تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ساياھەت ئىتتىپاقلىرى «شىنجاڭ ياخشى جاي»نى بىرلىكتە ياڭراتتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

«چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ھەمكارلىق ئىتتىپاقىغا قاتناشقاندىن كېيىن، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت تەرەققىياتىدىكى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى زور دەرىجىدە كۈچەيدى» دېدى 6- ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن، 2019-يىللىق چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ھەم جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش چوڭ يىغىنىغا قاتناشقان خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جوۋ نېڭۋېن خۇشال ھالدا.

شۇ كۈنى، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت تارماقلىرى، ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىكى مېھمان سودىگەرلەر ھەمدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت تارماقلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئاقسۇ شەھىرىدە جەم بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ساياھەت تەرەققىياتى چوڭ پىلانىنى بىرلىكتە تۈزدى. 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇلغان چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ھەمكارلىق ئىتتىپاقى ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ھەمكارلىق يېڭى مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى بىرلىكتە ئېچىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ساياھەت بازىرىنى كېڭەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈردى.

بۈگۈنكى كۈندە، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش رايون ھالقىغان ساياھەت ئىتتىپاقلىرى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلمەكتە. ساياھەت ئىتتىپاقلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن شىنجاڭ ئارىسىدىكى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئارىسىدىكى ساياھەتچىلەر مەنبەسى بايلىقى، ساياھەت كارخانىلىرى بايلىقى، ساياھەت كاپىتالى بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرىكتۈرۈش جەھەتتە بارغانسېرى گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىرلىكتە «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن سۈپەتلىك ماركىنى كۈچەپ تونۇشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولماقتا.

رايون ھەمكارلىقى

ساياھەت تەرەققىياتى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش

6-ئاينىڭ 7-كۈنى، شەرقىي تىيانشان ساياھەت ئىتتىپاقى قۇرۇلدى، ئۈرۈمچى شەھىرى، قومۇل شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قول تۇتۇشۇپ ساياھەت ھەمكارلىق تەرەققىيات مېخانىزمىنى ئورتاق ئورنىتىپ، ساياھەت ئېسىل مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىپ، ساياھەت بازىرىنى ئېچىپ، ئۈچ شەھەر، بىر ئوبلاستنىڭ ساياھەت يوللىرىنى ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. بۇ ئىتتىپاق شىنجاڭدىكى ئۈچ شەھەر، بىر ئوبلاستنى ھالقىغان تۇنجى ساياھەت ئايلانما لىنىيەسى − «شەرقىي تىيانشاننى ئايلىنىش مىڭ چاقىرىملىق ساياھەت ئالتۇن لىنىيەسى»نى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

شۇ كۈنى، شىمالىي شىنجاڭدىكى شەرقىي لىنىيە رايون ھەمكارلىقى ساياھەت ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئالغا سىلجىتىش يىغىنى جىمىسار ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى كۆكتوقاي ناھىيەسى، چىڭگىل ناھىيەسى ۋە سانجى ئوبلاستىدىكى جىمىسار ناھىيەسى، گۇچۇڭ ناھىيەسى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، بەش ناھىيەنىڭ مەدەنىيەت، ساياھەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش، ئۆزئارا تەشۋىق قىلىش، بايلىقلارنى ئۆزئارا تونۇشتۇرۇش قاتارلىقلار قانات يايدۇرۇلدى.

6-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىمالىي شىنجاڭ غەربىي لىنىيە ساياھەت خىزمىتى يەرمەنكىسى قابا ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، ئالتاي ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 10-شىسى ۋە ئالاقىدار ۋىلايەت (ناھىيە، شەھەر)، 10-شىدىكى ھەرقايسى تۇەن-چاڭلار ۋە ھەرقايسى ناھىيە (رايون)لەر رايون ساياھىتى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى. بۇ شىمالىي شىنجاڭ غەربىي لىنىيەسىدىكى تۆت جاينىڭ شىمالىي شىنجاڭ غەربىي لىنىيە رايون ساياھەت ئىتتىپاقىنى ئورناتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

شەرقىي تىيانشان ساياھەت ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى ما رۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ئىتتىپاقنىڭ قۇرۇلۇشى شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ «بىر تۈركۈم لىنىيەنى شەكىللەندۈرۈش» تەرەققىيات نىشانىغا تۈرتكە بولۇشتىكى بىر ياخشى باشلىنىش بولۇپ، «بىر تۈركۈم ئېسىل مەھسۇلاتلارنى يېتىشتۈرۈش» ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەردى. ئەمەلىيەتتە بۇ شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەيدانغا كەلگەن تۈرلۈك ساياھەت ئىتتىپاقلىرىغا بېرىلگەن ئورتاق باھا.

ئىلگىرى قۇرۇلغان چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ھەمكارلىق ئىتتىپاقى، شىنجاڭ·مايتاغ-كۇچا تاشيولى ساياھەت ماركېتىڭ ئىتتىپاقى قاتارلىقلارنى قوشقاندا، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى رايون ھالقىغان ئىتتىپاقلار ئىلگىرىكى رايون تەرەققىيات تەپەككۇرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈش، مەھسۇلاتلارنى ئېچىش، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى يول ئاچماقتا.

بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈش

«سەپەر ئۇزاق، ساياھەت قىسقا» بولۇش بوغما ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلاش

«ئىتتىپاق قۇرغاندا، بايلىقلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، لىنىيەلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق <سەپەر قىسقا، ساياھەت ئۇزاق> بولۇشتەك ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ» دېدى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى ۋاڭ جۈنئەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ شەرقىي لىنىيەسى، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي لىنىيەسىدىكى رايونلارنىڭ ساياھەت ئىتتىپاقىنى باشلامچىلىق قىلىپ قۇرۇشتىكى دەسلەپكى مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈپ.

شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭ، مەنزىرە نۇقتىلىرى تارقاق بولۇپ، «سەپەر ئۇزاق، ساياھەت قىسقا» بولۇش ئىزچىل ساياھەت تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەنىدى. ۋاڭ جۈنئەن مۇنداق قارىدى: ھەرقايسى جايلار مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، قاتناش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىللە، ئىلگىرىكى تەپەككۇرىدىن ھالقىپ، قوشنا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر بىلەن بىرلىشىپ، تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ كەڭ نۇقتىدا تۇرۇپ ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى لايىھەلەپ، «سەپەر ئۇزاق، ساياھەت قىسقا» بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىشى كېرەك.

نۆۋەتتە شىمالىي شىنجاڭنىڭ شەرقىي لىنىيەسى، غەربىي لىنىيەسىدىكى رايونلار ساياھەت ئىتتىپاقى ئۈچ لىنىيە مەھسۇلاتىنى لايىھەلەپ چىقتى، بۇ لايىھە بويىچە ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى قاتارلىق جايلاردىكى ئېسىل ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى تۇتاشتۇرۇلىدۇ.

شەرقىي تىيانشاننى ئايلىنىش مىڭ چاقىرىملىق ساياھەت ئالتۇن لىنىيەسى شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى تارتماقتا. قومۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جاۋ خەييەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ بىرلىشىپ بەرپا قىلغان لىنىيەلەر ئېكولوگىيەلىك ئىستىراھەت، ئادىمىيەت سەيلىسىنى ئالاھىدىلىك قىلغان، تۆت ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى ھالقىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، يول بويى تىيانشاندىكى بوغدا كۆلى، گۇچۇڭدىكى جامبۇلاق، تۇرپاندىكى بۇيلۇق، قومۇلدىكى شەرقىي تىيانشان، قومۇل يارداڭ مەنزىرە رايونى قاتارلىق 20دىن ئارتۇق كىلاسسىك مەنزىرە رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، قۇملۇق، ئوتلاق، كۆل ھەمدە تارىخ، مەدەنىيەت قاتارلىق ساياھەت بايلىقلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، شىنجاڭدىكى تىيانشان شىمالىي ئېتىكىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە ئادىمىيەت خاس مەنزىرە ساياھىتىنىڭ ئالتۇن يولىدۇر.

«ساياھەت ئىتتىپاقىنىڭ رولى پەقەت كۈچلۈكلەر بىلەن كۈچلۈكلەرنىڭ بىرلىشىشى بولۇپلا قالماي، ئىتتىپاققا كىرگەندىن كېيىن، بىزنى مۇنداق تەپەككۇر قىلىشقا مەجبۇر قىلدى − ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەر ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باشقا ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا سېلىشتۇرغاندا، خوتەن ساياھىتىنىڭ ئەۋزەللىكى زادى قەيەردە؟ بىز ئەمدى ئۆزىمىز بىلەن سېلىشتۇرۇپلا قالماي، بەلكى توغرا يۆنىلىشتە سېلىشتۇرۇپ، چوقۇم ئەڭ ئەۋزەل، ئەڭ جەلپ قىلارلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرسەكلا، ئاندىن پەرقلىق تەرەققىياتنى شەكىللەندۈرەلەيمىز» دەپ قارىدى جوۋ نېڭۋېن.

بىرلەشمە ماركېتىڭ

«دوستلار چەمبىرىكى»نى بارغانسېرى زورايتىش

«ئىتتىپاققا كىرگەندىن كېيىن، بىزنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە ئېرىشكەن ھوسۇلىمىزنىڭ بىرى شۇكى، <دوستلار چەمبىرىكى>مىز بارغانسېرى زورايدى، بىزنىڭ چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىدىكى ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز تېخىمۇ قويۇقلاشتى، ساياھەت تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش سۇپىمىز تېخىمۇ كېڭەيدى» دېدى جوۋ نېڭۋېن.

4-ئاينىڭ 20-كۈنى، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىتتىپاقى·جەنۇبىي شىنجاڭ ساياھىتىنى تونۇشتۇرۇش ھەپتىلىكى خېفېي بېكىتى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت تارماقلىرى ساياھەت بايلىقلىرىنى تونۇشتۇردى، نەق مەيداندا بوش ئورۇن قالمىدى، كەيپىيات ئىنتايىن قىزغىن بولدى.

ھازىرغا قەدەر، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ھەمكارلىق ئىتتىپاقى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت تارماقلىرىنى كۆپ قېتىم چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىدىكى ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەرگە بېرىپ ساياھەتنى تونۇشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشقا كۆپ قېتىم تەشكىللەپ، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىدىكى تېخىمۇ كۆپ ساياھەت كارخانىلىرىنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ساياھەت بايلىقى، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ تېخىمۇ كەڭ سۇپىدا ئۆزىنى نامايان قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى، بىرلەشمە ماركېتىڭنىڭ «2<1+1» بولۇشتەك تونۇشتۇرۇش ئۈنۈمى گەۋدىلەنمەكتە.

ھازىر، قومۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ئۈرۈمچى، سانجى، تۇرپان قاتارلىق ئۈچ جاينىڭ ساياھەت لىنىيەلىرى ۋە مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىغا ئائىت ماتېرىياللارنى توپلاپ، يېڭى بىرلەشمە ماركېتىڭ تەشۋىقات قوللانمىسىنى تەييارلاش بىلەن ئالدىراش بولماقتا. پات ئارىدا تۆت جايدىكى مەدەنىيەت-ساياھەت تارماقلىرى بىرلىكتە خېنەن، سەنشى، خۇنەن، فۇجيەن قاتارلىق ئۆلكىلەرگە بېرىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي·شەرقىي تىيانشاننى ئايلىنىش مىڭ چاقىرىملىق ساياھەت ئالتۇن لىنىيەسى» ئوبرازىنى كېڭەيتىش ۋە مەھسۇلات تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.

ئالتاي ۋىلايىتى ساياھەت ئىتتىپاقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەر بىلەن ئەتراپتىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلىرى ئارىسىدىكى ساياھەت ئالماشتۇرۇشى، ساياھەت تەشۋىقاتى، ساياھەت تونۇشتۇرۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ساياھەت لىنىيەسى بەرپا قىلىش، ئىتتىپاقنىڭ ئەزالىرى بىرلىشىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ماركېتىڭ، تونۇشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىق بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى.

«بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانىمىز ساياھەت بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، لىنىيەنى ئورتاق پىلانلاش، مەھسۇلاتنى ئورتاق تونۇشتۇرۇش، سىياسەتتە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ساياھەتچىلەرنى بىرلىكتە يەتكۈزۈش، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنى ساياھەت بايلىقى چوڭ رايوندىن ساياھەت ئىگىلىكى كۈچلۈك رايونغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت» دېدى ۋاڭ جۈنئەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى