شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6-ئاينىڭ 19-كۈنى خەۋىرى (مۇخبىر ماي يىنىڭ خەۋىرى): 6-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 9:30 دا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى B787 ئايروپىلانى گۇاڭجوۋ بەييۈن خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ، ئۈرۈمچىدە ۋاقىتلىق توختىغاندىن كېيىن، شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 17:30دا ۋيېناغا بىخەتەر يېتىپ باردى، بۇ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ گۇاڭجوۋ-ئۈرۈمچى-ۋيېنا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە تۇنجى ئۇچۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا، جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئاچقان تۇنجى گۇاڭجوۋدىن ئۇچۇپ، شىنجاڭدا توختاپ، ئاۋسترىيەگە ئۇچىدىغان قەرەللىك يولۇچى توشۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بولۇپ، بۇ لىنىيە جۇڭگو شىنجاڭدىن ئاۋستىرىيەگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئەڭ تېز ھاۋا كارىدورى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭدىن ياۋروپانىڭ كىندىكىگىچە بولغان ئۇزۇن لىنىيەدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى.
ئىگىلىنىشچە، بۇرۇن شىنجاڭدىن ياۋروپاغا بېرىشتا يولۇچىلار بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋغا بېرىپ ئايروپىلان ئالمىشىدىكەن، بۇنىڭغا ئاز دېگەندە ئىككى كۈن ۋاقىت سەرپ بولىدىكەن، ھازىر ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ يەتتە سائەت ئۇچسىلا غەربىي ياۋروپاغا بىۋاستە يېتىپ بارالايدىكەن. جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى گۇاڭجوۋ-ئۈرۈمچى-ۋيېنا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىشنى پۇرسەت بىلىپ، گۇاڭجوۋ، شىنجاڭدىن ئۇچىدىغان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى تورىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ۋە گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلغان.