تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش تۇرمۇشتىكى يېڭى مودىغا ئايلاندى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى، خەۋىرى

6- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئولتۇراق رايوننىڭ ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش يېتەكچىسى ۋاڭ يەن ئاھالىلەرگە ئەخلەت خالتىسى تارقىتىپ، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرماقتا.

6- ئاينىڭ 19- كۈنى، دۈەن لۇنفۇ ئۆيىدە تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلماقتا.

6- ئاينىڭ 19- كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى خوتەن كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى سۇچىلىق مەھەللىسى ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى ئائىلىلىكلەر قورۇسىغا كىرگەندە، بۇ ئولتۇراق رايوندىكى تۈرگە ئايرىيدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەخلەتخانىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ساۋ شىڭشېڭ سەۋرچانلىق بىلەن ئاھالىلەرگە ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش ئۆلچىمى ھەم تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرۈۋاتاتتى.

«قەغەز قاپ، سولياۋ بوتۇلكا قاتارلىقلار يىغىۋېلىشقا بولىدىغان ئەخلەتلەر...» ساۋ شىڭشېڭنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇ ھەر كۈنى ئاھالىلەرگە تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىشقا يېتەكلەش تەشۋىقات ۋەرەقىسى تارقىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاھالىلەرنى ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىشقا ھەم تۈرگە ئايرىپ تاشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەۋېتىپتۇ.

مۇخبىر بۇ ئولتۇراق رايون ئىچىدىكى ئىككى جايغا تۈرگە ئايرىيدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەخلەتخانا قۇرۇلغانلىقىنى، ئىچىدە ئون نەچچە تۈرگە ئايرىيدىغان ئەخلەت تۇڭى قويۇلغانلىقىنى، ئەخلەت تۇڭلىرى ئۈستىگە ئايرىم - ئايرىم «يىغىۋېلىشقا بولىدىغان ئەخلەتلەر» «تۇرمۇش ئەخلەتلىرى» «زەھەرلىك، زىيانلىق ئەخلەتلەر» دېگەن خەتلەر يېزىلغانلىقىنى كۆردى.

ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى ئائىلىلىكلەر قورۇسى سايباغ رايونىنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئولتۇراق رايونى.

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق شەھەر مەمۇرىيىتى - شەھەر قىياپىتى ئەسلىھە باشقۇرۇش پونكىتى مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەسى بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى دەي شىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سايباغ رايونىدا توققۇز تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىش (سىناق نۇقتىسى) ئولتۇراق رايونى بولۇپ، تۈرگە ئايرىيدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەخلەتخانىدىن 17سى تەسىس قىلىنىپتۇ.

«ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىغاندا يىغىۋېلىشقا بولىدىغان بۇيۇملارنىڭ يىغىۋېلىپ ئىشلىتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرگىلى بولۇپلا قالماستىن، ئولتۇراق رايونىمىزنىڭ مۇھىت تازىلىقىمۇ ياخشىلىنىشقا ئېرىشتى.» ئولتۇراق رايون ئاھالىسى دۈەن لۇنفۇ ئولتۇراق رايوندىكى يېڭى تىپتىكى تۈرگە ئايرىش ئەخلەت تۇڭىنى قايتا - قايتا ماختاپ مۇنداق دېدى: «ھازىر، بىز تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىش ئادىتىنى تەدرىجىي يېتىلدۈرۈۋاتىمىز، مۇھىت ئاسراش ئېڭىمىز تېخىمۇ كۈچەيدى».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى