ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى ۋە ئورۇن تەرتىپى 24- چېسلا ئېلان قىلىنىدۇ
مۇخبىرىمىز جاۋ شىيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2019- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى توردا ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسى 6- ئاينىڭ 22- كۈنى سائەت 12دە ئېچىلىدىكەن. ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى «2019 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى توردا ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسى»غا كىرىپ، «2019- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى كەسىپلەر مۇندەرىجىسى»نى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇ تولدۇرۇش ئۇسۇلىنى ئىگىلىسە بولىدىكەن. «2019- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى كەسىپلەر مۇندەرىجىسى» («شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئىمتىھان <كېيىنكى قىسمى>»)نىڭ قەغەز نۇسخىسى ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىغا ئارقا - ئارقىدىن تارقىتىلىپ بېرىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، تولۇق كۇرس ئالدىنقى تۈركۈمنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى سائەت 18گىچە، باشقا تۈركۈمنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 7- ئاينىڭ 3- كۈنى سائەت 18گىچە بولىدىكەن.
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2019- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى ۋە ئورۇن تەرتىپى 6- ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 22دە ئېلان قىلىنىدۇ. شۇ ۋاقىتتا، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرىغا ئاساسەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تورى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مەخسۇس تور بېكىتى، شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى، تىيانشان تورىدا ئۆزىنىڭ نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، تۈرلۈك ئۇچۇرلار ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابۇنىچىلىرى قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىپ، سۈرۈشتۈرۈشنى زاكاز قىلسا ۋە تەلەپ قىلسا بولىدۇ، شۇنداقلا 12580گە تېلېفون قىلىپ تېلېفونىست سۇپىسىغا ئۇلاپ نەتىجە سۈرۈشتۈرۈش كەسپىنى زاكاز قىلسا بولىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ نەتىجىسىدىن گۇمانلانسا، 6- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 30- كۈنىگىچە ئىمتىھان بەرگۈچى تۇرۇشلۇق ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)تىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا بېرىپ، «2019 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسىنى قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى»نى ئېلىپ، بەلگىلىمە بويىچە قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.
شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى: http://www.xjzk.gov.cn