تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

يەنجى ناھىيەسى: جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى تېرىقچىلىقى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى

  يەنجى ناھىيەسى دەنزىل بازىرى بوغدا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئوسما يىلتىزى ئورۇماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار ياڭ جىرۇڭ، ما گوچىڭ خەۋىرى، فوتوسى): بۇ يىل، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى شۇ جاينىڭ تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى تېرىپ، دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى.

  6-ئاينىڭ 17-كۈنى، يەنجى ناھىيەسى دەنزىل بازىرى بوغدا كەنتىدىكى ئوسما يىلتىزى ئېتىزىدا، كومبايىن ئوسما يىلتىزى يىغىۋاتقان بولۇپ، ئەتراپنى جۇڭيى دورا ماتېرىيالىنىڭ خۇش ھىدى قاپلىغانىدى. بۇ كەنتنىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتى مۇدىرى ياڭ رۇيشېڭ مۇنداق دېدى: بۇ ئوسما يىلتىزلىرىنىڭ ئۇرۇقلىرىنى شەرقىي شىمالدىكى سودىگەرلەر زاكاز قىلىپ بولدى، بىر مو يەردىن 5000 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلغىلى بولىدۇ.

  2017-يىلى، يەنجى ناھىيەلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ دەنزىل بازىرى بوغدا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت كادىرلىرى شىمالىي شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، «كىرىمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاۋۋال تېرىقچىلىق ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات تەپەككۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بازارلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، بوغدا كەنتى جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىشقا باشلىدى.

  2018 -يىلى 5-ئايدا، بوغدا كەنتىدە رۈيفېڭيۈەن جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلدى، بۇ كەنتنىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتى مۇدىرى ياڭ رۇيشېڭ كوپىراتىپنىڭ مەسئۇلى بولدى. كوپىراتىپ ھەر مو يەرگە 430 يۈەنلىك باھا بىلەن 340 ئائىلىنىڭ 1000 مو يېرىنى ئوبوروت قىلىپ، «بىر تۇتاش پىلانلاش، بىر تۇتاش تېرىش، بىر تۇتاش باشقۇرۇش، پايغا قاراپ پايدا تەقسىملەش»تەك ئەندىزە ئارقىلىق، ئوسما يىلتىزى، گۇەنفاڭفېڭ ۋە قوڭغۇراقگۈل تېرىدى. كەنت ئاھالىسى مۇساجان ئوبۇلھاشىم 40 مو يەرنى ئوبوروت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «يەرنى ئوبوروت قىلساق بىر ئۈلۈش كىرىم بولىدۇ، كوپىراتىپنىڭ جۇڭيى دورىلىرى ئېتىزىدا ئىشلىسەك يەنە بىر ئۈلۈش كىرىم بولىدۇ، مەن ھازىر جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى باشقۇرۇۋاتىمەن، ھەر كۈنى 200 يۈەن كىرىم قىلالايمەن.»

  ياڭ رۈيشېڭ مۇنۇلارنى دېدى: كەنتتە تېرىلغان جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنىڭ دورىلىق قىممىتى يۇقىرى، بازار ئىستىقبالى ياخشى. ئوسما يىلتىزى قاتارلىق دورا ماتېرىياللىرىنىڭ چېچەكلەش مەزگىلى بىر قەدەر ئۇزۇن بولۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈزەللەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلغىلى بولىدۇ، بۇ يىل كەنتكە كېلىپ سەيلە قىلغان ساياھەتچى 20 مىڭغا يەتتى، يەرلىكتىكى ئامما دېھقانلار ئارامگاھى ئاچتى، نان، راڭپىزا، كاۋاپلار ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىمۇ ئاشتى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەنە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، بۇ جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنىڭ سېتىلىش يولىنى تېپىپ بەردى. 2018-يىلى، ئوسما يىلتىزى تېرىغان دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 1000 يۈەندىن 1500 يۈەنگىچە ئاشتى.

 

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى