تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پەرقلەرنى تېپىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

سارقىت ئاقان ئاپتونوم رايونلۇق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلدى

پەرقلەرنى تېپىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى مېھرىگۈل ناسىر، لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى سارقىت ئاقان ئاپتونوم رايونلۇق 1-، 2- ئىشچىلار ساناتورىيەسى، ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كادىرلىرى مەكتىپىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلدى ھەم ھەرقايسى ئورۇنلار قانداق قىلغاندا رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلار توغرىسىدا بىر قىسىم كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.

نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە سۆھبەتلىشىشتىن كېيىن، سارقىت ئاقان مېخانىزمنى ياخشى ئورنىتىش، تۈزۈمنى ياخشى بېكىتىش، باشقۇرۇشنى ياخشى تۇتۇش، مۇلازىمەتنى ياخشى تۇتۇش، رولىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق بەش جەھەتتىن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تىرىشىش يۆنىلىشىگە قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سارقىت ئاقان مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ساناتورىيەنى ئەمگەك روھى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش تەربىيە بازىسىغا ئايلاندۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ساناتورىيەسىنىڭ رولىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ سىياسىي ئاڭنى كۈچەيتىپ، «سىياسىيونلار گېزىت چىقىرىش» ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا ۋەزىپە-مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، بازا ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، گېزىت چىقىرىش خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك، قېلىپلىشىپ يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، يۇقىرى ساپالىق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كادىرلىرى قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا بىۋاسىتە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلار ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ، ئەۋزەللىكلەرنى ئۆزئارا تولۇقلاپ، مۇلازىمەتنى كېڭەيتىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى