تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

ۋاڭ شۆفېڭ: پىدائىي قىسىمنىڭ 1- دەرىجىلىك ئۇرۇش قەھرىمانى

ۋاڭ شۆفېڭنىڭ رەسىمى (شېنياڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى تەمىنلىگەن) شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خېفىي، 6- ئاينىڭ 16- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر باۋ شياۋجىڭ) «جۇمھۇرىيەتنىڭ قەھرىمانى، قەيەر سىزنىڭ ئۆيىڭىز؟» − 2018- يىلى 2- ئاينىڭ 10- كۈنى، «ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى»دە پىدائىي قىسىمنىڭ ئالاھىدە دەرىجىلىك تۆھپىكارى، 1- دەرىجىلىك ئۇرۇش قەھرىمانى، ئىنقىلابىي قۇربان ۋاڭ شۆفېڭنىڭ يۇرتى ۋە تۇغقانلىرىنى ئىزدەش ھېكايىسى ئېلان قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشى، قىزغىن مۇلاھىزە قىلىشىنى قوزغىدى.

1951- يىلى 3- ئايدا، ۋاڭ شۆفېڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق پىدائىي قىسىم 40- جۈنىگە ئەگىشىپ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش، يۇرتنى مۇھاپىزەت قىلىپ ۋەتەننى قوغداش سەپىرىگە ئاتلانغان. شۇ ۋاقىتتا 120- شى 358- تۇەن 1- يىڭ 3- ليەنىدە مۇئاۋىن بەنجاڭ بولغان ئۇ باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن شەرەپ بىلەن ئىككى قېتىم چوڭ خىزمەت كۆرسەتكەن. 1953- يىلى 4- ئايدا، «بىرلەشمە دۆلەت ئارمىيەسى» خۇايۆشەن ئالدىنقى سەپ بازىسىغا ھۇجۇم قىلغان. ۋاڭ شۆفېڭ 20 كىشىلىك جەڭ گۇرۇپپىسىنى باشلاپ، خۇايۆشەننى چىڭ ساقلىغان، دۈشمەن كۆپ، جەڭ گۇرۇپپىسىنىڭ ئادىمى ئاز بولغانلىقتىن، جەڭ ئىنتايىن جاپا - مۇشەققەتلىك بولغان. دۈشمەننىڭ 2- قېتىملىق ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەندە، ۋاڭ شۆفېڭنىڭ قوۋۇزىنى دۈشمەننىڭ ئوقى تېشىپ ئۆتۈپ، يۈزى قانغا بويىلىپ كەتكەن، ئۇ ئاددىيلا تېڭىۋالغاندىن كېيىن داۋاملىق جەڭ قىلغان. بۇ ۋاقىتتا، بىر پاي ئوق ئۇنىڭ بېشىغا تەگكەن، ئۇ شۇ ھامان ھوشىدىن كەتكەن.

ئۇزاق ئۆتمەيلا ھوشىغا كەلگەن ۋاڭ شۆفېڭ دۈشمەننىڭ مىلتىق ئاۋازىنىڭ بارغانسېرى يېقىنلاپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، سەپدىشى دۇڭ ۋەنيۈگە تېز چېكىن دەپ بۇيرۇق بەرگەن، دۈشمەن قورشاپ كەلگەندە، ۋاڭ شۆفېڭ ئەڭ ئاخىرقى گىراناتنى ئاتقان، دۈشمەن پىلىموتتىن ئوق ياغدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنى ئۈزۈۋەتكەن. دۈشمەنگە ئەسىرگە چۈشمەسلىك ئۈچۈن، ۋاڭ شۆفېڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈچىنى سەرپ قىلىپ تىك ياردىن دومىلاپ چۈشۈپ، 25 يېشىدا قۇربان بولغان.

ۋاڭ شۆفېڭنىڭ ئىسمى چاۋشيەن پىڭراڭدىكى پىدائىي قىسىم خاتىرە سارىيىنىڭ خاتىرە تېمىدىكى پىدائىي قىسىمنىڭ ئالاھىدە دەرىجىلىك تۆھپىكارلىرى، 1- دەرىجىلىك ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنىڭ 1- قۇرىدىكى 6- ئورۇنغا ئويۇلغان. 60 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، قەھرىماننىڭ يۇرتىنىڭ زادى قەيەرلىكى ئىزچىل بىر سىر بولۇپ كەلمەكتە.

1995- يىلى 9- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، لياۋنىڭ ئۆلكىسى دەندۇڭ شەھىرىدىكى ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش خاتىرە سارىيىدا، ئەنخۇي داڭشەن ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى «پىدائىي قىسىمنىڭ ئالاھىدە دەرىجىلىك تۆھپىكارى، 1- دەرىجىلىك ئۇرۇش قەھرىمانى ۋاڭ شۆفېڭ، جياڭسۇ داڭشەن ناھىيەسى (ھازىر ئەنخۇيگە تەۋە)دىن» دېگەن خەتلەرنى تاسادىپىي كۆرۈپ قېلىپ، قەھرىماننىڭ يۇرتىنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى باشلىغان، ھالبۇكى، پارتىيە تارىخى، خەلق ئىشلىرى، ئارخىپ باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلار قەھرىمانغا ئالاقىدار خاتىرىلەرنى تاپالمىغان. 2012- يىلى، داڭشەن ناھىيەلىك پارتىيە تارىخى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ۋاڭ دۇڭچاۋ ئازادلىق ئارمىيە ئارخىپخانىسىدىن ۋاڭ شۆفېڭنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەنلىك ئەھۋالى ۋە ئىش ئىزلىرىغا ئائىت ماتېرىياللارنى تاپقان، ئۇنىڭدىكى يۇرتى دېگەن كاتەكچىگە: جياڭسۇ ئۆلكىسى داڭشەن ناھىيەسى 6- رايونى ۋاڭجەي بازىرى، دەپ يېزىلغانىدى، ئەمما ئالاقىدار تارماقلار ئۇ جايدىن ۋاڭ شۆفېڭغا ئوخشايدىغان ئادەمنى تاپالمىغان.

2017- يىلى، ئازادلىق ئارمىيە گېزىتىنىڭ مۇخبىرى يىپ ئۇچىغا ئاساسەن شەندۇڭنىڭ خەيياڭغا كېلىپ ئىزدىگەندە، خەيياڭ شەھىرى بېيچېڭياڭ كەنتىدىكى 74 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ۋاڭ شۆگونىڭ رەسىمدىكى ۋاڭ شۆفېڭغا بەكمۇ ئوخشايدىغانلىقىنى بايقىغان. ۋاڭ شۆگونىڭ ئېيتىشىچە، 1941- يىلى، ئۇنىڭ چوڭ ئاكىسى ۋاڭ شۆفېڭ 15 ياشتا بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىكى خەيياڭ پەنشى رايونىدىكى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ جيەنشى ئۇنى ئالاقىچىلىككە قوبۇل قىلغان. 1942- يىلى يازدا، 16 ياشقا كىرگەن ۋاڭ شۆفېڭ رەسمىي ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ، 13- زۇڭدۈي (خەيياڭ مۇستەقىل يىڭى)نىڭ جەڭچىسى بولغان، كېيىن جياۋدۇڭ شۆبە ھەربىي رايونى ئالاھىدە ۋەزىپە ليەنىگە يۆتكەلگەن. ۋاڭ شۆفېڭ ئىلگىرى - كېيىن ئائىلىسىگە تۆت پارچە خەت ئەۋەتكەن، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 1948- يىلى ئەتىياز بولۇپ، ئادرېسى لياۋنىڭ جىنجوۋ ئىكەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ باقمىغان. خەيياڭ شەھىرى رۇڭجۈن دوختۇرخانىسىدىكى 90 ياشلىق بوۋاي گاۋ چېڭشىننىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، 1952- يىلى 5- ئايدا، ئۇ چاۋشيەن جەڭ مەيدانىدا ئىككى قىسىم جىددىي ھەربىي يۈرۈش قىلىۋاتقان يول ئۈستىدە يۇرتدىشى ۋاڭ شۆفېڭنى تاسادىپىي ئۇچرىتىپ قالغان. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بېيچېڭياڭ كەنتىدىن ھەربىي سەپكە كىرىپ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچى ۋاڭ شىنچىن 1978- يىلى يۇرتىغا تۇغقان يوقلىغىلى كەلگەندە، ئۆز ئاغزى بىلەن ۋاڭ جىڭيىغا چاۋشيەنگە بېرىپ ئۇرۇش قىلغاندا، ۋاڭ شۆفېڭنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان. بىراق ھازىر يەنىلا دۇڭ ۋەنيۈ قاتارلىق ئاچقۇچلۇق گۇۋاھچىلار كەمچىل.

داڭشەن ناھىيەسىدىكى پارتىيە تارىخى تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە ۋاقىتنىڭ ئۇزىراپ كېتىشى سەۋەبلىك، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن داڭشەن ناھىيەسىنىڭ 6 - رايونى تەۋەسىدىنلا ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ قايتىپ كەلمىگەن ۋاڭ فامىلىلىك 80 ياشتىن ئاشقان كىشىلەردىنلا ئون نەچچىسى بار ئىكەن، «چىڭمىڭدا ئىنقىلابىي قۇربان ئۈچۈن يۇرتىمىزدا ئابىدە تىكلەپ، ئۇنىڭ روھىنى يۇرتتا ئەمىن تاپقۇزۇشنى ئويلىغان بولساقمۇ، ئەمما يەنىلا ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ تۇغقانلىرىنى تاپالمىدۇق، بۇ كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرمامدۇ؟» دېدى ۋاڭ دۇڭچاۋ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى