تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېن بىلەن كۆرۈشتى

6- ئاينىڭ 21- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جىنشيۇشەن مەرھابا مېھمانسارىيىدا چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېن بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ھەم جىن جېڭئېننىڭ رەپىقىسى لى شۆجۇ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى. كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى ھەم جىن جېڭئېن ۋە رەپىقىسى قورۇدا سەيلە قىلغاچ پاراڭلاشتى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پاڭ شىڭلېي فوتوسى)   

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پىڭراڭ، 6- ئاينىڭ 21- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر لى جۇڭفا) 6- ئاينىڭ 21- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جىنشيۇشەن مەرھابا مېھمانسارىيىدا چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېن بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ جۇڭگو پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى، خەلقىگە ۋاكالىتەن چاۋشيەن تەرەپنىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقى ۋە ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى چاۋشيەندىكى زىيارىتىم باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇقىنىڭ قىزغىن كەيپىياتىغا تولغان بولۇپ، جۇڭگو - چاۋشيەن ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنى نامايان قىلدى. زىيارەت تولۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ، جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملىدى، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇردى، شۇنداقلا تاشقى دۇنياغا جۇڭگو - چاۋشيەن ئىككى تەرەپنىڭ يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىش، رايوننىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زىيارەت جۇڭگو - چاۋشيەن ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىدىن ئىبارەت مۇشۇنداق مۇھىم يىلدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى، شۇنداقلا قىسقىغىنا 15 ئايدا ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ بەشىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ جانلىق نامايەندىسى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ھاسىل قىلىنغان تۈرلۈك ئورتاق تونۇشلارنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى قەدەممۇقەدەم گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشتىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى قەتئىي قوللايدۇ، چاۋشيەن تەرەپنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەلىك لۇشيەننى يولغا قويۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ، چاۋشيەن تەرەپنىڭ يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش، يېرىم ئارالنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ.

جىن جېڭئېن جۇڭگو تەرەپنىڭ چاۋشيەن پارتىيەسىنىڭ چاۋشيەن خەلقىنى يېتەكلەپ سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرغانلىقىنى قوللىغانلىقى ھەم قىممەتلىك ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ تارىخى ئۇزاق، ئاساسى پۇختا، نۆۋەتتە، چاۋشيەن بىلەن جۇڭگو خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك زىچ ھەمتۈرتكە بولۇپ، دوستانە ھەمكارلىشىۋاتىدۇ. مەن پېشقەدەم رەھبەرلەرنىڭ يۈكسەك ئىرادىسىگە ئەمەل قىلىپ، يولداش باش شۇجى بىلەن بىللە، يېڭى تارىخىي پەللىدە چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ تېخىمۇ شانلىق كەلگۈسىنى داۋاملىق پۈتۈشنى خالايمەن. جىن جېڭئېن يەنە شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ھەم جىن جېڭئېننىڭ رەپىقىسى لى شۆجۇ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى، جىن جېڭئېن ۋە رەپىقىسى قورۇدا سەيلە قىلغاچ پاراڭلاشتى. مەنزىرىسى گۈزەل جىنشيۇشەن مەرھابا مېھمانسارىيىدىكى كۆل بويىدا شى جىنپىڭ بىلەن جىن جېڭئېن ئازادە، دوستانە كەيپىياتتا سەيلە قىلىپ، جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىلاردا سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن، جىن جېڭئېن ۋە رەپىقىسى شى جىنپىڭ ھەم رەپىقىسى ئۈچۈن چۈشلۈك زىياپەت ئۆتكۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى