تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش ئۆسۈپ يېتىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان دەرسلىك

    يېقىندا، شاڭخەيدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ «ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىش»نى ئائىلە تاپشۇرۇقىغا كىرگۈزگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى، شۇنداقلا ئاتا - ئانىلارنى ئويلاندۇردى: بۈگۈن، بىز ئۆي ئىشلىرى قىلىشنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى رولىغا قانداق قارىشىمىز كېرەك؟

       ئەمگەك ئادەمنىڭ ئاساسىي ياشاش ئىقتىدارى. يوتقان-كۆرپە يىغىش، ئەخلەت تۆكۈش، كىر يۇيۇش قاتارلىق قۇربى يېتىدىغان ئائىلە ئەمگىكى بالىنىڭ ئۆز ھاجىتىدىن چىقىش ئىقتىدارىنى، مۇستەقىللىقىنى يېتىلدۈرۈپ، «ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلىش» قارىشىنى تۇرغۇزۇپلا قالماستىن، يەنە «كىچىك ئىشلار»نى ھەل قىلىش داۋامىدا، بالىلارنىڭ بەدىنىنى چېنىقتۇرۇپ، ئىرادىسىنى تاۋلىغىلى بولىدۇ. «ئاتا-ئانا بالىسىنى ياخشى كۆرسە، ئۇنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئويلىنىشى لازىم». ئائىلە ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى چوڭلار قىلىش، قارىماققا بالىلارنى «ئاز جاپا تارتقۇزۇش»تەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بالىلارنىڭ ئۆز ھاجىتىدىن چىقىش، ئۆزىنى كۈچەيتىش پۇرسىتىنى قولدىن چىقىرىپ قويىدۇ؛ ئەكسىچە، بالىلارغا ئۆي ئىشلىرىنى قىلغۇزۇش بالىغا «جاپا تارتقۇزۇش» ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە بالىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالغانلىق بولىدۇ.

    ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى زۆرۈر دەرسلىك. ئوخشاشلا، بوز يەر ئېچىش، تېرىقچىلىق قىلىش، ئوغۇتلاش ئىشلىرىغا قاتناشقاندا، بالىلارغا بىر ۋاق تاماقنىڭ ئاسانغا كەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ؛ ساۋاقداشلار بىلەن بىرلىكتە سىنىپنى تازىلىغاندا، بالىلارغا ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ؛ ئۆزى تىككەن كۆكتات مايسىلىرىنىڭ ياخشى ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكىنى كۆرگەندە بالىلار «ئەمگەك ئەڭ شەرەپلىك، ئەمگەك ئەڭ ئالىيجاناب، ئەمگەك ئەڭ ئۇلۇغ، ئەمگەك ئەڭ گۈزەل» دېگەن قائىدىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئۆي ئىشلىرىنى تېخىمۇ كۆپرەك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى