تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئىچىدە ئادەتتىكى سودا-سانائەت ساھەسىدە توك باھاسىنى يەنە بىر قېتىم تۆۋەنلەتتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايون يەنە بىر قېتىم ھۆججەت تارقىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەتتىكى سودا-سانائەت ساھەسى ۋە باشقا تۈرلەردە ئىشلىتىدىغان توك باھاسىنى تۆۋەنلەتكەن، بۇ قېتىمقى توك باھاسىنى تەڭشەش سىياسىتى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن.

1-تۈركۈمدىكى ۋە بۇ قېتىمقى باھانى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرىنى ئومۇملاشتۇرغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى سودا-سانائەت ساھەسى ۋە باشقا تۈرلەردە ئىشلىتىلىدىغان توك باھاسى ئوتتۇرىچە ھەر كىلوۋات سائەتنىڭ 0.0657 يۈەن تۆۋەنلىتىلگەن، ئوتتۇرىچە تۆۋەنلىتىش نىسبىتى %13.77 كە يەتكەن بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، يىلدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئادەتتىكى سودا-سانائەت ساھەسى ۋە باشقا تۈرلەردىكى 813 مىڭ خېرىدارنىڭ توك چىقىمىنى 1 مىليارد 93 مىليون يۈەن تېجەپ بېرىدىكەن.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نەنچاڭ يولىدا لازىجىخانا ئاچقان جېڭ جىجيې مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 2018-يىلى ئاشخانامنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى 45 مىڭ كىلوۋات سائەتكە يېقىنلاشقانىدى، كېلەر ئايدا توك باھاسى يەنە تۆۋەنلىتىلسە، بۇ يىل توك ھەققى چىقىمىدىن خېلى كۆپ پۇل تېجەپ قالغۇدەكمەن.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا بېسىپ تارقاتقان «ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى سودا-سانائەت ساھەسى ۋە باشقا تۈرلەردە ئىشلىتىلىدىغان توك باھاسىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىشكە ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلدى)تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەتتىكى سودا-سانائەت ساھەسى ۋە باشقا تۈرلەردە ئىشلىتىلىدىغان ھەر كىلوۋات سائەت توكنىڭ سېتىلىش باھاسى 0.04215 يۈەن (باجنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تۆۋەندىمۇ شۇنداق) تۆۋەنلىتىلىدۇ، ئادەتتىكى سودا - سانائەت ساھەسى ۋە باشقا تۈرلەردە ئىشلىتىلىدىغان توكقا ماس كېلىدىغان ھەر كىلوۋات سائەت توك يەتكۈزۈش-تەقسىملەش باھاسى 0.04215 يۈەن تۆۋەنلىتىلىدۇ، خوتەن ۋىلايىتىدە ئادەتتىكى سودا-سانائەت ساھەسى ۋە باشقا تۈرلەردە ئىشلىتىلىدىغان توكنىڭ سېتىلىش باھاسى بىرتۇتاش ھالدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا توك باھاسى تەڭشەلگەندىن كېيىنكى سەۋىيەگە تۆۋەنلىتىلىدۇ. تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەتتىكى سودا-سانائەت ساھەسى ۋە باشقا تۈرلەردە ئىشلىتىلىدىغان توك توك بېسىمى دەرىجىلىرى مۇندەرىجىسىدىكى سېتىلىۋاتقان ھەر كىلوۋات سائەت توك باھاسى 0.4087 يۈەندىن 0.4157 يۈەنگىچە بولىدۇ.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار بەلگىلەندى: سۇ ئېلېكتىر قوشۇلما قىممەت بېجىنىڭ باج نىسبىتى %13كە تۆۋەنلىتىلگەنلىكتىن، ئاپتونوم رايونىمىزدا 50 مىڭ كىلوۋاتلىق ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى سۇ ئېلېكتىرىنىڭ توردىكى توك باھاسى مۇناسىپ تەڭشىلىدۇ. سۇ ئېلېكتىرىنىڭ توردىكى ھەر كىلوۋات سائەت نىشان توك باھاسى (باجنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 0.227 يۈەنگە تەڭشىلىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست (ئۇنىڭدىن باشقا ئۇچتۇرپان ناھىيەسى، كەلپىن ناھىيەسى، ئاۋات ناھىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)تا ھەر كىلوۋات سائەت توكنىڭ باھاسى 0.251 يۈەنگە تەڭشىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىلگىرى تەستىقلىغان 50 مىڭ كىلوۋاتلىق ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى «بىر ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا بىر باھا» بولغان سۇ ئېلېكتىرىنىڭ توردىكى باھاسى مۇناسىپ تەڭشىلىدۇ.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى قاراماي توك بىلەن تەمىنلەش چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ئىلى دەرياسى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئاپتونوم رايوننىڭ باھانى تۆۋەنلىتىش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، بۇ قېتىمقى ئادەتتىكى سودا-سانائەت ساھەسىدە توك باھاسىنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتى ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. بىڭتۇەن ئېلېكتىر تورىنىڭ ئادەتتىكى سودا-سانائەت ساھەسىدە ئىشلىتىلىدىغان توك باھاسىنى تۆۋەنلىتىش ئىشلىرىنى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئايرىم تەتقىق قىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەرقايسى جايلاردىكى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتلىرى، ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كارخانىلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، يېڭى توك باھاسى سىياسىتىنىڭ مۇقىم يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى ئالاقىدار سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى، مۈلۈك باشقۇرۇش ئورنى، خىزمەت بىناسى قاتارلىق توكنى ۋاسىتىلىك تەمىنلەش سۇبيېكتلىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئىككى قېتىملىق باھانى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنىڭ پايدىسىنى تېرمىنال خېرىدارلارغا تەڭ سوممىدا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك، ھەرقانداق باھانە-سەۋەب بىلەن تۇتۇپ قېلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى