تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

يېڭى بىر ھەپتىدە شىنجاڭدىكى بىر قىسىم جايلاردا يامغۇر ياغىدۇ! بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃28 بولىدۇ

6-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۈرۈمچىدە ھاۋا بۇلۇتلۇق، يول يۈزىدىكى يىغىلىپ قالغان يامغۇر سۈيىدە تۇنجى كۆتۈرۈلگەن قۇياش ۋە ئادەمنىڭ كۆلەڭگىسى ئەكس ئەتتى.

مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، جاڭ ۋەندې خەۋىرى: كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 6-ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ھەپتىسى يېتىپ كەلدى، مۇشۇ ھەپتە ئۆتۈپ كەتسە 2019-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلى ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ. يىل بېشىدا ئۆزىگە پىلان تۈزگەنلەرنىڭ پىلانى ئەمەلگە ئاشتىمۇ يوق؟ يېڭى بىر ھەپتىدە يېڭىچە كەيپىيات بىلەن ئۆز ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىڭ.

بۈگۈن (6-ئاينىڭ 24-كۈنى)، چۆچەك شەھىرى، بورتالا شەھىرى، قاراماي شەھىرىدە ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ، قومۇل شەھىرىدە ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، تۇرپان شەھىرىدە ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم رايونلاردا ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ.

تۈنۈگۈن (6-ئاينىڭ 23-كۈنى) كەچقۇرۇن، ئۈرۈمچىدە يامغۇر يېغىپ ھاۋا سالقىن بولدى. تۈنۈگۈنكى يامغۇردىن كېيىن بۈگۈن ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃28، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃19 بولىدۇ، 3 بال شامال چىقىدۇ.

تۆۋەندە تاشيول ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتىغا دىققەت قىلىپ باقايلى. بۈگۈن 6 بالدىن 7 بالغىچە بولغان غەربىي شىمال شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرىدىن: دۆلەت يولى 3015-لىنىيەسىنىڭ دۆربىلجىندىن تۆمۈرتامغىچە بولغان بۆلىكى، ئۆلكە يولى 201-لىنىيەسىنىڭ مايتاس شامال رايونى، ئۆلكە يولى 221-لىنىيەسىنىڭ تولى لاۋفېڭكۇ ئېغىزى، ئۆلكە يولى 319-لىنىيەسى بىلەن ئۆلكە يولى 229-لىنىيەسىنىڭ ئالتاي نوقاي شامال رايونى يول بۆلىكى، دۆلەت يولى 3014-لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن ئورقۇغىچە بولغان بۆلىكى، دۆلەت يولى 217-لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن ئورقۇغىچە بولغان بۆلىكى، دۆلەت يولى 30-لىنىيەسى، دۆلەت يولى 312-لىنىيەسىنىڭ داۋانچىڭدىن داخىيەنگىچە، چىقتىمدىن لياۋدۇنگىچە بولغان بۆلىكى بار.

6-ئاينىڭ 24-كۈنى، يامغۇردىن كېيىنكى ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى ساپ بولۇپ، گۈل بەرگىلىرى يامغۇر سۈيىدىن «مۇنچاق ئاستى».

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى