تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

ئالتۇن پۈتۈن كەسىپلەر زەنجىرى توپلانغان رايون بەرپا قىلىش

− ئوتتۇرا ئاسىيا ئالتۇن، ئېسىل قاشتاش كەسىپلەر باغچىسى يۇقىرى دەرىجىلىك كەسىپكە قاراپ يۈرۈش قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

ئوتتۇرا ئاسىيا ئالتۇن، ئېسىل قاشتاش كەسىپلەر باغچىسى سىزنىڭ ئالتۇنغا بولغان بارلىق تەسەۋۋۇرلىرىڭىزنى ئاساسەن قاندۇرىدۇ: مەسىلەن، ئالتۇننىڭ تەرەققىيات تارىخىنى چۈشىنەلەيسىز، نەپىس ئالتۇن مەھسۇلاتلىرىدىن ھۇزۇرلىنالايسىز، بىر تال ئالتۇن زىننەت بۇيۇمىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىنى كۆرەلەيسىز، ئالتۇن سودىسىغا، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ ئۆلچەشكە گۇۋاھ بولالايسىز، يەنە خاسلىققا ئىگە بىردىنبىر شەخسىي زىننەت بۇيۇمىنى بۇيرۇتۇپ ياسىتالايسىز.

2018- يىلى 5- ئايدا تىجارەت باشلانغاندىن بۇيان، كەسىپلەر باغچىسىغا ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ھەم يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت كارخانىسىدىن 22سى ماكانلاشتى. بۇلتۇر ئۈرۈمچى پۇل مۇئامىلە باھا مەلۇم قىلىش راسچوت مۇلازىمىتى مەركىزىي باغچە رايونىغا ماكانلاشتى ھەم شاڭخەي ئالتۇن سودا بازىرى تەرىپىدىن «ئالاھىدە ئەزالىق سالاھىيىتى» نامى بېرىلىپ، باغچە رايونىدا ئالتۇن، ئېسىل قاشتاش تىرانسپورتى، لايىھەلەش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ ئۆلچەش، كۆرگەزمە، سودا، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان پۈتۈن كەسىپلەر زەنجىرىنىڭ توپلىنىشى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«بىر بەلباغ، بىر يول» تەرەققىيات پۇرسىتىنىڭ ياردىمىدە، كەسىپلەر باغچىسى شىنجاڭ ئالتۇنچىلىق كەسىپلىرى ھەم يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئالتۇنچىلىق سانائىتى تەرەققىياتى ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، «پۈتۈن كەسى−پ زەنجىرىلىك، پۈتۈن مۇھىم ئامىللىق ئىز قوغلاش، ئالتۇنچىلىق كەسىپلىرىنىڭ توپلىنىش ئۈنۈم ئېففېكتىنى ھازىرلاش»تىن ئىبارەت قۇرۇلۇش پىكىر يولى بويىچە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم تاشلىدى.

  ئەنئەنىۋىلىكتىن زامانىۋىلىققا يۈرۈش قىلىش

6- ئاينىڭ 13- كۈنى، ئوتتۇرا ئاسىيا ئالتۇن، ئېسىل قاشتاش كەسىپلەر باغچىسىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى شىنجاڭ ئوسمانىي ئالتۇن - كۈمۈش، زىبۇ - زىننەت پىششىقلاش چەكلىك شىركىتى قەدىمىي قول ھۈنەر - سەنئەت دۇكىنىدا، زەرگەر ئابدۇرىشىت ئابلىمىت قولدا ئالتۇن ھالقا سوقۇۋاتاتتى.

بۇ خىل ئۆزگىچە ماھارەت «زىرە» ھۈنەر - سەنئىتى دەپ ئاتىلىدۇ. ئالتۇن زىننەت بۇيۇمىنىڭ نەقىشى مۇرەككەپ، ئىنچىكە، نەپىس بولغاچقا، بىر جۈپ ئاددىي «زىرە» ھالقىنى تۆت ئادەم ھەمكارلىشىپ، ئاز دېگەندە ئۈچ كۈندە پۈتكۈزىدۇ، شۇڭا باھاسى يۇقىرى.

ئوسمانىي تۇنجى تۈركۈمدە كەسىپلەر باغچىسىغا ماكانلاشقان كارخانىلارنىڭ بىرى. شىركەت 1989- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، باش مۇدىر مۇتەللىپ ئوسمان ئۆز جەمەتىدىكى ئالتۇن پىششىقلاش قول ھۈنەر - سەنئىتىنىڭ 4- ئەۋلاد ۋارىسى. شىركەتتىكى ھازىرقى خادىملار ئىچىدە، ئون يىلدىن ئارتۇق خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە، ھۈنەرگە پىششىق زەرگەرلەر %50نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، تىپىك «ھۈنەرۋەن كارخانىسى».

قەدىمىي قول ھۈنەر - سەنئەت دۇكىنىنىڭ يېنىدا ئوسمانىينىڭ ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش سېخى بار، سېختا 3D لىق بېسىش ئۈسكۈنىسى، زىچلاشتۇرۇش ماشىنىسى، پۇتبول مارجان ماشىنىسى، زەنجىر بوشىتىش ماشىنىسى قاتارلىق پۈتۈن ئاپتوماتلاشقان ئۈسكۈنىلەر خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ھەممىسى ھازىرقى دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ ئىلغار ھۈنەر - سەنئەت سەۋىيەسىگە ئىگە. نۆۋەتتە، شىركەت كۈنىگە 20 كىلوگىرام ئەتراپىدا ئالتۇن مەھسۇلاتى پىششىقلايدۇ.

كونىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، يېڭىلىرىنى ياراتقاندىلا، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ. مۇتەللىپ مۇنداق دېدى: ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق، ھۈنەر - سەنئەت بىلەن لايىھە ماھىيەت جەھەتتە ئىچكى باغلىنىشقا ئىگە، شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىدا ھەم ئەنئەنىۋى ھۈنەرنىڭ مەدەنىيەت ۋارىسلىقىغا ئېتىبار بېرىش، ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ زامانىۋى مودا ئامىلىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك؛ ھەم ئاۋامنىڭ ئەنئەنىۋى ئېستېتىك قارىشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىستىكىنى قاندۇرۇش، ھەم ياش مودىچىلار ئۈچۈن ئۆزگىچە مودا زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرىنى ياساش كېرەك.

«شىنجاڭدىكى ئالتۇن - كۈمۈش ئەسۋابلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش باشلامچى كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىركەت كەسىپلەر باغچىسىغا كىرگەندىن كېيىن، سىياسەت تەييار ئاپتوموبىلىغا ئولتۇردى، بۇ، سۈپەتلىك ماركىنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەرگە كېڭەيتىشكە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بەردى.» مۇتەللىپ مۇنداق دېدى: ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر - سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىللە، كەسىپلەر باغچىسىنىڭ سۇپا ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئالتۇن - كۈمۈش ئەسۋابلىرىنى دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىرىپ، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش كېرەك.

   پۈتۈن كەسىپلەر زەنجىرى، پۈتۈن مۇھىم ئامىللار توپلىنىش

ئوتتۇرا ئاسىيا ئالتۇن، ئېسىل قاشتاش كەسىپلەر باغچىسى جەمئىي سەككىز قەۋەت بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى 22 ئالتۇن، ئېسىل قاشتاش زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرىنى ياساش كارخانىسى ۋە ئالاقىدار ئاپپاراتلار ماكانلاشقان.

كەسىپلەر باغچىسىنىڭ بىرىنچى قەۋىتى ئۈچ رايونغا بۆلۈنىدۇ: مەدەنىيەت كۆرگەزمە رايونى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىجادىيەت كۆرگەزمە رايونى ۋە مەھسۇلاتلارنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش رايونى.

مەدەنىيەت كۆرگەزمە رايونىدا ساياھەتچىلەر دۇنيانىڭ ئالتۇنچىلىق تارىخىنى، جۇڭگونىڭ ئالتۇنچىلىق تارىخىنى، شىنجاڭنىڭ ئالتۇنچىلىق تارىخىنى چۈشىنەلەيدۇ. شىنجاڭ ئالتۇن مول جايلارنىڭ بىرى. بۇ يەردە شىنجاڭنىڭ يەر شەكلىگە تەقلىد قىلىنغان بىر چوڭ قۇم مودېل بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئالتۇن بايلىقىنىڭ تارقىلىشى بىۋاسىتە نامايان قىلىنغان. كۆرگەزمە زالىدا يەنە ئەسلىي ئېكولوگىيەلىك ئالتۇن رۇدىسىنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ، ئېيتىلىشىچە، بىر توننا ئالتۇن رۇدىسىدىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئاران ئۈچ گىرام ئالتۇن ئالغىلى بولىدىكەن، بۇنىڭدىن ئالتۇننىڭ ئاز ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ئالتۇن مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش، نەپىس، ھەشەمەتلىك ئالتۇن زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرىدىن ھۇزۇرلىنىشتىن سىرت، بىرىنچى قەۋەتتە يەنە ئۈرۈمچى پۇل مۇئامىلە باھا مەلۇم قىلىش راسچوتى مۇلازىمەت مەركىزى تەمىنلىگەن ئالتۇن نەق مال، مۇددىتى كېچىكتۈرۈلگەن مال ھەم ئۇنىڭ ھاسىلىي مەھسۇلاتلىرى سودىسى ئەمەلىي ۋاقىت ئۇچۇر مۇلازىمىتى، خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارادىكى ئاساسلىق پۇل، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۇششاق پۇللىرى بىلەن بولغان ئەمەلىي ۋاقىت پېرېۋوت نىسبىتى ئۇچۇر مۇلازىمىتى، ئالتۇن، پۇل قاتارلىق جەھەتلەردىكى پۇل مۇئامىلە بىلىملىرى قاتارلىق مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ.

كەسىپلەر باغچىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى خو سىسى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا ئاسىيا ئالتۇن، ئېسىل قاشتاش كەسىپلەر باغچىسى ھەر بىر قەۋەتنىڭ ئىقتىدار ئورنىنى ئىنچىكە بېكىتتى، بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى قەۋەت ئالتۇن مەدەنىيىتى، ئالتۇن مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش ۋە ئالتۇن سودىسى يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت رايونى، ئىككىنچى قەۋەت ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى قەۋەتلەر ئالتۇن، ئېسىل قاشتاش ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ئورنى ۋە يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت رايونى قىلىندى.

«شىنجاڭ مەملىكىتىمىزدىكى مۇھىم ئالتۇن چىقىدىغان جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئالتۇن بازىرى بىلەن بولغان چوڭقۇر ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇش، ئالتۇن بازىرى پۈتۈن كەسىپلەر زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالتۇن بازىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تەبىئىي ئەۋزەللىككە ئىگە.» خو سىسى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، باغچە رايونىنىڭ ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش مىقدارى 15 توننىغا، قاشتاش ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش مىقدارى ئون توننىغا يەتتى. ئىككىنچى قارار قۇرۇلۇشنىڭ تاماملىنىشىغا ئەگىشىپ، كەلگۈسىدە بۇ يەر ئوتتۇرا، غەربىي، جەنۇبىي ئاسىياغا يۈزلەنگەن رايون خاراكتېرلىك ئالتۇنچىلىق كەسىپلىرى توپلانغان رايونغا، شۇنداقلا ئوتتۇرا، غەربىي، جەنۇبىي ئاسىيادىكى رايون پۇل مۇئامىلىسىدە يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىگە ئايلىنىدۇ.

   يۇقىرى دەرىجىلىشىش تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش

كەسىپلەر باغچىسىنىڭ يەتتىنچى قەۋىتىدىكى شىنجاڭ جۇڭمىن ئالتۇنچىلىق ئۈنچە - مەرۋايىت، زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ CNC رەقەملىك كونترول سېخى، ئېلېكتىرىك ئاپتوماتلاشقان سېخى، ماشىنا ئادەم سېخى ھەمىشە كىشىلەرنى قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلىدۇ. شىركەتنىڭ مېتاللارنى3D لىق بېسىش ئۈسكۈنىسى ھازىر پۈتۈن يەر شارىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۈسكۈنە ھېسابلىنىدۇ. جۇڭمىن ئالتۇنچىلىقىنىڭ باش مۇدىرى ۋۇ جىنلۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ، جۇڭگونىڭ ئەڭ ئىلغار ئالتۇن ياساش ھۈنەر - سەنئىتىنىڭ كەسىپلەر باغچىسىغا ماكانلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئالتۇن زىبۇ - زىننەت بۇيۇمى ياسىغاندا، %80 ئادەم كۈچىنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالتۇن زىبۇ - زىننەت بۇيۇمىنىڭ پارقىراقلىق دەرىجىسى، ئىستېرېئولۇق تۇيغۇسىنى %60 ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

2018- يىلى، شېنجېن دېلۇڭفېڭ ئۈنچە - مەرۋايىت، زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى باشچىلىقىدىكى يەتتە ئالتۇن، ئۈنچە - مەرۋايىت كارخانىسى بىرلىشىپ جۇڭمىن ئالتۇنچىلىقىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئالتۇن، ئېسىل قاشتاش كەسىپلەر باغچىسىغا ماكانلىشىپ، دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ئەسلىھەسى ۋە ھۈنەر - سەنئىتىنى ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە كۆپلىگەن سۈپەتلىك ماركا ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئالتۇن، كۈمۈش، ئۈنچە - مەرۋايىت، زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى مەھسۇلات سىستېمىسىنى ئېلىپ كەلدى.

«ئۆمەك تەشكىللەپ» شىنجاڭغا كېلىش توغرىسىدا توختالغاندا ۋۇ جىنلۇڭ مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا ئاسىيا ئالتۇن، ئېسىل قاشتاش كەسىپلەر باغچىسى پۈتۈن كەسىپلەر زەنجىرى مۇھىم ئامىللىرىنى توپلاشتۇرغاندا، كۆلەم نەتىجە - ئۈنۈمى ۋە سۈپەتلىك ماركا تەسىر كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالتۇنچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ماكانلىشىشى يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا ئالتۇن، ئېسىل قاشتاش كەسىپلەر باغچىسىنىڭ مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتىپ، مەھسۇلاتلارنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇردى.

بەشىنچى قەۋەتتىكى شىنجاڭ يۈلۇ چېڭشياڭ ئالتۇن، قاشتاش ئويمىچىلىقى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى چەكلىك شىركىتى زامانىۋى يۇقىرى پەن - تېخنىكىلىق پاتېنت تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، قاشتاش ئويمىچىلىقى، ئالتۇن - كۈمۈش نەقىشچىلىكى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھۈنەر - سەنئەت ياسىمىچىلىقىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تۈركۈملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

يەتتىنچى قەۋەتتىكى شىنجاڭ يۈخەي گۇرۇھى يىپەك يولى يۈخەي ئۈنچە - مەرۋايىت چەكلىك شىركىتى يېڭى پاسونلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر ئايدا 10دىن 20گىچە يېڭى پاسوندىكى زىبۇ - زىننەت بۇيۇمىنى بازارغا سالدى ھەم ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ ياردىمىدە، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە ئالتۇن، ئۈنچە - مەرۋايىت، زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرىنى «سىرتقا چىقاردى».

...

ھەر بىر كارخانا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئىنتىلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىشىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇردى.

ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونلۇق (يېڭىشەھەر رايونلۇق) مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ۋاڭ خۇڭ مۇنداق دېدى: سانائەت ساياھىتى يېڭى كەسىپ ھالىتى ئارقىلىق ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئومۇمىي تەپەككۇر يولى بويىچە، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) ئوتتۇرا ئاسىيا ئالتۇن، ئېسىل قاشتاش كەسىپلەر باغچىسى قاتارلىقلار ئاساس قىلىنغان سانائەت ساياھىتى ۋە سودا ساياھىتىنى يولغا قويۇپ، «ساياھەت+سانائەت» لىنىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سانائەت ساياھىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى ھەم بۇنى پىشاڭ قىلىپ، پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتىنى قوزغاتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش