تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئۆز دائىرىسى ئىچىدىكى ئىشنى ياخشى قىلغانلىق ۋەتەننى سۆيگەنلىك

چيۇ يەنرۇڭ

«قەدىمىي شەرقتە بىر ئەجدىھا بار، ئۇنىڭ ئىسمى جۇڭگو، قەدىمىي شەرقتە بىر توپ ئادەم بار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەجدىھانىڭ ئەۋلادلىرى...» ھەر قېتىم بۇ ناخشىنى ئېيتقاندا، ھەمىشە غەيرىتىم ئۇرغۇپ تاشىدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا بۇ ناخشىنى ئۆگەتكىنىمدە، مەن خۇددى ئۇلارنىڭ تومۇرىدا ئۇرغۇۋاتقان كۈچنى ھېس قىلغاندەك بولىمەن. شۇنداق، بالىلىرىمىزغا كىچىكىدىن باشلاپلا ئائىلە، دۆلەت مۇھەببىتى بولۇشنى، كىچىكىدىن باشلاپلا كۈرەش قىلىشنى بىلىشنى ئۆگىتىشىمىز كېرەك. ئۆسمۈرلەر كۈچلۈك بولسا، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ.

جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، بوران - چاپقۇندىن قورقماي جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش. 1949- يىلىدىن 2019- يىلىغىچە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 70 يىللىق شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. 70 يىل جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى شانلىق سەھىپە پۈتتى. بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، بىز جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدۇق. جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى نۇرغۇن ئۇلۇغ ئىرادە تىكلەپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلغاچقا، بۈگۈنكى يۈكسەلگەن جۇڭگونى بارلىققا كەلتۈردى.

«بىز ھەممىمىز تىرىشىپ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتىمىز، بىز ھەممىمىز ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر.» ھەربىر كىشىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن قۇدرەتلىك زور كۈچ مۇجەسسەملەندى، ھەربىر كىشىنىڭ «كىچىك ئارزۇسى»دىن جۇڭگونىڭ «چوڭ ئارزۇسى» مۇجەسسەملەندى.

نەنكەي داشۆسىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى جاڭ بولىڭنىڭ ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان «سىز جۇڭگولۇقمۇ؟ سىز جۇڭگونى سۆيەمسىز؟ سىز جۇڭگونىڭ قۇدرەت تېپىشىنى خالامسىز؟» دېگەن مەشھۇر «ۋەتەننى سۆيۈش توغرىسىدىكى ئۈچ سوئال»ى ئېسىمگە كەلدى.

«لياڭيۈەن گەرچە ياخشى بولسىمۇ، ئۇزاق تۇرۇشقا بولمايدىغان جاي. بارساقمۇ يەنە قايتىپ كېلىمىز.» بۇ خۇا لوگېڭنىڭ «جۇڭگودىن ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇغان بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئوچۇق خەت»تە يازغان جۈملىسى. 1950- يىلى ئاللىبۇرۇن دۇنيا ماتېماتىكا ساھەسىدە داڭ چىقارغان خۇا لوگېڭ ئامېرىكىدىكى باياشات تۇرمۇشىدىن قەتئىيلىك بىلەن ۋاز كېچىپ، ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن، يەنە تېخى ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا بىر پارچە ئوچۇق خەت يېزىپ، كۆپچىلىكنى ۋەتەنگە قايتىپ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشقا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلغان. ئۇ خېتىدە جۇڭخۇانى سۆيۈش ئوتلۇق ھېسسىياتىغا تولغان قەلبىنى ئىزھار قىلىپ: «دۆلەت، مىللەت ئۈچۈن بىز قايتىپ كېتىشىمىز كېرەك...» دېگەن.

يەنە ئەي چىڭنىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇراجىئەت قىلىپ: «نېمىشقا كۆزۈمدىن ياش قۇرۇمايدۇ؟ چۈنكى مەن بۇ زېمىننى چوڭقۇر سۆيىمەن!» دېگىنى ئېسىمگە كەلدى.

مىللىي قەھرىمانلار، ئالىملار، يازغۇچىلار، زىيالىيلار، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە قابىلىيىتى ئارقىلىق دۆلەتكە تۆھپە قوشۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش ناخشىسىنى پۈتتى. ئاھ ۋەتىنىم، مەن سېنى قانداق ئۇسۇلدا سۆيسەم بولىدۇ؟ مەن ئۆزۈمدىن ئاستاغىنە سورىدىم. مەن شۇنچە ئاددىي ئادەم، باشقىلارنى بېسىپ چۈشكۈدەك تالانتىم يوق، يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالغۇدەك ئىشلارنى قىلالمايمەن، مەن پەقەت بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى.

«ئورنۇم تۆۋەن بولسىمۇ دۆلەتنىڭ غېمىنى يېيىشنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ قالاي»، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىدىكى لۇ يوۋ مۇشۇنداق دېگەن.

«ۋەتەننى سۆيۈشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇلى ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشنى سۆيۈشتىن ئىبارەت» داڭلىق مائارىپچى شيې جۆزەينىڭ ئەقلىيە سۆزى ماڭا جاۋاب بەردى.

ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەنلىك ۋەتەننى سۆيگەنلىك.

مائارىپتىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراقتا، ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتقىنىمغا 20 يىل بولدى. ئۈچ چى كېلىدىغان دەرس مۇنبىرى مېنىڭ كېچىكىم، بىر مو چاسا ئېتىزىم، بىر گۈلزارلىقىم. 20 يىللىق ياشلىق باھارىم ۋە قىزغىنلىقىم، 20 يىللىق ئارزۇيۇم ۋە ئىزدىنىشىمدە ئوتلۇق قەلبىم ئۆزگەرمىدى. بىلىم ئۇرۇقىنىڭ ئىللىق باھار شامىلىدا ئاستا - ئاستا بىخ سۈرگەنلىكىنى، يوپۇرماق چىقارغانلىقىنى، يېشىللىققا پۈركەلگەنلىكىنى كۆرگەن چېغىم دەل مېنىڭ ئەڭ پەخىرلەنگەن چېغىم.

بىڭشىن بوۋاينىڭ: «مۇھەببەت سول تەرەپتە، مەسئۇلىيەت ئوڭ تەرەپتە بولىدۇ، ھاياتلىق سەپىرىنىڭ ئىككى يېقىدا ماڭغاندا، ھەر ۋاقىت ئۇرۇق چېچىلىپ، ھەر ۋاقىت گۈل ئېچىلىدۇ. بۇ، ئۇزۇن سەپەرنى گۈل - چېچەككە پۈركەپ، خۇش پۇراققا تولدۇرىدۇ، جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچى تىكەننى دەسسىسىمۇ، ئاغرىقنى ھېس قىلمايدۇ، كۆز يېشى ئېقىپ تۇرسىمۇ، ئۇنى بەخت دەپ بىلىدۇ» دېگەن بىر جۈملە سۆزى ئېسىمگە كەلدى.

مۇھەببەت بىلەن ئۈمىد ئۇرۇقى چېچىپ، مەسئۇلىيەت بىلەن ھەربىر يۇمران مايسىنى سۇغىرىش كېرەك. ئۆز دائىرىسى ئىچىدىكى ئىشنى ياخشى قىلغانلىق ۋەتەننى سۆيگەنلىك.

(ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى «غەربىي قىسىم» ژۇرنىلىنىڭ «مەن ۋە ۋەتىنىم» تېمىسىدىكى ماقالە قوبۇل قىلىشقا تاللانغان ماقالە)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى