شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 21- كۈنى تېلېگراممىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ يېتەكچىلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈرەش قىلىش روھىنى تولۇق نامايان قىلىش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا 2019- يىللىق «ئەڭ گۈزەل ئالىي مەكتەپ يېتەكچىسى» «ئەڭ گۈزەل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى»لىرىنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى بىرلىشىپ ئېلان قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 11 نۆۋەتلىك «ئالىي مەكتەپ يېتەكچىسى بويىچە يىللىق شەخس» ۋە 14 نۆۋەتلىك «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بويىچە يىللىق شەخس»نى كۆرسىتىش، باھالاش، تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. 2019- يىلى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىلگىرىكى نۆۋەتلىكلەردە باھالانغان، ھازىر ئىش ئورنىدا بار ئالىي مەكتەپ يېتەكچىسى بويىچە يىللىق شەخسلەر ۋە ئىلگىرىكى نۆۋەتلىكلەردە باھالانغان، ھازىر ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بويىچە يىللىق شەخسلەر ئىچىدىن ئون نەپەر ئالىي مەكتەپ يېتەكچىسى ۋە ئون نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى تاللاپ، تۇنجى قېتىم «ئەڭ گۈزەل شەخس»لەر قاتارىغا كىرگۈزۈپ، يېڭى دەۋردىكى يېتەكچىلەر ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسىنى تىكلىدى.
ۋاڭ يۈفېن، تۇرسۇنمەمەت ئەمەتجان، رېن ياسەي، لى رۇي، ۋاڭ يۈشېن، جاڭ جىنشۆ، چېن شياۋخۇا، فەن رۇي، يۈەن لى، شۈ يېچيۇڭدىن ئىبارەت ئون نەپەر ئالىي مەكتەپ يېتەكچىسى، يۈ جىپىڭ، ما تيەنچېن، ۋاڭ شاۋشىن، لۈ سۇڭ، ليۇ مىن، ليۇ چياڭ، ليۇ يى، لى ئېرياڭ، ئاسقار نۇرتاي، خۇاڭ يىڭدىن ئىبارەت ئون نەپەر ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2019- يىللىق «ئەڭ گۈزەل ئالىي مەكتەپ يېتەكچىسى» ۋە «ئەڭ گۈزەل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى» بولۇپ باھالاندى.
ئېلان قىلىش مۇراسىمى مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، نەق مەيداندا «ئەڭ گۈزەل ئالىي مەكتەپ يېتەكچىسى» «ئەڭ گۈزەل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى»لىرىنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلدى، كۆرسىتىلدى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مائارىپ مىنىستىرلىقىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئۇلارغا ئالاقىدار گۇۋاھنامە تارقىتىپ بەردى.
ئېلان قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان تاماشىبىنلار مۇنداق بىلدۈردى: «ئەڭ گۈزەل ئالىي مەكتەپ يېتەكچىسى» «ئەڭ گۈزەل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى»لىرىنىڭ ئىش ئىزلىرىدا، ئالىي مەكتەپ يېتەكچىلىرىنىڭ سىياسىي پەزىلىتى، كەسىپنى قەدىرلەش روھى، ئەخلاق - پەزىلىتى ھەمدە زامانىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇستەھكەم ئېتىقادى، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى، كۈرەش قىلىش روھى نامايان قىلىنغان بولۇپ، مۇقەررەركى، ئالىي مەكتەپ يېتەكچىلىرىنى پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بۇرچى، مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىسىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، شۇنداقلا يېڭى دەۋردىكى ياش ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىمۇ تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.