى قۇرۇپ، قىزىل ئىزلارنى قالدۇرۇپ، تەسىرلىك ھېكايىلەرنى پۈتكەن.

كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى ليۇۋاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «قىزىل ئارمىيە بايرىمى» ئۆتكۈزۈش كەنت ئاھالىلىرىنى يۇرتىمىزنىڭ قىزىل ھېكايىلىرى توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە قىلدى. «بىز بۇ قىزىل تارىخنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك، ئەينى يىللاردىكى قىزىل ئارمىيە بىلەن ياۋزۇ خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز».

ليەنجوۋ شەھىرى دۇڭپو بازىرىدىكى ئىنقىلابىي قوماندان فېڭ دافېينىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىدا، بىر توپ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى قىزىل باش تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتاتتى. بۇ مەكتەپنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى دېڭ لىچيۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: مەكتىپىمىز دائىم ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى خاتىرە ساراي، مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا، قىزىل تارىخىي ھېكايىلەرنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئىنقىلاب روھىنىڭ مەشئىلىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ.

لوۋزىبا كەنتىنىڭ ھەممىلا يېرىدە قىزىل ئارمىيەگە مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇشلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ: دوختۇرخانىنىڭ ئەسلىي ئورنى، قورال - ياراغ زاۋۇتىنىڭ ئەسلىي ئورنى، پۇل ياساش زاۋۇتىنىڭ ئەسلىي ئورنى ۋە يولداش ماۋ زېتەننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى...

مەيلى بايرام تەسىس قىلىپ قىزىل ئارمىيەنى خاتىرىلەش بولسۇن ياكى بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ قىزىل مەدەنىيەتنى چۈشىنىش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش بولسۇن ۋە ياكى تەرەپ - تەرەپكە بېرىپ زىيارەت قىلىپ، ئاغزاكى تارىخنى خاتىرىلەش بولسۇن... قىزىل ئارمىيە بېسىپ ئۆتكەن جايلاردا، كىشىلەر ھەر خىل شەكىللەر بىلەن ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، ئىنقىلابىي تارىخقا ئېھتىرام بىلدۈردى.

ئىسسىق قان بىلەن سۇغىرىلغان ئۇزۇن سەپەر يولىدىكى قىزىل ئارمىيەنىڭ ھېكايىلىرى تارىخنىڭ ئىس - تۈتەكلىرىدىن ھالقىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈلدى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» ئېتىقادى خەلقنىڭ قەلبىدە تېخىمۇ چىڭىماقتا...

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 23- كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى