تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

پىژغىرىم ئىسسىقتا دىيابېت بىمارلىرى سەككىز تەييارلىقنى ياخشى قىلىشى كېرەك

ياز پەسلىدىكى پىژغىرىم ئىسسىققا تاقابىل تۇرۇش تەس، دىيابېت بىمارلىرى ياز پەسلىدە تېخىمۇ بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ. دىيابېت بىمارلىرى ئەگەر يازنى خاتىرجەم ئۆتكۈزمەكچى بولسا، تۆۋەندىكى سەككىز تەييارلىقنى ياخشى قىلىشى كېرەك:

1. سۇسىزلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. نۇرغۇنلىغان دىيابېت بىمارلىرى ئۇسساپ كەتسىمۇ سۇنى كۆپ ئىچىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ، بۇ بىر خاتا قاراش. ئەمەلىيەتتە، ياز پەسلىدە تەر كۆپ چىققاچقا، ئاسانلا سۇسىزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قان شېكىرى كونتروللۇقىنى يوقاتقاندا، دىيابېت بىمارلىرى تېخىمۇ ئاسانلا سۇسىزلىنىپ كېتىدۇ. قان شېكىرى قانچە يۇقىرى بولسا، كىچىك تەرەت شۇنچە كۆپ بولىدۇ. شۇڭا، دىيابېت بىمارلىرى سۇنى كۆپرەك ئېچىشى كېرەك، مەسىلەن: قايناقسۇ، مىنېرال سۇ، شېكەرسىز مۇز چاي، لىمون سۈيى قاتارلىق كوففېئىن قوشۇلمىغان ئىچىملىكلەرنى ئىچسە بولىدۇ.

2. ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. دىيابېت كېسىلى ۋە يۈرەك كېسىلى قاتارلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك بىمارلىرىغا ئاسانلا ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ. ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش ئالامەتلىرى: باش قېيىش، كۆز تورلىشىش ياكى ھوشىدىن كېتىش، كۆپ تەرلەش، مۇسكۇل تارتىشىپ قېلىش، تېرە مۇزلاپ نەملىشىش، باش ئاغرىش، يۈرەك سوقۇش تېزلىشىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆڭلى ئېلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ناۋادا يۇقارقى كېسەللىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، دىيابىت بىمارلىرى دەرھال سالقىن جايغا يۆتكىلىپ، كۆپ مىقداردا سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ، مېۋە شەربىتى ياكى تەنھەرىكەت ئىچىملىكى ئىچىشى كېرەك. زۆرۈر بولغاندا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىشى كېرەك.

3. ھەرىكەت قىلىش ۋاقتىنى تاللاش كېرەك. دىيابېت بىمارلىرى ياز پەسلىدە ھەرىكەت قىلغاندا چوقۇم مۇۋاپىق ۋاقىت ۋە ئورۇننى تاللىشى كېرەك. مەسىلەن: ھاۋا تەڭشىگۈچ بار چېنىقىش ئۆيىنى تاللىشى، ئەڭ ياخشىسى ئەتىگەن ياكى كەچقۇرۇندىكى تېمپېراتۇرا نىسبەتەن تۆۋەن بولىدىغان چاغنى تاللىشى، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشى كېرەك .

4. مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش كېرەك. دىيابېت بىمارلىرى يازدا سوغۇق ئىچىملىك، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپ يېسە بولمايدۇ، بولمىسا ئاسانلا ئاشقازان ياللۇغى ياكى يۇقىرى قان شېكىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۇگۇۋا (ئاچچىق كاۋا) ۋە پىيازنىڭ «شېكەرنى تۆۋەنلەتكۈچى جەڭچى» دەيدىغان نامى بار، بۇلارنى كۆپ يەپ بەرسە پايدىلىق.

5. كۈندە ئاز دېگەندە تۆت قېتىم قان شېكىرىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. دىيابېت بىمارلىرى ياز پەسلىدە بىئارام بولغاندا، ئەڭ ياخشىسى قان شېكىرىنى كۈندە تۆت قېتىم تەكشۈرۈشى كېرەك.

6. تېرىنى ئاسراش كېرەك. كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلىش تەس بولغان دىيابېت بىمارلىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى يارا قاتارلىق تېرە مەسىلىلىرى كۆرۈلىدۇ. يازدا تەر تېخىمۇ كۆپ چىقىدىغان بولغاچقا، ئەر دىيابېت بىمارلىرىنىڭ چاترىقى قاتارلىق ئورۇنلاردىمۇ باكېترىيە بىلەن يۇقۇملىنىش كۆرۈلىدۇ، ئايال دىيابېت بىمارلىرىدا بولسا ئاسانلا سۈيدۈك يولى بىلەن يۇقۇملىنىش كۆرۈلىدۇ، ئەڭ ياخشىسى ساپ پاختىدىن تىكىلگەن كىيىملەرنى تاللاپ كىيىش كېرەك.

7. پۇتنى ئاسراش كېرەك. يازدا يالاڭ ئاياغ يۈرىدىغان پۇرسەت كۆپ، پۇتتىن تەرمۇ كۆپ چىقىدۇ، شۇڭا ئاسانلا پۇت زەخىملىنىش، زەمبۇرۇغ، باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، دىيابېت بىمارلىرى ئامال بار پۇتقا كۆپرەك ھاۋا ئۆتكۈزۈشى كېرەك. پۇتنى دائىم يۇيۇپ تۇرۇش ھەمدە قۇرغاق ساقلاش، پۇتتا يۇقۇملىنىش كۆرۈلدىمۇ-يوق قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك.

8. ئىنسۇلىننى قۇرغاق سالقىن جايغا قويۇش كېرەك. ئىنسۇلىننى ھەرگىز تېمپېراتۇرا بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن جايغا قويماسلىق كېرەك. توڭلاتقۇنىڭ ئىچىگە سېلىپ سوغۇق ساقلاشقا، قۇياش نۇرى ئاستىدا ئاپتاپقا سېلىشقا بولمايدۇ، ئاپتوموبىلنىڭ پرىبور تاختىسى يېنىدىكى نەرسە ساقلاش قۇتىسىغا سېلىپ ساقلاشقىمۇ بولمايدۇ.

(خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى