تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ فۇكاڭ كوچىسى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

«خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىش، ھادىسىنى تىزگىنلەش» تەشۋىقات پائالىيەت مەيدانى.

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر تاڭ پىڭ فوتوسى، خەۋىرى): بىخەتەر تەرەققىيات قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى ۋاقتىدا تۈگىتىش ئۈچۈن، 6-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ فۇكاڭ كوچىسى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى، فۇكاڭ كوچىسى ئاھالىلەر كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە جىنكۈن ئولتۇراق رايونىدا «خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىش، ھادىسىنى تېزگىنلەش» ئاساسىي تېما قىلىنغان تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، تەۋەلىكتىكى ئامما، ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ كادىرلىرى بولۇپ تەخمىنەن 100دىن ئارتۇق ئادەم پائالىيەتكە قاتناشتى.

ئاھالىلەر بىرلىكتە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىقات ئېيى ئاساسىي تېما قىلىنغان كۆرگەزمىنى كۆرمەكتە.

بۇ قېتىمقى تەشۋىقات ـ تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنىڭ بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، بىخەتەرلىك بىلىملىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى. پائالىيەت تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنىڭ قوللىشى ۋە ماختىشىغا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى