تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا پائال نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز شى شىننىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە: بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئاپتونوم رايون پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىلانلاپ، زور كۈچ بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، باشلىنىش ياخشى بولۇش، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى نامايان قىلىپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا پائال نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاخبارات باياناتچىسى جاۋ شىفېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21- ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش مەنزىلى ۋە ھەرىكىتى»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسەت - تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك يىرىك پىلانلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ سىياسەت يىرىك پىلانىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرگەن.

ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش جەھەتتە، بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون «قۇرۇقلۇق، ھاۋا، تور» يىپەك يولى قۇرۇلۇشى كۆپ يولىدا تەڭ مېڭىش، ھەممىسىدە تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەرنى قۇرۇپ چىقىپ، «شىنجاڭ ئىچىدە ئايلىنىپ ئۇچۇش، شىنجاڭغا كىرىش - چىقىش تېز بولۇش»تا مۇھىم ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى.

سودىنى راۋانلاشتۇرۇش جەھەتتە، شىنجاڭ قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، «بىر پورت» (ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق يولى پورتى) قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، قورغاس، قەشقەر ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تېزلىتىپ، پورت ئىقتىساد بەلبېغى (19 دۆلەت نۇقتىلىق پورتىنى تايانچ قىلىش) قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد - سودا، سېلىنما ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردى. ھازىرغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 68 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىدىن 1479ى تەستىقلاندى، ئەنگە ئېلىندى، ئەمەلىي پايدىلىنىلغان چەت ئەل مەبلىغى 3 مىليارد 973 مىليون دوللار بولدى. 2014- يىلىدىن 2019- يىلى 5- ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تاشقى سودا سوممىسى 113 مىليارد 690 مىليون دوللارغا يەتتى.

ئەل رىشتىنى تۇتاشتۇرۇش جەھەتتە، ئاپتونوم رايون كۆپ قاتلام، كۆپ ساھەدە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، پەن - تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت، داۋالاش - سەھىيە قاتارلىقلاردىكى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقتا پائال نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەل رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى. 2014- يىلىدىن 2019- يىلى 5- ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 10 مىليون 849 مىڭ 500 ئادەم قېتىم چېگرادىن كىرگەن ساياھەتچى كۈتۈۋېلىندى. مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدا سىجىل قويۇپ بېرىلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تېز تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

2015- يىلىدىن 2019- يىلى 5- ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 12 مىڭ 500 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى. ھازىرغىچە، شىنجاڭدىكى 29 دوختۇرخانا ئەتراپتىكى ئۈچ دۆلەت، 24 چوڭ تىپتىكى دوختۇرخانا بىلەن چېگرا ھالقىغان يىراقتىن داۋالاش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇردى.

پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى يېڭى پەللىگە قەدەم قويدى. 5- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ 96 دۆلەت ۋە رايون بىلەن چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى كەسپىنى قانات يايدۇردى، چېگرا ھالقىپ راسچوت قىلىنغان ئەمەلىي كىرىم - چىقىم جەمئىي 193 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى