تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

قارشى ئېلىش لوزۇنكىسىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئاشلىق سوۋغا قىلىش، ماددىي ئەشيا سوۋغا قىلىش، پۇل سوۋغا قىلىش

− گۇاڭدۇڭ ليەنجوۋدىكى ئامما بىلەن ئىشچى - دېھقان قىزىل ئارمىيەسى ئارىسىدىكى بىر بۆلەك كەچۈرمىش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى مېي چاڭۋېي، لى سۇڭ، ليۇ فېي

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ليەنجوۋ شەھىرى دۇڭبېي بازىرىنىڭ دافېي كوچىسىدىكى 16- نومۇرلۇق قورۇ − فېڭ دافېينىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى بولۇپ، بۇ يەرگە ئېكسكۇرسىيەگە كېلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ.

بۇ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سېلىنغان، 100 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قورۇ بولۇپ، قەدىمىي تۈس، قەدىمىي پۇراققا ئىگە چوڭ زالنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا «شەرەپلىك ئائىلە» دېگەن خەت يېزىلغان چوڭ ياغاچ تاختا ئېسىلغان، فېڭ دافېينىڭ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرى مۇشۇ يەردە ئۆتكەن. ئۇ 1924- يىلى پارتىيەگە كىرگەن، 25 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرنى تولۇق باسقان. 20- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىدا، جياڭ جيېشى جەنۇبىي ئەنخۇي ۋەقەسىنى پەيدا قىلغاندا، فېڭ دافېي بەختكە قارشى ئەسىرگە چۈشۈپ، كېيىن ئىشپىيونلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن، شۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلا 41 ياشتا ئىدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ليەنجوۋ شەھەرلىك كومىتېتى پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى خۇاڭ جاۋشىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، فېڭ دافېي ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 1931- يىلى 1- ئايدا ئۆيىگە قايتقان. شۇ چاغدا ئۇ تۇرۇشلۇق قىزىل 7- جۈن گۇاڭشىدىن خۇنەن - جياڭشى چېگراسىغا يېقىنلىشىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەركىزىي سوۋېت رايونى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىشتەك مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان. لېكىن يول بويى دۈشمەننىڭ قوغلاپ زەربە بېرىشىگە ئۇچراپ، بىر تەرەپتىن جەڭ قىلغاچ، بىر تەرەپتىن گۇاڭدۇڭنىڭ شىمالىدىكى ليەنجوۋ (شۇ ۋاقىتتا ليەنشيەن دەپ ئاتىلاتتى)غا چېكىنىپ تەمىناتىنى تولۇقلىغان. تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، قىزىل 7- جۈن گۇاڭدۇڭغا كىرگەندە دۈشمەننىڭ ئۈنۈملۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىمىغان، لېكىن ئۇلار تېخىمۇ قول تۇتىدىغان بىر قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلگەن، دۈشمەن شۇ جايدا ھە دەپ ئىغۋا تارقىتىپ، قىزىل ئارمىيە «ئادەم ئۆلتۈرىدۇ، ئوت قويىدۇ، مال - مۈلۈكنى ئومۇمنىڭ قىلىدۇ، خوتۇننى ئومۇمنىڭ قىلىدۇ، تۇتۇۋالغان ئادەملەرنىڭ يۈزىنى داغلاپ ئەن سالىدۇ» دەپ بوھتان چاپلىغان، پۇقرالار بۇنى راست دەپ ئىشىنىپ قېلىپ، ئارقا - ئارقىدىن «قېچىپ كەتكەن».

1931- يىلى 1- ئاينىڭ 16- كۈنى، قىزىل 7- جۈن دۇڭبېي بازىرىغا كىرگەن. شۇ كۈنى، بازاردىكى پۇقرالارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قېچىپ كەتكەن، ھەتتا فېڭ دافېينىڭ خوتۇنى چېن شۇشۈننىڭمۇ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلگىلى بولمىغان. بەختكە يارىشا، فېڭ دافېي ئۆيىدە قېپقالغان ياخشى دوستى تەن رۇڭشېڭنى تاپقان. يۇرتداشلار فېڭ دافېينىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، شۇ كۈنىلا ھەممىسى ئارقا - ئارقىدىن ئۆيلىرىگە قايتىپ كەلگەن، يەنە قىسىمغا تەمىنات يەتكۈزۈپ بەرگەن.

«قىزىل ئارمىيە زادى ئادەم ئۆلتۈرۈپ ئوت قويىدىغان باندىتلارمۇ؟ پۇقرالار پەقەت بىر قېتىم ئۇچراشسىلا ھەممىنى بىلەلەيدۇ.» خۇاڭ جاۋشىڭ مۇنداق دېدى: قىزىل ئارمىيە 1- ئاينىڭ 17- كۈنى شىڭزى بازىرىنىڭ شىنتاڭ كوچا ئېغىزىغا يېتىپ كەلگەندە، دائىم لۈكچەك، ئادەتلەنگەن جىنايەتچىلەرنىڭ بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشىغا ئۇچراپ كەلگەن ئون نەچچە سودىگەر پوجاڭزا ئاتقان، يەنە «قىزىل ئارمىيەنى قارشى ئالىمىز» دېگەن خەت يېزىلغان لوزۇنكىنى ئېسىپ قىزىل ئارمىيەنى كۈتۈۋالغان.

قىزىل ئارمىيەنىڭ كېيىنكى ھەرىكىتى كىشىلەرنىڭ ئەندىشىسىنى تېخىمۇ تۈگەتكەن: خەلقنى ئاۋارە قىلماسلىق ئۈچۈن، كوماندىر - جەڭچىلەرنىڭ ھەممىسى گۇەندى بۇتخانىسى ۋە يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بىرقانچە ئېغىز ئۆيىگە ئورۇنلاشقان؛ «يۇڭشېڭ» ناملىق بىر جۇۋازخانىنىڭ ئادەملىرى كېتىپ قېلىپ بوش قالغان، قىزىل ئارمىيە مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ قوغدىغان... يەرلىك پۇقرالار ئارقا - ئارقىدىن قىزىل ئارمىيەنى «ئىنسانپەرۋەر قوشۇن» دەپ تەرىپلىگەن، شىڭزى بازىرىدىكى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى مەخسۇس 1000دىن ئارتۇق كۈمۈش تەڭگە ۋە ئون نەچچە چوشقىنى ئاپىرىپ بېرىپ ھال سورىغان.

ليەنجوۋ ئىچكى شەھىرىنىڭ ھەرقايسى شەھەر دەرۋازىلىرىنى چىڭ ئېتىۋېلىپ ئىچىگە بېكىنىۋالغان دۈشمەنلەر قىزىل ئارمىيەنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىنى ئېنىق بىلىپ تۇرغان. قىزىل ئارمىيە تاشقى شەھەرگە ماددىي ئەشيا غەملىگىلى كەلگەندە سودىگەرلەرنىڭ ئۇلارغا ئىشەنگەنلىكىنى ۋە قىزغىن مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرگەن دۈشمەنلەر توختىماي ئوق ئېتىپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشقا باشلىغان. خۇاڭ جاۋشىڭ مۇنداق دېدى: قىزىل ئارمىيە ماددىي ئەشيا غەملەش مەقسىتىدە ليەنجوۋغا كەلگەن، شۇڭا ئىچكى شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئالغان بولسىمۇ ھۇجۇم قىلمىغان، لېكىن دۈشمەنلەرنىڭ قىلمىش - ئەتمىشلىرى قىزىل ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرى ۋە كەڭ ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالغانلىقتىن، ئۇلارنى جەزمەن ئەدەپلەپ قويۇش كېرەك ئىدى.

خاتىرىلىنىشىچە، 1931- يىلى 1- ئاينىڭ 23- كۈنى، قىزىل ئارمىيە ليەنجوۋ ئىچكى شەھىرىگە ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغىغان. شۇ كۈنى كەچتە، جەڭ شىددەتلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پەيتتە، دۈشمەن كىرسىن چېچىلغان يوتقان پاختىلىرىنى شەھەر سېپىلىنىڭ يېنىدىكى سودىگەرلەرنىڭ ياغاچ كەپىلىرىگە ئېتىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. شامالنىڭ تەسىرىدە ئوت تېز يامراپ، نۇرغۇن دۇكان ئوت دېڭىزى ئىچىدە قالغان.

«ئوت كەتكەندە، قىزىل ئارمىيە بىلەن ئاقلار ئارمىيەسىنىڭ ماھىيەتلىك پەرقىنى كۆرۈۋالدۇق.» خۇاڭ جاۋشىڭ مۇنداق دېدى: قىزىل ئارمىيەنىڭ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىش قوماندانلىق ئىشتابى دەرھال ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئۆزگەرتىپ، قىسىمغا ئوت ئۆچۈرۈش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن، ئاقلار ئارمىيەسى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوت ئۆچۈرۈۋاتقان ئارمىيە - خەلققە ئوق چىقارغان، بەختكە يارىشا قىزىل ئارمىيە مىناميوت، ئېغىر پىلىموت بىلەن قايتۇرما زەربە بېرىپ، دۈشمەنلەرنى ئوق چىقىرىشنى توختىتىشقا مەجبۇر قىلغان، بۇنداق بولمىغاندا قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى.

ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا، ئوت ئاندىن ئۆچۈرۈۋېلىنغان. قىزىل ئارمىيە قۇتقۇزۇۋېلىنغان ئېغىر يارىدارلارنى يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئاپارغان، سودىگەرلەرنىڭ ماللىرىنى ئېلىپ كېتىشى ئۈچۈن، تاي - تاي رەختلەرنى، ئەپكەش - ئەپكەش تۈرلۈك مال ھەم 1000 كومزەكتىن ئارتۇق كىرسىننى چوڭ بىر بوش يەرگە تىزىپ قويغان.

ئاقلار ئارمىيەسى ئادەم ئۆلتۈرۈپ ئوت قويغان، قىزىل ئارمىيە ئۆز ھاياتىدىن كېچىپ خەلقنى قۇتقۇزغان. بۇ ئىش ئارقىلىق قىزىل ئارمىيەنىڭ ئىناۋىتى زور دەرىجىدە ئۆسكەن، ليەنجوۋ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ئۆزلۈكىدىن 40 مىڭ كۈمۈش تەڭگە يىغىپ قىزىل ئارمىيەنىڭ ھەربىي خىراجەت قىلىشى ئۈچۈن سوۋغا قىلغان، شۇ جايدىكى ئامما يەنە نۇرغۇن گۈرۈچ، ئۆي چوشقىسى، رەخت، دورا ماتېرىياللىرى قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى سوۋغا قىلغان.

«تەمىناتقا ئېرىشىشكە سېلىشتۇرغاندا، تېخىمۇ مۇھىمى ئەلرايى ئۇتۇۋېلىندى، بۇ، ئۇزۇن سەپەر مەزگىلىدە قىزىل ئارمىيەدىكى بىر قىسىم كوماندىر - جەڭچىلەرنىڭ ليەنجوۋنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گۇاڭدۇڭنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا پارتىزانلىق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىپ بەردى» دېدى خۇاڭ جاۋشىڭ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجوۋ، 6- ئاينىڭ 22- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى